خۇجىنتاۋ، شەنبە كۈنى، خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى كېىۋېن رود بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى جەريانىدا بەرگەن باياناتىدا، " بىزنىڭ دالاي لاما گۇرۇھى بىلەن ئىختىلاپسىز بىر مىللىي، دىنىي ياكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس. بۇ دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ياكى دۆلەتنى پارچىلاش مەسىلىسىدۇر" دېگەن.
بۇ، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ نىڭ تىبەتتىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە تۇنجى ئوچۇق باياناتى ھېسابلىنىدىكەن.
سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، خۇجىنتاۋ نىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتى، چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تىبەت تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرىدە تىبەتلەرنى قوللاۋاتقان تەشكىلاتلار ۋە سىياسىيونلارغا قاراتقان تەنقىدلىرىنى ئالاھىدە كۈچەيتكەندىن كېيىن، بۇنداق بىر بايانات بەرگەنلىكىگە دىققەت تارتماقتا.
بۇ ئارىدا، چەتئەللەردىكى تىبەت تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، تىبەتتىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ. شەنبە كۈنى ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشقا مىڭلىغان تىبەتلىك قاتناشقان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھىندىستان ھۆكۈمىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلەرنىڭ نارازىلىق نامايىشىنى چەكلەش توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى رەت قىلغان.
