ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن ئاي ھىندىستاندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى دوكلات ئېلان قىلىپ، نارازىلىق بىلدۈرگۈچى 100 ئادەمدىن 40 ىنىڭ تىبەت ۋە تىبەتكە يېقىن جايلاردا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بايان قىلغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى، سەيشەنبە كۈنى لخاسادىكى بىر ساقچىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ھازىرغا قەدەر ھەر قانداق بىر تىبەتلىك نارازىلىق بىلدۈرگۈچىنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە تېخى ئېنىق بىر يەكۈن چىقىرالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
سۈرگۈندىكى تىبەت پارلامېنت ئەزاسى كېساڭ شىزەن، مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ لخاسادىكى خىتاي ساقچىسىنىڭ قارىشىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ، باستۇرۇلۇش جەريانىدا ئۆلگەن ھەر بىر تىبەتلىكنىڭ ئىسىم - فامىلىسى، تۇغۇلغان جايى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارنىڭ ئائىلىسى تەرىپىدىن شۇنىڭدەك ئىشەنچىلىك ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن ئالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
تىبەتتە قوزغالغان نامايىش 10 - مارت كۈنى، تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 49 يىللىق خاتىرە كۈنىدە باشلانغان بولۇپ، خەلقئارا جامائەت شۇنىڭدەك خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ھازىرغا قەدەر پەسەيمىگەن تىبەت ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشىلەنمەكتە ۋە خىتاينى تىبەت مەسىلىسىنى تېنچ يول بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا قىستىماقتا.
