تىبەتتە لامالارنى قولغا ئېلىش ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.06.05
2008.06.05
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە 5 - ئاپرىل، 8 - ئاپرىل ۋە 15 - ئاپرىل كۈنلىرى يۈز بەرگەن پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان گۇماندارلارنىڭ بىر قسىملىر 13 - ماي كۈنى قولغا ئېلىنغان بولۇپ، يەنە 3 نەپەر گۇماندار جىددىي ئاختۇرۇلماقتا ئىكەن.
تىبەت ساقچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، قولغا ئېلىنغان لاما مۇرىتلىرى ئۆزلىرىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى رادىئو خەۋەرلىرىنى ئاڭلايدىغانلىقى ۋە دالاي تەشكىلاتىنىڭ بۆلگۈنچىلىك تەشۋىقاتىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلغان.
تىبەتتە يۈز بەرگەن مەزكۈر پارتلاشلار، ئېلېكتىر توك بېسىمىنى تەڭشىگۈچى ترانسفورماتورنى پارتلىتىش، قوراللىق ساقچى ئەترىتىنىڭ پونكىتىنى پارتلىتىش ھەمدە پارتلاتقۇچ بومبا سىنىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان پارتلاشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە پارتلاشتىن كېلىپ چىققان زىيان شۇنىڭدەك ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ بار - يوقلۇقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.
تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يېقىندا دالاي لامانىڭ نۇتۇقلىرىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، تىبەت مۇستەقىللىقىنى تەرغىپ قىلغۇچىلارنىڭ پات ئارىدا يەنە " توپىلاڭ " چىقىرىش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
رادىئومىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1 - ئىيۇن كۈنى سىچۈەننىڭ ئابا ناھىيىسىدىكى گېبا ئىبادەتخانىسىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دالاي لاماغا قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىۋىي تەربىيە خىزمىتى ئىشلەپ، ئېلىپ بارغان بېسىملىرىدىن بىزار بولغان 2000 دىن ئارتۇق راھىب خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆججىتىگە ئىمزا ئېتىشنى رەت قىلىپ ئىبادەتخانىدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن.









