دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي تەرەپ ئارىسىدىكى سۆھبەت باشلاندى
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008.05.04
2008.05.04
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ شىنخۇئادىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، بۇ، 3 - ئايدا لخاسادىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى باستۇرۇلۇش بىلەن كۆتۈرۈلگەن تىبەتلەرنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى بىر قېتىملىق غەيرى رەسمىي ئۇچرىشىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئەلۋەتتە، خىتاي تېخى يېقىندىلا دالاي لاما تەرەپ بىلەن سۆھبەتلىشىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
گەرچە بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ تولۇق مەزمۇنى ۋە نەتىجىسى تېخى ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق، ھىندىستاننىڭ دارامسالا رايونىدىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر ئىككى ئەلچىنىڭ خىتاي تەرەپكە " ھۆرمەتلىك دالاي لامانىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتنى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىغا چوڭقۇر دىققەت قىلىۋاتقانلىقى يەتكۈزىدىغانلىقى ھەمدە قانداق قىلغاندا رايوندىكى تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە تەكلىپلەرنى بېرىدىغانلىقى" نى بىلدۈرگەن.
شىنخۇئانىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تەرەپ خىتاينىڭ تىبەتتىكى سىياسەتلىرىنى ئاقلىغان ھەمدە ئۇلارنى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى ۋە ئولىمپىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى توختىتىشقا چاقىرغان. بىراق تىبەت ئەلچىلىرىنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئېيتمىغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ داۋاملىق سۆھبەتلىشىش ھەققىدە پۈتۈشكەن. لېكىن، بىر قىسىم تىبەتلەر بۇ سۆھبەتتىن چوڭ ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ياپونىيە زىيارىتى ھارپىسىدا ياپون مۇخبىرلىرىغا، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى دالاي تەرەپ بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن غەيرى رەسمىي سۆھبەتنىڭ ئاكتۇئال نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە" دالاي تەرەپنىڭ مۇستەقىللىق ۋە زوراۋانلىق پائالىيەتلىرىنى قوزغىتىشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى" نى ئەسكەرتكەن.









