ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان خىتاي - تىبەت سۆھبىتى كېچىكتۈرۈلگەن

تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ جۈمە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دالاي لاما ۋەكىللىرى ئارىسىدا 11 ‏ - ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان خىتاي - تىبەت سۆھبىتى، سىچۈەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.06.06

 دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي ئەمەلدارلىرى " لخاسا ۋەقەسى"دىن كېيىن ماي ئېيىنىڭ باشلىرى تۇنجى قېتىم شىنجېندا ئۇچرىشىپ، 11 ‏ - ئىيۇن كۈنى بېيجىڭدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە كېلىشكەن ئىدى.

دالاي لامانىڭ ياردەمچىسى تەنزىن تالخا، سۆھبەتنىڭ سىچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى، لېكىن سۆھبەتنىڭ مۇشۇ ئاي ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا " بىز سۆھبەت ۋاقتىنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىمىز. ئەسلىدىكى سۆھبەت ۋاقتى 11 ‏ - ئىيۇن ئىدى. لېكىن بۇ كېچىكتۈرۈلدى " دەيدۇ.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈنلەر ئىلگىرى سۆھبەتنىڭ كېچىكتۈرۈلۈش ئېھتىمالى بارلىقىدىن بىشارەت بەرگەن ئىدى. تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى توپتىن سامپېل پەيشەنبە كۈنى سۆھبەتنىڭ تېزرەك ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

شېنجىندىكى سۆھبەتكە قاتناشقان دالاي لامانىڭ ۋەكىلى لودى گيارى، شېنجىندىكى سۆھبەتتە تەرەپلەرنىڭ كېلەچەككە مۇناسىۋەتلىك كونكرېت پىلانلىرىنى ئالماشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن دالاي لامانى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن دالاي لاماغا سۆھبەت ئىشىكىنىڭ ئوچۇقلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.