ئامېرىكا ئالىي سوتى «تىك-توك» نىڭ نارازىلىق داۋاسىغا قاراپ چىقتى
2025.01.10
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشى ۋە ھەمدە 2024-يىلى 4-ئايدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن مەخسۇس قانۇن ماقۇللىنىپ، ئامېرىكالىقلارنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكى ۋە ھەمدە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە جىددىي تەھدىت، دەپ قارىلىۋاتقان تىك-توك ئەپىنى چەكلەش قارار قىلىنغان ئىدى. مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن، ئەگەر تىك-توك 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنىگە قەدەر، ئۆزىنىڭ خىتايدىكى باش شىركىتى بولغان بايتدەنس(ByteDance) تىن ئايرىلىپ چىقمىسا، ئۇ ھالدا بۇ قانۇن شۇ كۈندىن ئېتىبارەن كۈچكە ئىگە بولۇپ، تىك-توك ئەپى ئامېرىكادا قوللىنىلىشتىن رەسمىي چەكلىنىدىكەن.
تىك-توك شىركىتى بۇ قارارغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە سوتىغا ئەرز سۇنغان ۋە ئۇنىڭ ئەرزى فېدېراتسىيە سوتىدا رەت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما تىك-توك داۋاملىق ھالدا ئامېرىكا ئالىي سوتىغا ئەرز سۇنغان. تىك-توك شىركىتى ئەرزىدە «بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ تىك-توكنى چەكلەش قانۇنى ئامېرىكانىڭ ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ، بۇ ئەپنى چەكلەش ئامېرىكالىقلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلىگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دېگەن مۇنازىرىنى ئالغا سۈرگەن.
بۈگۈن، يەنى 10-يانۋار كۈنى ئامېرىكا ئالىي سوتىدا ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئادۋوكاتلىرى بىلەن تىك-توك شىركىتىنىڭ ئادۋوكاتلىرى ئارىسىدىكى داۋا كۆرۈلگەن بولۇپ، داۋا جەريانى نەق مەيداندىن تارقىتىلغان. 3 سائەتكە يېقىن داۋام قىلغان مۇنازىرىنىڭ نەتىجىسى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئايدىڭلىشىدىغان بولسىمۇ، بىراق نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر ئامېرىكا ئالىي سوتچىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپىنىڭ تىك-توكنى چەكلەش ھەققىدىكى قانۇننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى چىقىش قىلغانلىقى ۋە ئۇنى ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ ئەمەس دەپ قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ قانۇننى داۋاملىق ئىناۋەتكە ئىگە بولۇشى مۇمكىن، دېگەن پەرەزنى ئورتاقلاشماقتا.
مەزكۇر سوت ئېچىلىۋاتقاندا، قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى قوللايدىغان نۇرغۇنلىغان قوللىغۇچىلار ئامېرىكا ئالىي سوتى ئالدىغا يىغىلىپ ئاخبارات ئېلان قىلىش ۋە نامايىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بۇ قانۇننى قوغدىغان ۋە تىك-توكنىڭ چەكلىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلەشكەن.
بۇلارنىڭ ئىچىدە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىمۇ بار. بۇ تەشكىلاتنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىمنىڭ دېيىشىچە، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 تەشكىلات ئامېرىكا ئالىي سوتىغا تىك-توكنى چەكلەش ھەققىدە ماتېرىيال سۇنغان.
روشەن خانىم سۆزىدە، تىك-توك ئەپىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش قورالى ۋە ھەمدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش قورالى سۈپىتىدە ئامېرىكا جامائىتىگە ھەمدە ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دەرۋەقە، پىكىر ئەركىنلىكىنى ئۆزىگە قالقان قىلىۋاتقان تىك-توك ئەپى ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى ۋىدىيولارنى تىك-توكتىن ئۆچۈرۈۋەتكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. بۇنىڭ ئەڭ يېڭى مىسالى ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغان نەفىسە ئوغۇزنىڭ ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا «ۋەتەن» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى دوغۇ پېرىنچەك بىلەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان مۇنازىرە ۋىدېيوسىنىڭ تىك-توك تەرىپىدىن ئۆچۈرۈلۈشى ئىدى.
روشەن ئابباس خانىم تىك-توك ئەپىنى چەكلەشنىڭ قانداقتۇر ئامېرىكالىقلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلىگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
مەزكۇر سوت باشلانغان كۈنى، بۇ قانۇن لايىھەسىنى سۇنغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان سابىق ئاۋام پالاتا ئەزاسى ۋە ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىشلىرى پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى مايك گاللىگىر ئەپەندىمۇ «ۋول-سىترىت ژورنىلى» دا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئالىي سوتىنى مەزكۇر قانۇننى ساقلاپ قېلىشقا چاقىرغان. ئۇ ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن:
«تىك-توك ئۈچۈن ئەڭ ياخشى چىقىش يولى ئۆزىنىڭ باش شىركىتىنى ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت. بىزنىڭ بۇنىڭدىكى مەقسىتىمىز ھەرگىزمۇ ئامېرىكالىقلارنىڭ تىك-توك ئىشلىتىشىنى توسۇش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ تىك-توكنى بىخەتەر ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.»
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى جوش روگىن X تورىغا يازغان ئىنكاسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىك-توكنى كونترول قىلىشتىن مەھرۇم قېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۇ مۇنداق دەپ يازغان:
«خىتاي ھۆكۈمىتى بايتدەنسنىڭ تىك-توكنى سېتىشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ. ئۇلار ئۇنى سېتىۋەتكەندىن كۆرە بىراقلا يوقىتىشنى ئەلا كۆرىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۈچۈن مەسىلە پۇل ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ سىياسىتىمىز ۋە جەمئىيىتىمىزگە تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئارىلىشىشتىن ئىبارەت.»
10-يانۋار كۈنىدىكى ئالىي سوتتا ئېلىپ بېرىلغان بۈگۈنكى دەۋادىمۇ ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئادۋوكاتلىرى تىك-توكنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ھەققىدىكى مۇنازىرىسىنى رەت قىلىپ، بۇنىڭ مىليونلىغان ئامېرىكالىقلارنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرى ۋە ھەمدە ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە قارىتىلغان تەھدىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇلار مۇنازىرىسىدە، بۇ يەردىكى مەسىلىنىڭ تىك-توكنى چەكلەش ئەمەس، پەقەت تىك-توكنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن چىقىشقا قىستاشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، داۋا ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، 19-يانۋار كۈنىنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئامېرىكا ئالىي سوتى بۇ ھەقتىكى ئاخىرقى قارارىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېلان قىلىشى مۇمكىنكەن.