«توغراق» ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىغا چېتىشلىق 4 ئوقۇغۇچى «جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش» بىلەن ئەيىبلىنىپ كېسىۋېتىلگەن
2024.08.23

ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ياشلار ئىتتىپاقى كومىتېتىغا تەۋە بولغان، ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن «توغراق» ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىمۇ 2017 -يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندا زەربە بېرىش نىشانلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. دەلىللىنىشىچە، «1-ئاۋغۇست يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن زۇلپىقار روزىھاجى قاتارلىق 3 ئوقۇغۇچى، مالىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تۈركزات غەيرەت بولۇپ 4 ئوقۇغۇچى «جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش» بىلەن ئەيىبلىنىپ 10 يىللىقتىن يۇقىرى كېسىۋېتىلگەن.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار، ئۆز ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «توغراق» ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى 2007-يىلى شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىدا قۇرۇلغان ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ياشلار ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ بىر تارمىقى سۈپىتىدە پائالىيەت باشلىغان. دەسلەپتە ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ تەشۋىقاتلىرىنى ئەينەن ئېلىپ بارغان بۇ تەشكىلات، كېيىنچە رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ياشلارنىڭ ئالمىشىش بىلەن پائالىيەت مەزمۇنلىرىدىمۇ ئۆزگىرىش بولغان، بولۇپمۇ نامىغا ئۇيغۇن ھالەتتە ياشلارنى تارىخ ئېڭىنى كۈچلەندۈرۈشكە يېتەكلىگەن.
نۆۋەتتە نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ، ئەينى چاغدا، مالىيە ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان مەزگىلىدە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىر قىسىم پائالىيەتلىرىگە شاھىت بولغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، «توغراق» ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ياشلارنى ئۇيغۇر تارىخىي شەخسلەرنىڭ كەچمىشىنى ئۆگىنىشكە، قەبرىلىرىنى زىيارەت قىلىشقا، ئۇلارنىڭ ھايات ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە تەشكىللىگەن. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ دېيىشىچە، بۇ خىل پائالىيەتلەر ئەينى چاغلاردا مەكتەپ رەھبەرلىكى ۋە ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، 2017-يىلىغا كەلگەندە «مىللىي بۆلگۈنچىلىك»، «مىللىي قۇتراتقۇلۇق» ھەرىكەتلىرى سانىلىپ پائالىيەتنى تەشكىللىگەن ۋە قاتناشقانلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا سوراققا تارتىلغان ھەم كۆپىنچىسى كېسىۋېتىلگەن. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى، مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا بولغان ۋە پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان بولۇپ، ئۈرۈمچىدىنلا ئاز دېگەندە 500 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ نۆۋەتتە تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان مالىيە ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى خادىمى، مەزكۇر تەشكىلات ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلدى. ئابدۇۋەلى ئايۇپ، ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئىچىدىن مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇغان تۈركزاد غەيرەت ئىسىملىك بىر ياشنىڭ نۆۋەتتە تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئەنە شۇ تەشكىلاتقا باغلىنىپ جازالانغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى «توغراق» تەشكىلاتى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزدىن ئۆزىنى قاچۇرغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتىن مەزكۇر تەشكىلاتقا قاتنىشىپ تۇتقۇن قىلىنغانلار بارلىقىنى ئىنكار قىلمىدى.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكەتلىرى ھەققىدىكى ئىزدىنىش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھېچ بىر دەۋردە ئۆز مىللىتىنىڭ مەسىلىلىرىگە بىخۇدلۇق قىلمىغانلىقى، ئىمكانلىرى دائىرىسىدە مىللىتى نامىدىن ئاۋازىنى چىقىرىشقا، خەلقىنى ھەق ۋە ئادالەت ئۈچۈن ئىزدىنىشكە يېتەكلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە، «توغراق» ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ پائالىيەتلىرىمۇ شۇ جۈملىدىن بولۇپ، بۇ تەشكىلات ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كارخانىچىلار ئارىسىدا مەنىۋى كۆۋرۈك قۇرۇش ۋە ئۆزئارا بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈنمۇ بىر قىسىم پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان.
ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا 1-ئاۋغۇست يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئامانلىق باشقارمىسىنىڭ بىر خادىمى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتىن «توغراق» تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كېسىلىپ كەتكەنلەر بارلىقىنى دەلىللىدى. ئۇ بۇلاردىن 3 ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمىنى ئەسلىيەلىدى. دېيىلىشىچە، بۇ تۆت ئوقۇغۇچى زۇلپىقار روزىھاجى، مۇتەللىپ، ئەزىمەت قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلار بىر-بىرىنى تونۇمىسىمۇ، ھەتتا ئالاقىلىشىپ باقمىغان بولسىمۇ، «توغراق» تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتكە ئوخشاش كۈندە قېتىلغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇلار بىر دېلوغا كىرگۈزۈلۈپ، بىر كۈندە سوت ئېچىلىپ بىر تەرەپ قىلىنغان. سوتتا بۇلار، «جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش» بىلەن ئەيىبلىنىپ 12، 13، 14 ۋە 19 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. بۇلاردىن بىر نەپىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى شىسەن تۈرمىسىدە جازا ئۆتەۋاتقانلىقى مەلۇم، قالغانلىرىنىڭ نەدە جازا ئۆتەۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس.
يۇقىرىدا، ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان «توغراق» ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىغا ئەزا بولغان ۋە پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن كېسىۋېتىلگەنلەردىن 4 نەپىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.