خىتاينىڭ «ئۆمۈرلۈك تۇغماس ئوپېراتسىيە» سى ئۇيغۇر ئانىلارنى مەجرۇھ قىلماقتا

0:00 / 0:00

ئىسپاتلىق مەلۇمات ۋە گۇۋاھلىقلاردىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىپ كېلىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت تەدبىرى مىس سىم بىلەن ئورالغان پلاستىك، يەنى سۇلياۋ «T shekillik» ئۈسكۈنە-ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈزۈكى ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىىڭ كەم دېگەندە 10 يىل ئۇزۇن مۇددەت تۇغۇتىنى چەكلەش مەقسىتىگە يېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق. شۇنداقلا ئۇنىڭ يارىلىنىش ۋە بالىياتقۇ راكىدەك ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ ئىسپاتلار ئوتتۇرىغا چىققانىدى.

دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ماس ھالدا ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قوللىنىۋاتقان مەڭگۈلۈك تۇغۇت چەكلەش تەدبىرى بولسا، ئاياللارنىڭ تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنى بوغۇشنى كۆرسىتىدۇ.

ئەمەلىيەتتە بۇ يېڭى تەدبىر ئەمەس، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسى «ئاز تۇغۇپ، تېز بېيىش» مۇكاپاتلاش تەشۋىقاتىنى 2007-يىلىدىن باشلىغان بولۇپ، ئۈچ پەرزەنتلىكتىن تۆۋەنلەر ۋە ئۇرۇق نەيچىسى ئوپېراتسىيەسىگە ئوخشاش تۇغۇت چەكلەش تەدبىرىنى قوللانغانلارنى مۇكاپاتلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاياللىرىنى بۇ تەدبىرگە رىغبەتلەندۈرۈپ كەلگەن. دائىرىلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردا، ئەسلىدە بار بولغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈپ كۈچەيتىش بىلەن تەڭ، شەھەر نوپۇسى بويىچە 2، يېزا نوپۇسى بويىچە 3نى تۇغۇپ بولغان ئاياللارغا مەڭگۈلۈك تۇغۇش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالدۇرىدىغان بۇ خىل ئۇرۇق نەيچىسى ئوپېراتسىيەسىنى مەجبۇرىي ئېلىپ بارماقتىكەن.

2019-يىلى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئورۇنلاشتۇرغان «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا، لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت، ئۆزىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن دەل شۇ خىل شەكىلدە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنغانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەنىدى.

پاكىستانلىق ئېرىنىڭ يول مېڭىشى بىلەن زۇمرەت گەرچە خىتاينىڭ لاگېرىدىن ئىككى ئايدىن كېيىن ساق چىققان بولسىمۇ، ئۇ دائىرىلەرنىڭ ئۆمۈرلۈك تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. خىتاي دائىرىلىرى ئۆمۈرلۈك تۇغماسلىق ئوپىراتسىيەسىنى زۇمرەتنىڭ ئېرى بىلەن پاكىستانغا كېتىشىگە يول قويۇشنىڭ شەرتى قىلغان. زۇمرەت بۇلتۇر 4-ئايدا پاكىستان ئارقىلىق ئامېرىكاغا كەلگەنىدى.

زۇمرەتنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ خىلدىكى تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەسىگە مەجبۇرلانغان ئۇيغۇر ئاياللىرىغا دائىرىلەر بۇ ئوپېراتسىيەنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ خەۋپى ۋە تەسىرلىرىنىمۇ چۈشەندۈرمەيدۇ. قوپال ۋە ناچار شارائىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

زۇمرەت بۇ ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئۆزىدە گورمون قالايمىقانلىشىش، ھېيىز پۈتۈنلەي توختاش، ھەتتا پسىخىكىلىق توسالغۇلارغا ئوخشاش ئېغىر ئەكس تەسىرلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاياللار تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنى ئوپېراتسىيە قىلىش تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ مەڭگۈلۈك ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئۇ خىتاينىڭ نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى كونترول قىلىدىغان ئاساسلىق تەدبىر. خىتاي نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت تورىدىكى ماتېرىياللارغا قارىغاندا خىتاي 40 يىلدىن بۇيان تۇرۇبا يولىنى كېسىش ئوپېراتسىيەسىنى كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بارغان. كۆپ قوللىنىلىدىغان ئۇسۇللار تۇخۇمدان نەيچىسىنى كېسىپ ئېلىۋېتىش ۋە يېقىنلاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

زۇمرەت، ئۆزىنىڭ ئوپېراتسىيەدىن كېيىن، دوختۇر ئارقىلىق ئۆز ئىختىيارى بويىچە تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەسىدە تۇرۇبىنى قاتلاش ئۇسۇلى قوللانغان بولسا، يېقىنقى يىللاردا ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرىي ئېلىپ بارغان ئۇسۇلىنىڭ تۇرۇبا يولىنى كېسىپ ئېلىۋېتىلىپ پۈتۈك ھالەتكە كەلتۈرۈلىدىغان، مەڭگۈ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان كەسكىن ۋە ئەجەللىك ئۇسۇل ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان.

2016-يىلى ئۈرۈمچىدىن تۈركىيەگە كۆچۈپ چىققان 57 ياشلىق پەرىدە تۇرسۇن خانىم بولسا، ئىككى قىز بىر ئوغۇل جەمئىي ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ، ئۇ 1996 يىلى كەنجى ئوغلىغا، يەنى 3-بالىسىغا ھامىلىدار بولغاندىن باشلاپلا پىلانلىق تۇغۇت دائىرىلىرىنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلگەن، قېچىپ يۈرۈپ ئوغلىنى يەڭگىگەن. ئۇ، ئېغىر جەرىمانە تۆلەپمۇ قۇتۇلالمىغان ۋە ئاخىرى زورلۇق بىلەن «ت شەكىللىك ئۈزۈك» قويۇلغان. ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭغا بۇ ئۈزۈكنىڭ ئەكس تەسىرلىرى ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بېرىلمىگەن. ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈزۈكى قويۇلغاندىن باشلاپ ئۇنىڭدىن قان توختىمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مىللىي شىپاخانىدا ئۈزۈك ئېلىۋېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە ئېرىنىڭ رازىلىقىسىز، ئۆمۈرلۈك تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسىگە مەجبۇرلانغان.

ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ئوپېراتسىيەنىڭ تەسىرىدە سالامەتلىكى ئىزچىل ناچارلاشقان بولۇپ، تۈركىيەدە 4ئاي ئىلگىرى ئۇنىڭ قورساق قىسىم سېرىق ئېتىنى ياماش ئوپېراتسىيەسى قىلىنغان.

پەرىدە خانىم 30 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئوپېراتسىيەسى قالدۇرغان جىسمانىي ۋە روھىي يارىدىن باشقا، ئەگەشمە ھالدا باشتىن كەچۈرگەن يېڭى ئوپېراتسىيە ئۇنىڭ تېنىدە يەنە يېڭىدىن 30يىپلىق تارتۇق قالدۇرغان.

پەرىدە خانىم ئىككى قىزى ئۈرۈمچىدە خىتاي تەرىپىدىن لاگېرغا قامىلىپ يەنىلا گۆرۈدە تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىشىگە تۈرتكە بولغان سەۋەبنى چۈشەندۈرۈپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇنداق ۋەھشىي ئۇسۇلار ئارقىلىق مېنىڭ ھاياتىمنى ۋەيران قىلدى، لېكىن مېنىڭ قىزلىرىم نەۋرىلىرىم بار، ئۇلارمۇ بىز بېشىمىزدىن كەچۈرگەن بۇ قىرغىنچىلىقلارغا، زىيانكەشلىككە داۋاملىق ئۇچرىسا بولمايدۇ. ئۆزۈمنى قوغداشقا ئامالسىز قالغان بولساممۇ، ئۇلارنى قوغداش ئۈچۈن بولسىمۇ قولۇمدىن كېلىدىغانلا ئامالنى قىلىش مېنىڭ ئانىلىق مەجبۇرىيىتىم. مەن خەلقئارا جەمئىيەتتىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان، ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان بۇ خىل تۇغۇت چەكلەش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش سىياسەتلىرىنى تەكشۈرۈشى ۋە بۇنى توختىتىشىنى سورايمەن» دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئوپېراتسىيەدىن ئىلگىرى بۇ ئوپېراتسىيەنىڭ ئۆزلىرىنى مەڭگۈلۈك تۇغۇت ئىقتىدارىدىن ۋە سالامەتلىكىدىن مەھرۇم قالدۇرىدىغانلىقى، كېيىنكى كۈتۈنۈشى ھەققىدىمۇ مەسلىھەت بەرمەسلىكى، ئەقەللىي مېدىتسىنا كەسپىي ئەخلاقى ۋە ئىنسانىي ئەخلاققا قارشى جىنايەت ھېسابلىنىدىكەن.

يالغۇز پەرىدە خانىملا ئەمەس يەنە 10 لىغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ رادىيومىزغا بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىدىن ئۇيغۇر دىيارىدا ئادەتتىكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى سۈپىتىدە بۇنداق ئوپېراتسىيە ئۇيغۇر ئاياللىرىغا داۋاملىق تۈردە مەجبۇرىي قوللىنىلماقتا. ئۇلارنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا، شەھەر، ناھىيە دوختۇرخانىلىرىنىڭ شارائىتى بىرئاز ياخشى بولغىنى بىلەن، يېزا دوختۇرخانىلىرى ۋە يېزىلاردىكى پىلانلىق تۇغۇت ئورۇنلىرىدا مەجبۇرىي بالا چۈشۈرگەن ئاياللارنىڭ روھىي ئازاپلىرىلا ئەمەس، جىسمانىي ئازاب، قانسىراش، كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەر تۈپەيلىدىن جېنىدىن ئايىرىلىپ قالغان ئاياللارمۇ ئاز ئەمەس.

خەلقئارادا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن 30 يىلدىن بۇيان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى باھانىسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرى ئاشكارىلىنىپ، بۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاستا خاراكتېرلىك قىرغىنچىلىقىنىڭ كۈچلۈك ئىسپاتىغا ئايلاندى. بۇ ھەقتە كېيىنكى ئاڭلىتىشلىرىمىزدا داۋاملىق مەلۇمات بېرىمىز.