تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۈرۈمچىدىكى ئوت كېتىش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبىنى سورىدى
2022.11.27

خەلقئارا ئاخباراتلاردا 11-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچقۇرۇن ئۈرۈمچىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىدىكى چوڭ بازارغا يېقىن جايدىكى بىر ئاھالىلەر قورۇسىغا ئوت كەتكەنلىكى، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ئوتنى ۋاقتىدا ئۆچۈرمىگەنلىكى، ئۆيلىرىگە سولىنىپ قالغان ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ سىرتقا قېچىپ چىقالماي ئۆلگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 26-نويابىر كۈنى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى. مەزكۇر باياناتتا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئوت كېتىشنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدىكى ئوت كېتىش نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغانلار ۋە يارىدار بولغانلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن چوڭقۇر قايغۇغا چۆمدۇق. بۇ ئەلەملىك ھادىسە سەۋەبلىك تەزىيەلىرىمىزنى يوللايمىز ۋە يارىدارلارغا جىددىي شىپا تىلەيمىز. بىز بۇ ئوت كېتىشنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى توغرىسىدا ئىزاھات بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز»، دېيىلگەن.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ باياناتنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تۈركىيەدىكى بارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت كېتىش ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن يۈز بەرگەن نارازىلىق نامايىشلىرى توغرىسىدا خەۋەر تارقاتتى.
تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن «خابەر تۈرك»، «CNN تۈرك» قاتارلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرى 27-نويابىر، «خىتاينىڭ يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش سىياسىتى كىشىلەرنىڭ غەزىپىنى كۈچەيتتى» نامىدا خەۋەر بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوت كەتكەن ئەھۋالدىمۇ قامالنى بوشاتماسلىق، ئۇيغۇرلارغا بېسىم ئىشلىتىش ۋە ئوتنى ۋاقتىدا ئۆچۈرمەسلىكتەك جاۋابكارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ ۋەقەدىن كېيىن تۈركىيەدىكى تونۇلغان ئوبزورچى، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە بۇ پاجىئەدىن تۇغۇلغان ئېغىر ئەندىشىسى ۋە يۈرەك سۆزلىرىنى ئىپادىلىگەن. تونۇلغان ئوبزورچى يۈسۈپ قاپلان ئەپەندى بۇ ھەقتە تۋىتتېر ئادرېسىدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادە قىلىپ: «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمى تۈگىمەيۋاتىدۇ. ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە ئوت كەتتى. ئوت كەتكەن بىناغا ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىمۇ كېچىكىپ كېلىپتۇ. ئايال ۋە بالىلاردىن بولۇپ جەمئىي 44 نەپەر كىشى جېنىدىن ئايرىلىپتۇ. خىتاينىڭ ئوت ئۆچۈرۈشكە سەل قارىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىۋېتىپتۇ»، دەپ يازغان.
تونۇلغان تېلېۋىزىيە پروگرامما رىياسەتچىسى نازگۈل كەنجەتاي خانىم تۋىتتېرىدا مۇنۇلارنى تارقاتتى: «ئۈرۈمچىدە خىتاينىڭ يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش بېسىم سىياسىتى تۈپەيلى 44 ئۇيغۇر ئۆيىگە ئوت كېتىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئوت كېتىپ خېلى ئۇزۇن ۋاقىتكىچە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى كەلمىگەن. ئۇلارنىڭ قۇتۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى، چۈنكى ئۇلار يۇقۇمنى نۆلگە چۈرۈش بېسىمىدىن ئۆيىگە سولاپ قويۇلغان ئىكەن».
ئوت كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئوتنى ۋاقتىدا ئۆچۈرمىگەنلىكى، ئۆيلىرىگە سولىنىپ قالغان ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ سىرتقا قېچىپ چىقالماي ئۆلگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، 26-نويابىر كۈنى ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلارى بىرلىكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتايغا نارازىلىق بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىدا، بۇ قېتىمقى ئوت كېتىش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 10غا يەتكەن، ئەمما ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋە توردا ئاشكارىلانغان تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ئوت كېتىش ۋەقەسىدە 40 نەپەردىن كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئاياللار ۋە بالىلار ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.