خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىگە قارشى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار نارازىلىق نامايىش ئېلىپ باردى

ئىستانبۇلدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان تەييارلىدى
2023.07.26
istanbulda-namayish-1.jpg

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن نارازىلىق نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 26-ئىيۇل، تۈركىيە. RFA/Arslan

istanbulda-namayish-2.jpg

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن نارازىلىق نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 26-ئىيۇل، تۈركىيە. RFA/Arslan

istanbulda-namayish-3.jpg

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن نارازىلىق نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 26-ئىيۇل، تۈركىيە. RFA/Arslan

istanbulda-namayish-4.jpg

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن نارازىلىق نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 26-ئىيۇل، تۈركىيە. RFA/Arslan

istanbulda-namayish-5.jpg

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن نارازىلىق نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 26-ئىيۇل، تۈركىيە. RFA/Arslan

istanbulda-namayish-6.jpg

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن نارازىلىق نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 26-ئىيۇل، تۈركىيە. RFA/Arslan

26-ئىيۇل چارشەنبە كۈنى ھەم خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىگە قارشى ھەم يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئېلىشقۇ ۋە خاڭدى يېزىلىرىدا 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى خىتاي قوراللىق ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن كۆپ ساندا كىشى قەتلى قىلىنغان زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىقنىڭ 9-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىش ئېلىپ باردى.

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ قوللىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان نامايىشتا ئۇيغۇرلار قوللىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق بايراقلارنى كۆتۈرگەن ھالدا، «زالىم خىتاي ھېساب بەرسۇن»، «ئىشغالچى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!» دېگەندەك شوئارلار توۋلىدى.

تۈرك ساقچىلىرى ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسولخانىسىنىڭ ئالدىغا بارىدىغان كوچا ئېغىزىنى توسۇپ كەڭ تۈردە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغان بولۇپ، خىتاي كونسۇلخانىسى تەرەپكە ھېچ كىمنى ئۆتكۈزمىدى.

نامايىشتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم ۋە يوق قىلىش سىياسەتلىرىگە قارشى شۇنداقلا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىنغان لوزۇنكىلار كۆەتىرىلدى.

نامايىش جەريانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكىگە ۋاكالىتەن، شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بۇ يەردە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ، ئىلىشقۇ قەتلىئامى يۈز بەرگەن تارىخى كۈنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن بۇ پاچىئەلەرگە پەرۋا قىلماستىن ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركىيە زىيارىتىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن جەم بولدۇق. 2013-يىلىدىىن بۇيان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋاڭ يى، قانلىق ئىلىشقۇ قەتلىئامى يۈز بەرگەن 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى قىرغىنچىلىقنى كۆرمەسكە سېلىۋالغان دۆلەت ئەمەلدارى ۋە باش جاۋابكارلاردىن بىرىدۇر».

ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن يەكەن ئېلىقشقۇ قەتلىئامى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «2014-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى يەنى قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى، قەشقەر شەھىرىنىڭ يەركەن ناھىيەسىگە قاراشلىق ئېلىشقۇ يېزىىسىدا نەچچە مىڭ ئۇيغۇر خىتاي قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىقتا رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈشكە ئۇچرىغان، ئېلىشقۇ بازىرى ئېغىر قوراللار بىلەن بومباردىمان قىلىنغان، خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ۋەھىمىگە سالدى، ئېغىر تىپتىكى قوراللار ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلىتىپ، خىتاي قوراللىق ئەسكەرلىرى پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگە بېسىپ كىردى».

ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن مەزكۇر ئېلىشقۇ قەتلىئامىنى تۇنجى بولۇپ پاش قىلغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئەبۇ بەكرى رەھىم توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئېلىشقۇ قەتلىئامىنى خەلق ئاممىسىدىن يوشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىشقۇ رايونىنى قۇرشىۋالغان خىتاي قوراللىق كۈچىلىرى ھېچ قانداق كىشىنىڭ ئۇ يەرگە ئۆتۈشىگە يول قويمىدى، بىراق ئەبۇ بەكرى رەھىم ئىسىملىك ئۇيغۇر ياش ئېلىشقۇدا يۈز بەرگەن ۋەقە توغرىسىدا ئوچۇق خەت يېزىپ خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىنى دۇنيا جامائىتىگە پاش قىلغاندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنىپ قولغا ئېلىنغان. خىتاينىڭ يولۋاس ئۇرۇندۇق دەپ ئاتالغان قىيناش ئۇرۇندۇقىغا ئولتۇرغۇزۇلغان ئەبۇ بەكرى رەھىمنىڭ رەسىملىرى ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، لېكىن 9 يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ھازىرغىچە ھېچ قانداق مەلۇمات بېرىلمىدى».

نامايىشتا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەخمۇتجان داموللام خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تىلى ۋە دىنىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇشقا ئورۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاي دۆلىتى، تىلىمىزنى، دىنىمىزنى، تارىخىمىزنى، كىملىكىمىزنى ئونتۇلدۇرۇشقا ئورۇنغانغا ئوخشاشلا بىزگە قىلغان بېسىم ۋە زۇلۇملىرىنىمۇ ئونتۇلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. بۇ ئېچىنىشلىق تراگېدىيەلەرنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان خەلقى تارتىۋاتقان زۇلۇمنى دۇنيا جامائىتىگە ئاڭلىتىش ۋە ئادالەت بەرپا قىلىش ھەممىمىزنىڭ ۋە ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر. ئېلىشقۇ قەتلىئامىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پۈتۈن شېھىتلىرىمىزنى ئەسلەيمىز، ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، ھايات قالغان ئائىلىلىرىگە سەبرە تىلەيمىز، شېھىتلىرىمىزنىڭ ئازابى ۋە شەرەپلىك ئەسلىمىلىرى قەلبىمىزدە مەڭگۈ ياشايدۇ، ئادالەت بەرپا قىلىش كۈرىشىمىزنى كۈچەيتىدۇ».

ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىدىن جاۋاب بېرىشى كېرەكلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان رايونىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىستىمىلىق بېسىم، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىغا دائىر دەلىل ئىسپاتلار ئالدىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ھېساب بېرىشى كېرەك، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشى كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نېگىزلىك ئەركىنلىكنى قوغداش ۋە كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش ۋەدىسىنى ئەستە ساقلىشى كېرەك».

بىز، ئىستانبۇلنىڭ خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىشقا قاتنىشىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدۇق، ئەسلى يەكەن شەھىرىدىن بولۇپ ھازىر ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان پىشقەدەملەردىن ئابدۇشۈكۈر ھاجىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ يەكەن ئېلىشقۇ قەتلىئامى توغرىسىدا توختالدى.

ئابدۇشۈكۈر ھاجىم، يەكەن ئېلىشقۇدا ئۆزىنىڭمۇ يېقىن قوشنىلىرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، زۈلەيخان ئىسىملىك بىر تۇل ئايال ۋە ئابدۇقادىرخان ئىسىملىك كىشىنىڭ باللىرى بىلەن قوشۇپ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، بىراق ئۇلارنىڭ ھازىر ھايات ياشاۋاتامدۇ ياكى ئۆلۈپ كەتتىمۇ ھېچ قانداق مەلۇمات ئالالمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئابدۇشۈكۈر ھاجىم سۆزىدە يەنە ئېلىشقا قەتلىئامىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ھېچ قانداق گۇناھى يوق ئاممىۋى خەلقنى قىرغىن قىلغان خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.