مۇتەخەسسىسلەر: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەل بولمىغۇچە تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى تەرەققىي قىلمايدۇ»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019.04.24
turkiye-beyjingda-turushluq-bash-elchisi-abdulqadir-emin-onen.jpg تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئابدۇلقادىر ئەمىن ئۆنەن ئەپەندى 21-ئاپرېل كۈنى تۈركىيە دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى بولغان ئاناتولىيە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتى.
aa.com.tr

تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئابدۇلقادىر ئەمىن ئۆنەن ئەپەندى 21-ئاپرېل كۈنى تۈركىيە دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى بولغان ئاناتولىيە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىدە خىتاينىڭ ئالدىنقى قاتاردا ئەمەسلىكىنى، تۈركىيە دۆلىتىنىڭ مائارىپ، سەھىيە، تىجارەت، مەدەنىيەت-سەنئەت قاتارلىق ساھەلەردە ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. تۈركىيە ئەلچىسى ئابدۇلقادىر ئەمىن ئۆنەن ئەپەندى تۈركىيە خىتاينىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ سىياسەت ئېلىپ بارسا پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئابدۇلقادىر ئەمىن ئۆنەن ئەپەندى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «2019-يىلى يەرمەنكىسى» دە ئاناتولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ئەدا فاتما توپچۇ خانىمنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپلەپ تۈركىيەگە بېرىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىتايدا تۈركىيەنى تونۇشتۇرىدىغان پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. بىز باش ئەلچىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرى توغرىسىدا كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ۋە ئىستانبۇلدىكى ئايدىن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپى پروفېسسورى قۇتاي قاراجا ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسى ئابدۇلقادىر ئەمىن ئۆنەن ئەپەندى بايان قىلغان خىتاي تۈركىيەنىڭ سىياسىتىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرمايدۇ دېگەنلىكىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، 2015-يىلىدىن تارتىپ تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي، تۈركىيەگە 2001-يىلى ھەر يىل 1 مىليون خىتاي ساياھەتچى ئەۋەتىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ئىدى. ئەمما ھازىرغىچە ئەمەلىيلەشكىنى يوق. تۈركىيە ساياھەت ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدىكى مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا 2018-يىلىدا 340 مىڭ ئەتراپىدا خىتاي ساياھەتچى كەلگەن. 18 يىلدىن بۇيان بۇنىڭ ئەمەلىيلەشمەسلىكىدىكى سەۋەب نېمە؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

مەلۇم بولغىنىدەك 2-ئاينىڭ 8-كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى سامى ئاقسوي ئەپەندى، 2-ئاينىڭ 11-كۈنى تۈركىيەدىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ھۈسەيىن چېلىك ئەپەندى، 26-چېسلا بولسا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشوغلۇ بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى «جازا لاگېرلىرىغا» تاشلاش سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەت يىرىكلىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن. ئۇنداقتا بۇندىن كېيىن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەت قانداق تەرەققىي قىلار؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ بەزىدە ياخشىلىنىپ بەزىدە يىرىكلىشىپ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىستانبۇلدىكى ئايدىن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى پروفېسسورى قۇتاي قاراجا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ «بىر بىرىمىزگە چېقىلمايلى» دېگەن سىياسەت ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ ھازىرچە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى توڭلىتىپ قويغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى مېنىڭچە ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشمايلى شەكلىدە بىر سىياسەت. تۈركىيە ھازىر خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى باشتا نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھازىرچە توڭلىتىپ قويغاندەك قىلىدۇ. تۈركىيە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا قارشى رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ».

پروفېسسور دوكتور قۇتاي قاراجا ئەپەندى خىتاي دۆلىتىنىڭ، تۈركىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىيەلىك مۇناسىۋەتتە يالغان سۆزلەشتىن ۋاز كەچمىگۈچە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىي قىلمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي تۈركىيەگە ۋارياك كېمىسىنى ئىستانبۇل قولتۇقىدىن ئۆتكۈزۈشىمىزگە رۇخسەت قىلساڭلار بىر مىليون خىتاي ساياھەتچى ئەۋەتىمىز، بۇ ئىش پىلانى ئەمەلىيلەشسە بىر مىليون خىتاي ساياھەتچى ئەۋەتىمىز دەپ ئالداپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ يالغان ۋەدىلەر تۈگىمەي تۇرۇپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى كۈچەيمەيدۇ. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ھازىر يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتى داۋاملاشقان مۇددەتچە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت كۈچەيمەيدۇ دەپ ئويلايمەن».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.