«خىيالىمدىكى خىتاي» ناملىق رەسىم سىزىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتتىق نارازىلىققا ئۇچرىماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021.05.08
«خىيالىمدىكى خىتاي» ناملىق رەسىم سىزىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتتىق نارازىلىققا ئۇچرىماقتا تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى فەرىدۇن باخشى ئەپەندىنىڭ تۈركىيە مىللىي ماارىپ مىنىستىرىغا يازغان خېتى.
RFA/Erkin Tarim

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزگەنلىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، كانادا، گوللاندىيە ۋە ئەنگلىيە پارلامېنتى تەرىپىدىن بىردەك بېكىتىلگەن بىر پەيتتە تۈركىيە مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىقى، خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە ئەنقەرەدىكى خەلقئارا بىلىم ۋە كۈلتۈر ۋەخپى بىرلىكتە «خىيالىمدىكى خىتاي» ماۋزۇلۇق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىشى تۈركىيەدە زور غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن «ئىيى» پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى فەرىدۇن باخشى ئەپەندى 6-ماي كۈنى تۈركىيە مىللىي مائارىپ مىنىستىرى زىيا سەلچۇق ئەپەندىگە خەت يېزىپ، مەزكۇر مۇسابىقىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ، خېتىدە مۇنۇلارنى يازغان: «تۈركىيە مىللىي مائارىپ مىنىستىرى زىيا سەلچۇق ئەپەندىگە.

بەزى دۆلەتلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانلىق قېلىپىدىن چىققان سىياسىتىگە قارىتا تەدبىر ئېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىگە قارشى قارار ماقۇللىماستىن، مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ‹خىيالىمدىكى خىتاي› تېمىسىدا رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈشى تۈرك خەلقىنى چوڭقۇر رەنجىدە قىلدى. بۇ سەۋەبىدىن تۈپەيلى سىزدىن شۇلارنى تەلەپ قىلىمەن.

1. ئۇيغۇر تۈركلىرى ئېغىر بىر ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈرك مىللىتىنى تېخىمۇ كۆپ رەنجىتمەسلىك ئۈچۈن مەزكۇر رەسىم سىزىش مۇسابىقىسىنى بىكار قىلىشنى ئويلاۋاتامسىز؟

2. خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تۈرك سىياسەتچىلەرگە تەھدىت سالغان بۈگۈنكى كۈندە بۇ رەسىم سىزىش مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشۈڭلار توغرىمۇ؟

3. تۈركىيە مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىقى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خىيال قىلايلى› ماۋزۇلۇق رەسىم سىزىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئويلاۋاتامدۇ؟»

تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنىغا ئاساسەن پارلامېنت ئەزاسى فەرىدۇن باخشىنىڭ تۈركىيە مىللىي مائارىپ مىنىستىرىغا يازغان بۇ خېتىگە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جاۋاب بېرىشى كېرەك ئىكەن. بۇلاردىن باشقا يەنە بەزى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ مەسئۇللىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، زىيالىيلار ۋە ئامما ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق، خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر پەيتتە تۈركىيە مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ‹خىيالىمدىكى خىتاي› ماۋزۇلۇق رەسىم سىزىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئۇلار، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «ھازىر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى خىيال قىلايلى، خىتاينى خىيال قىلمايلى، تۈرك ئۆسمۈرلەر ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىۋاتقان خىتاينى خىيال قىلمىسۇن» دېگەندەك چاقىرىقلارنى تارقاتتى.

تۈركىيە مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىقىغا خەت يېزىپ «خىيالىمدىكى خىتاي» ماۋزۇلۇق رەسىم سىزىش مۇسابىقىسىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلغان پارلامېنت ئەزاسى فەرىدۇن باخشى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ مىنىستىرغا يازغان خېتىمنى، ‹سۆزجۈ گېزىتى› ۋە پارتىيەمىزنىڭ بارلىق تور گېزىتلىرى خەۋەر قىلىپ ئېلان قىلدى. ئەتە يەنە بەزى گېزىتلەردە ئېلان قىلىنماقچى. مائارىپ مىنىستىرى زىيا سەلچۇقنىڭ جاۋابىنى كۈتۈۋاتىمەن»

پارلامېنت ئەزاسى ئىسمائىل قونجۇق ئەپەندى بىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي بىلەن بولغان تىجارىي مۇناسىۋەتنى، خىتاي ۋاكسىنىسىنى ئېلىش ئۈچۈن شۇنداق دېگەن بولۇشى مۇمكىن. سىزگىمۇ مەلۇم خىتايدىن ئالغان قەرز پۇل بار. ئەپسۇسكى خىتاي بىلەن بولغان تىجارىي مۇناسىۋەتنى دەپ ‹خىيالىمدىكى خىتاي› دېگەن قاملاشمىغان بىر رەسىم سىزىش مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ».

تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ قوللىشى بىلەن ئەنقەرەدىكى خەلقئارا ئىلىم ۋە كۈلتۈر ۋەخپى 2016-يىلىدىن بۇيان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا «خىيالىمدىكى خىتاي» ماۋزۇلۇق رەسىم سىزىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. بۇ مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ ئۇلارنى خىتاينىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە شىئەن قاتارلىق شەھەرلىرىگە ئاپىرىپ زىيارەت قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. خىتاينىڭ 2016-يىلىدىن تارتىپ بۇنداق بىر رەسىم سىزىش مۇسابىقىسىنى تەسىس قىلىشىدىكى مەقسەت نېمە؟ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى خىتايغا ئاپىرىپ، ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇش ئارقىلىق، خىتايپەرەس تۈركلەرنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن بۇنى تەسىس قىلغانلىقىنى، لېكىن بۇنىڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك قازىنالمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

«خىيالىمدىكى خىتاي» ماۋزۇلۇق رەسىم سىزىش مۇسابىقىسى 2020-يىلى كورونا ۋاباسىدىن تۈپەيلى ئۆتكۈزۈلمىگەن. 2016-2017-يىلى، 2018- ۋە 2019-يىللىرى ئۆتكۈزۈلگەندىمۇ بۇنداق نارازىلىققا ئۇچرىمىغان ئىدى. بۇ يىل بۇنداق قاتتىق نارازىلىققا ئۇچرىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشىي سىياسىتىنى تۈرك خەلقىنىڭ قوبۇل قىلالمايۋاتقانلىقىنى، بۇنداق بىر پەيتتە «خىيالىمدىكى خىتاي» ناملىق رەسىم سىزىش مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا تۈركىيەدىكى بەزى ئۆكتىچى پارتىيەلەر ۋە بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار «خىيالىمدىكى خىتاي» ناملىق رەسىم سىزىش مۇسابىقىسىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن «خىيالىمدىكى شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا رەسىم سىزىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.