پروفېسسور ھاردى مۇليونو سۇرباقتى: «ئۇيغۇر تارتىۋاتقان زۇلۇمنى يەڭگىللىتىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2023.04.14
ablikim-idris-hindoneziye-1.jpg ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى ھىندونېزىيەنىڭ مەدان شەھىرىدىكى مۇسلىم نۇسانتارا ئال ۋاشلىياھ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، پروفېسسور ھاردى مۇليونو سۇرباقتى (Hardi Mulyono Surbaqti). 2023-يىلى 12-ئاپرېل.
RFA/Erkin Tarim

12-ئاپرېل كۈنى ھىندونېزىيەنىڭ مەدان شەھىرىدىكى مۇسلىم نۇسانتارا ئال ۋاشلىياھ ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندىكى نۇقتىلىق سۆزلىگۈچىلەر مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، پروفېسسور ھاردى مۇليونو سۇرباقتى (Hardi Mulyono Surbaqti),، ئال ۋاشلىياھ جامائىتىنىڭ رەئىسى دوكتور ماسيھۇرىل كھامىس (Masyhuril Khamis) ئەپەندى ۋە مالايسىيا ئابىم ئىسلام ياشلار تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خايىرۇل ئانۋار ئەپەندى بولۇپ، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرى قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان زۇلۇمنى يەڭگىللىتىشنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، پروفېسسور ھاردى مۇليونو سۇرباقتى (Hardi Mulyono Surbaqti) ئەپەندىنىڭ قىلغان سۆزى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇ، سۆزىدە قۇرئاندىن ئايەتلەرنى دەلىل كەلتۈرۈپ، ‹بىز ئۇيغۇرلار بىلەن دىن، ئېتىقاد ۋە ئىنسانىيەت نۇقتىسىدىن قېرىنداش، ئۇلارنىڭ تارتىۋاتقان ئازابى بىزنىڭمۇ ئازابىمىز، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىدىكى ئازاب-ئوقۇبەتنى يەڭگىللەشتۈرۈشمۇ بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز. بىز ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بۇرۇنمۇ ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا ئاڭلاتقان ئىدۇق. مانا بۈگۈنمۇ خەلقئارالىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. بۇنىڭ جامائەت پىكىرى پەيدا قىلىشتا پايدىسى زور بولىدۇ دەپ ئويلايمەن› دېدى».

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى ھىندونېزىيەنىڭ مەدان شەھىرىدىكى مۇسلىم نۇسانتارا ئال ۋاشلىياھ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇشتۇرغان پائالىيىتىدە مالايسىيا ئابىم ئىسلام ياشلار تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خايىرۇل ئانۋار ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى 12-ئاپرېل.
ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى ھىندونېزىيەنىڭ مەدان شەھىرىدىكى مۇسلىم نۇسانتارا ئال ۋاشلىياھ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇشتۇرغان پائالىيىتىدە مالايسىيا ئابىم ئىسلام ياشلار تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خايىرۇل ئانۋار ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى 12-ئاپرېل.
RFA/Erkin Tarim

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ياشلار ياچېيكىسىنىڭ ھىندونېزىيە شۆبىسى مەسئۇلى ئاسترىد ناديا رىزقىتا خانىم تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى لېكسىيە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇش پائالىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا لېكسىيە بېرىش، مەسچىتلەردە مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ھەممە ساھەدىكى كىشىلەرگە ئاڭلىتىشىمىز كېرەك ئىدى. بۇ قېتىم بۇنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. بۇلاردىن سىرت دىنىي زاتلار، جامائەت ئەربابلىرى، پارلامېنت رەھبەرلىرى، چوڭ مەسچىتلەرنىڭ ئىماملىرى ۋە بەزى رايونلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىمىزمۇ ناھايىتى ياخشى ئۆتتى. مەنچە بۇ 13 كۈنلۈك شەھەرلەر ئارىسى لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىمىز كۈتكىنىمىزدىنمۇ ياخشى ئۆتتى دەپ ئويلايمەن.»

13 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىۋاتقان مالايسىيا ئابىم ئىسلام ياشلار تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خايىرۇل ئانۋار ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ لېكسىيەلەر نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ بېرىش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەردى. بولۇپمۇ مەدان شەھىرىدىكى مۇسلىم نۇسانتارا ئال ۋاشلىياھ ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇپ بېرىش توغرىسىدا ۋەدە بېرىشى ناھايىتى ياخشى ئىش بولدى. ھىندۇنېزىيەدە ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان بەزى جامائەتلەر بار، بۇلار كۆپەيسە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىرئازمۇ بولسا ئۈمىد بولالايدۇ دەپ ئويلايمەن».

ئابدۇلھېكىم ئىدرىسنىڭ ئېيتىشىچە، خايىرۇل ئانۋار ئەپەندى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ياشلار ياچېيكىسىنىڭ ھىندونېزىيە شۆبىسى مەسئۇلى ئاسترىد ناديا رىزقىتا (Astrid Nadya Rizqita) خانىم ۋە ئامېرىكا تېكساستىن كەلگەن ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇتەخەسسىسى ھەزرەتئالى ھوشۇر قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە ھىندونېزىيەدىكى 5 چوڭ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا لېكسىيە بەرگەندىن سىرت، چوڭ مەسچىتلەردە مۇسۇلمان جامائەتكە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان.

ھەزرەتئالى ھوشۇر ئەپەندى 13 كۈنلۈك پائالىيەتتىن ئالغان تەسىراتى ھەققىدە توختىلىپ، ھىندونېزىيەدە ئاڭلىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ زور قوللىشىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.

يىغىن ئاخىرىدا مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى بىلەن مۇسلىم نۇسانتارا ئال ۋاشلىياھ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىشىش كېلىشىمى تۈزۈلگەن.

نۆۋەتتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ھېچقايسىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلىمىگەن بولۇپ، ھىندونېزىيەمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئىدى. شۇڭا مۇسۇلمان دۆلەتلىرى جامائىتىگە بولۇپمۇ ھىندونېزىيەدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى كۆپلەپ ئاڭلىتىش زۆرۈر دەپ قارالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.