«ئىيى» پارتىيەسى رەئىسى مۈساۋات دەرۋىشئوغلۇ: «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى بىز ئۈچۈن مىللىي دەۋادۇر»

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2024.06.19
Musawat-Derwishoghlu-1 تۈركىيە «ئىيى پارتىيە» سىنىڭ رەئىسى مۈساۋات دەرۋىشئوغلۇ ئەپەندى ئىشخانىسىغا كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللەر بىلەن سۆھبەتتە (ئۇيغۇر ۋەكىللەر قارشى تەرەپتە، سۈرەتتە يوق). 2024-يىلى 14-ئىيۇن، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا تۈركىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ يېڭى سايلانغان رەئىسى مۈساۋات دەرۋىشئوغلۇ ئەپەندى 14-ئىيۇن كۈنى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ، «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ پارتىيەسىنىڭ مىللىي دەۋاسى ئىكەنلىكى» نى، «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشنى داۋام قىلىدىغانلىقى» نى تەكىتلىدى.

مۈساۋات دەرۋىشئوغلۇ بۇ سۆزلەرنى6-ئاينىڭ 14-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىسى مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەتنى ئۆز ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلغاندا ئېيتتى. «مۈساۋات دەرۋىشوغلۇ يېڭى رەئىس بولۇپ سايلاندىڭىز سىزنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىڭىز نېمە؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىز ئۈچۈن بىر مىللىي مەسىلىدۇر. شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز. پۈتۈن دۇنيادىكى دۆلەتلەر بۇ مەسىلىگە قارىتا سۈكۈتتە تۇرسىمۇ بىز تۈركىيەنىڭ سۈكۈتتە تۇرماسلىقى ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز. بىز تۈركىيە پارلامېنتىدا ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدۇق. بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ياخشى بىلىمىز ۋە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تۆھپە قوشۇشقا تىرىشىۋاتىمىز. لېكىن ھازىرقى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا بەزى مەجبۇرىيەتلىرى تۈپەيلى بەزى خاتا ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ كۆرۈۋاتىمىز. مەسىلەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان بىر رەھبەر تۇرۇقلۇق، خىتاينىڭ يول باشچىلىقىدا ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەرگە ئېكسكۇرسىيە ئېلىپ بېرىشى، بىر ساياھەتتىن ئىبارەت بولدى. بىز تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەر خىتاينىڭ تۈزۈمىنىمۇ ياخشى بىلىمىز. بىز خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلغان ھالدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز.»

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلھامىد قاراخان ئەپەندى د ئۇ ق غا ۋاكالىتەن تۈركىيە «ئىيى پارتىيە» سىنىڭ رەئىسى مۈساۋات دەرۋىشئوغلۇ ئەپەندىنىڭ ئىشخانىسىدا ئۇيغۇر مەسىلى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمەكتە. 2024-يىلى 14-ئىيۇن، ئەنقەرە.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلھامىد قاراخان ئەپەندى د ئۇ ق غا ۋاكالىتەن تۈركىيە «ئىيى پارتىيە» سىنىڭ رەئىسى مۈساۋات دەرۋىشئوغلۇ ئەپەندىنىڭ ئىشخانىسىدا ئۇيغۇر مەسىلى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمەكتە. 2024-يىلى 14-ئىيۇن، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

«مەيلى خىتاي ھۆكۈمىتى بولسۇن مەيلى تۈركىيەدىكى بەزى پارتىيە شەخسلەر بولسۇن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ‹ئامېرىكا قەستەن ئويدۇرۇپ چىقارغان مەسىلە، ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بەخت-سائادەت ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ›دېگەنلەرنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىر دۆلەتتە بىر مەسىلە چىقسا ئۇنىڭ مەنبەسىنى چەت ئەلدىن ئىزدەش توغرا ئەمەس. مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش سەۋەبىنى مەسىلە ئوتتۇرىغا چىققان يەردىن ئىزدەش كېرەك. شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم بارمۇ؟ دېسىڭىز بار. خانىم-قىزلارغا باسقۇنچىلىق بارمۇ؟ بار. شەرقىي تۈركىستاندا ئاسسىمىلياتسىيە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق بارمۇ دېسىڭىز، ئۇمۇ بار. شۇڭا بۇ يەردىكى مەسىلە بۇنى توختىتىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكىدۇر. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلىشىشى كېرەك.»

(ئوڭدىن) تۈركىيە «ئىيى پارتىيە» سىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئاييۈجە تۈركەش، پارتىيە رەئىسى مۈساۋات دەرۋىشئوغلۇ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە د ئۇ ق غا ۋاكالىتەن بارغان ئابدۇلھامىد قاراخان، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىسى باش كاتىپى ئابدۇررەھىم بۇغرالار مەزكۇر پارتىيەنىڭ رەئىسىنىڭ ئىشخانىسىدا. 2024-يىلى 14-ئىيۇن، ئەنقەرە.
(ئوڭدىن) تۈركىيە «ئىيى پارتىيە» سىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئاييۈجە تۈركەش، پارتىيە رەئىسى مۈساۋات دەرۋىشئوغلۇ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە د ئۇ ق غا ۋاكالىتەن بارغان ئابدۇلھامىد قاراخان، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىسى باش كاتىپى ئابدۇررەھىم بۇغرالار مەزكۇر پارتىيەنىڭ رەئىسىنىڭ ئىشخانىسىدا. 2024-يىلى 14-ئىيۇن، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيە ئاخباراتلىرىدا تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نىڭ 2017-يىلى ئىككى دۆلەت مىنىستىرلىرى ئارىسىدا ئىمزالانغانلىقى، 2019-يىلى تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قول قويغان بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتمىگەنلىكى، مەزكۇر كېلىشىمنىڭ 2022-يىلى 26-دېكابىر كۈنى خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ماقۇللانغانلىقى، خاقان فىداننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ بۇ قارارنى پارلامېنتتا ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تارقىتىلغاندىن كېيىن، مەزكۇر مەسىلە قايتا غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. بىز بۇنى مۈساۋات دەرۋىشئوغلۇدىن سورىدۇق. ئۇ، تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر تۈركلىرىگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغان ھېچقانداق بىر قارارنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزمەيمىز. بۇ قارارنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزمەسلىك ئۈچۈن تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار نارازىلىق بىلدۈرۈشى كېرەك. تۈركىيە ھۆكۈمىتىمۇ خىتاي دۆلىتى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارغا زىيان ئېلىپ كېلىدىغان كېلىشىملەرنى ماقۇللاشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.»

مۈساۋات دەرۋىشئوغلۇ ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاي چەكلىگەن بىلەن ھېيت ھېيتتۇر. مەن بۇ رادىيو ئارقىلىق بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەيمەن. ئۇيغۇر تۈركلىرى قۇربان ھېيتىنى ئۆتكۈزەلمىگەنلىكىدىن كۆڭلىمىز بەكلا يېرىم. بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەركىن قۇربان ھېيتى ئۆتكۈزەلەيدىغان كۈنلەرگە ئېرىشىشىنى ئاللادىن تىلەيمىز.»

ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات مەركىزىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېھىم بۇغرا ئەپەندىلەر د ئۇ ق ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەييارلىغان بەزى دوكلاتلارنى مۈساۋات دەرۋىشئوغلۇغا بەردى.

«ئىيى» پارتىيەسى 2018-يىلى، قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر پارتىيە ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كەلمەكتە. پارتىيەنىڭ قۇرغۇچىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم 2024-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى سايلامدا نامزات بولمىغان بولۇپ، مۈساۋات دەرۋىشئوغلۇ پارتىيە رەئىسلىكىگە سايلاندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.