تۈركىيەدىكى ھەرقايسى پارتىيەلەر ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا توپلانغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021-01-08
Share
تۈركىيەدىكى ھەرقايسى پارتىيەلەر ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا توپلانغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى تۈركىيە «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇلدىكى مەسئۇلى ساتۇق بۇغرا قاۋۇنجۇ ئەپەندى ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق پائالىيىتى قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشتى. 2021-يىلى يانۋار.
RFA/Erkin Tarim

لاگېر قۇربانلىرى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق پائالىيىتى قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئۈچۈن تۈركىيەدىكى ھەر قايسىي پارتىيە رەھبەرلىرى، ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى، جامائەت ئەرباپلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ ھال سورىماقتا. بۇ ئۇيغۇر ياشلارنىڭ نارازىلىق پائالىيىتىگە دىققەت قىلىۋاتقان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ كۈنسايىن كۆپەيمەكتە.

ئائىلە ئەزالىرى خىتاي تۈرمىلىرىگە ياكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار 15 كۈندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ئىستانبۇل تارابيادىكى خىتاي كونسۇلخانىسىدىن ئائىلىلىرى ھەققىدە ئېنىق ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا.

تۈركىيە كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىنى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق پائالىيىتى قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن. 2021-يىلى يانۋار.

قوللىرىدا ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ فوتو-سۈرەتلىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پائالىيىتى تۈركىيەدىكى ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغىماقتا. «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەلجۇق ئۆزداغ ئەپەندى، «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇلدىكى مەسئۇلى ساتۇق بۇغرا قاۋۇنجۇ ئەپەندى، «سائادەت» پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇلدىكى مەسئۇلى ئۆمەر فارۇق يازىجى ئەپەندى ھەمدە تونۇلغان ژۇرنالىستلار، دىنىي جامائەتلەرنىڭ ئەرباپلىرى ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدىكى پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ لاگېر قۇربانلىرىنىڭ پائالىيەتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تۈركىيە «سائادەت» پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇلدىكى مەسئۇلى ئۆمەر فارۇق يازىجى ئەپەندى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2021-يىلى يانۋار، ئىستانبۇل.

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن جەۋلان شىرمەمەت ئەپەنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پائالىيەتنىڭ 8-كۈنىدىن تارتىپ تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەر ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زور دىققىتىنى تارتىشقا باشلىغانلىقىنى بايان قىلدى.

جەۋلان شىرمەمەت ئەپەندى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇلدىكى مەسئۇلى ساتۇق بۇغراخان قاۋۇنجۇ، «ئاقىت» تېلېۋىزيەسىنىڭ رىياسەتچىسى خالىس ئۆزدەمىر ئەپەندى، «كېلەچەك» پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى سەلجۇق ئۆزداغ ئەپەندى ۋە «سائادەت» پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئۆمەر فارۇق يازىجى ئەپەندى شۇنداقلا كۆپ ساندا خەۋەر ئاگېنتلىقى ۋە تېلېۋىزيە قاناللىرىنىڭ كېلىپ ئۆزلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى، ئۆزلىرىنى زىيارەت قىلىپ نەق مەيداندىن تارقاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە «ئاقىت» تېلېۋىزيەسىنىڭ رىياسەتچىسى خالىس ئۆزدەمىر ئەپەندى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2021-يىلى يانۋار، ئىستانبۇل.

5-يانۋار كۈنى «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەلجۇق ئۆزداغ باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئىستانبۇلدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، مۇنداق دېگەن: «بىز سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا بولىمىز، بۇنداق پائالىيەتلەر ئارقىلىق سىلەرنىڭ ئاۋازىڭلار بولىمىز. سىلەرنىڭ بۇ پەريادىڭلارنى ئاللاھ ئاڭلىتىدۇ. خۇدايىم بۇيرىسا، بۇ پەريادىڭلارنى جامائەتكە ئاڭلىتىمىز. سىياسەتچىلەرگە ئاڭلىتىمىز.»

بىز خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا تېلېفون قىلىپ، نەق مەيداندىن مەلۇمات ئىگىلىدۇق. شەمسىيە تۇرسۇن خانىم 15 كۈندىن بۇيان ئاتا-ئانىسى ۋە كىچىك ئاپىسىنىڭ ئىز-دىرېكىنى قىلىش ئۈچۈن خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

«بۇ 15 كۈن جەريانىدا سىزگە ئەڭ كۆپ نېمە تەسىر قىلدى؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ تۈركىيەدىكى ھەر قايسى پارتىيەلەر ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ھەر كۈنى كېلىپ ئۆزلىرىنى قوللاۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن بەكلا تەسىرلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئىستانبۇلدىكى مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى شەمسىيە ئېلى ئاتا-ئانا ۋە چوڭ تاغىسىنىڭ ئىز-دىرېكىنى قىلىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ 2 نەپەر يەرلىك تۈركنىڭ ئۆزلىرىنى قوللاش ئۈچۈن 15-كۈندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ئەتىگەن كېلىپ ئاخشام كېتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئائىلە ئەزالىرى خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە ياشلار 18-دېكابىردىن ئېتىبارەن خىتاي كونسۇلخانىسى ئىلتىماسلىرىنى رەسمىي يوسۇندا تاپشۇرۇۋالغانغا ۋە ئائىلىلىرى ھەققىدە ئىزاھات بەرگەنگە قەدەر ھەر كۈنى كونسۇلخانا ئالدىدا يىغىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن جاۋاب كۈتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. 15 كۈندىن بۇيان ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى بۇ پائالىيەت تېخىمۇ كۈچلىنىپ داۋام قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت