1-ئاپرىل كۈنى تۈركىيەنىڭ قارابۈك ۋىلايىتىدە «چاقچاق ئەمەس، ئىرقىي قىرغىنچىلىق: شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر يىغىندا پرېزىدېنت رەجەپ تايىپ ئەردوغان ھۆكۈمىتىنى ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى دەپ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرماسلىققا چاقىردى.
تۈركىيەدىكى كۆپ ساندىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرى» نامىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى تۈركىيەنىڭ قارابۈك شەھرىدىمۇ ئۆتكۈزۈلدى. 1-ئاپرىل كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتنى ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىسى، ئەنسەر ۋەخپىسى، ئاناتولىيە ياشلار تەشكىلاتى ۋە ئىلىم-پەننى ئومۇملاشتۇرۇش جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان چەكلىمىلەر سەۋەبىدىن 200 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلغان. مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىسى قارابۈك شۆبىسىنىڭ رەئىسى كامال ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىىسدا 1-ئاپرىل پەيشەنبە كۈنى تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ۋىرۇس چەكلىمىلىرى تۈپەيلىدىن 150-200 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلدى. پائالىيەتكە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ قاتناشتى. بىز مەتبۇئات باياناتىمىزنى ‹بىز ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ زۇلۇم، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق تۈگىگىچە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاۋازى بولۇشقا، ئۇلارنى قوللاپ-قۇۋەتلەشكە داۋام قىلىمىز› دەپ تۈگەتتۇق.»
كامال ئەپەندى بۇ پائالىيەتنىڭ مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا داۋاملىشىۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىملارنى دۇنياغا، بولۇپمۇ تۈركىيە جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئارقىلىق تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۈكۈتىنى بوزۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىنى كۈتتۇق ۋە تېخىغىچە كۈتۈۋاتىمىز. لېكىن ھۆكۈمەت خىتاي بىلەن تۈزگەن كورونا ۋاكسىنىسىنى ئېلىش كېلىشىمىنى، شۇنداقلا خىتايدىن ئالغان قەرز پۇللارنى نەزەردە تۇتۇپ سۈكۈتتە تۇرۇۋاتىدۇ دەپ ئويلايمەن. شۇڭا بىز مەتبۇئات باياناتىمىزدا تۈركىيە ھۆكۈمىتى تىجارىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى دەپ قېرىنداشلىرىمىز دۇچار بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا كۆز يۇمسا بولمايدۇ، دەپ تۈگەتتۇق. بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتى تاكى سۈكۈتىنى بۇزغىچە تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدە بۇ زۇلۇمنى ئاڭلىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ تاقىلىشى ئۈچۈن چاقىرىق قىلىنغاندىن سىرت يەنە خىتاينى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك تۈركىي خەلقلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر بېسىم سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىرغان. قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ كەسپىنىڭ دوكتورانتى مامۇتجان ئەركىن ئەپەندى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورانتى مامۇتجان ئەركىن ئەپەندى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئانىسى گۈلاچخان ئەمەت، ئاكىسى مەمەتجان ئەركىن قاتارلىق 33 ئۇرۇق-تۇغقىنىدىن 4 يېرىم يىلدىن بۇيان خەۋەر ئالالمايۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتتى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىغا قاتناشقان قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ ئاسپىرانتى تاجىگۈل خانىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قولىدا ھەر خىل لۇزۇنكىلار، كۆك بايراق بىلەن تۈرك بايرىقى كۆتۈرىۋالغان كۆپ ساندىكى كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، بۇنى كۆرگەندىن كېيىن بەك تەسىرلەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
1-ئاپرىل كۈنى «چاقچاق ئەمەس، ئىرقىي قىرغىنچىلىق: شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئىستانبۇلدىكى ئوتۇزغا يېقىن رايون ۋە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەر ۋە ۋىلايەتلىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.