تۈرك ساقچىلىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ دەۋاسىنى قىلىۋاتقان 15 ئۇيغۇرنى ئەنقەرەگە كىرگىلى قويمىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020.09.07
enqere-uyghur-tosuq-1.jpg مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش يىغىنىغا قاتنىشىش ۋە ئەرز سۇنۇش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە كېلىۋاتقان 15 ئۇيغۇرنى تۈرك ساقچىلىرى ئەنقەرەگە 35 كىلومېتىر قالغان جايدا توسۇپ، ئەنقەرەگە كىرگىلى قويمىغان. 2020-يىلى 6-سەنتەبىر، تۇركىيە.
RFA/Erkin Tarim

مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش يىغىنىغا قاتنىشىش، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئەرز سۇنۇش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە كېلىۋاتقان 15 ئۇيغۇرنى تۈرك ساقچىلىرى ئەنقەرەگە 35 كىلومېتىر قالغان جايدا توسۇپ، ئەنقەرەگە كىرگىلى قويمىدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، تۈركىيە قازاقىستاندىن قالسا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت. تۈركىيەدىكى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنلىرى جازا لاگېرلىرىدا ياكى تۈرمىلەردە ياتماقتا. ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلار ئىچىدە كىچىك بالىلارمۇ بار. 6-سېنتەبىر كۈنى 15 نەپەر ئۇيغۇر كەچ سائەت 9:00 ئەتراپىدا ئەنقەرەنىڭ كىرىش ئېغىزىدا 50 تەك ساقچى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنىپ، ئىستانبۇلغا قايتۇرۇۋېتىلدى.

بىز ساقچى توسقان نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلىدۇق. خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ دەۋاسىنى قىلىۋاتقان ئالىمجان تۇردى ئەپەندى نەق مەيداندىكى ئەھۋال توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىلەردە ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە قاراپ يولغا چىققان ئىدۇق. ئەنقەرەگە كىرىش ئېغىزىدا ساقچىلار خۇددى بىر يەرگە چوڭ بىر ئىش چىقىرىشقا ماڭغان ئادەملەرنى توسقاندەك ياكى جىنايەتچىلەرنى توسقاندەك، ئۇياقتىن بۇياققا ۋارقىراپ-جارقىراپ يۈرۈپ، بىزنى ‹ئىستانبۇلغا قايتىسىلەر› دېدى. كېيىن قېرىنداشلىرىمىز ئادۋوكاتلىرىنى چاقىردى، ئادۋوكات كەلدى. بىز ساقچىلارغا ‹بىز تۈركىيە دۆلىتىگە زىيانلىق ئىش قىلغىلى كەلمىدۇق. بىز پەقەت سىلەرنى قېرىندىشىمىز دېگەنلىكىمىز ئۈچۈنلا قېرىنداشلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىتايلى دەپ كەلدۇق. ۋەتىنىمىزدىكى 35 مىليون خەلق زالىم خىتاينىڭ تاپىنى ئاستىدا ئىڭراۋاتىدۇ. ئەمما پۈتۈن دۇنيادىكى تۈرك ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار بۇلارنى ئاڭلىمايۋاتىدۇ. بىز قانۇنلۇق شەكىلدە دەردەىمىزنى ئەنقەرەدىكىلەرگە ئاڭلىتايلى دەپ كەلدۇق› دېدۇق.»

ئالىمجان تۇردى ئەپەندى 3 ھەپتە بۇرۇن پۇتى سۇنۇپ كەتكەنلىكىنى، ھاسا تايىنىپ ئاران مېڭىۋاتقاندا ئەنقەرەنىڭ كىرىش ئېغىزىدا بۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقىدىن قاتتىق ئۆكۈنگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئارقىدىن خىتاينىڭ تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىدا يېتىۋاتقان ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ دەۋاسىنى قىلىۋاتقانلارغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان جەۋلان ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئەنقەرەدە 8-چېسلا ئۆتكۈزمەكچى بولغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئەنقەرەنىڭ كىرىش ئېغىزىغا كەلگەندە 40-50 ساقچى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.

6-سېنتەبىر كۈنى كەچقۇرۇن نەق مەيدانغا بارغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادۋوكاتى، ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور ئىلياس دوغان ئەپەندى ئەنقەرە ساقچى ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ ئەنقەرە ۋىلايەتلىك ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقى ۋە ئەنقەرە ساقچى ئىدارىسى باشلىقى قاتارلىقلار ئىمزا قويۇپ تەستىقلىغان خەتنى ئۆزىگە بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى. پروفېسسور دوكتور ئىلياس دوغان ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن ساقچىلارنىڭ يېنىغا باردىم، مەن ئۆزۈمنى ‹بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى› دەپ ئۇلارغا كىملىكىمنى كۆرسەتتىم. مەن: ‹بۇلارنىڭ قانۇنىي ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلدىم، › دېدىم. مەن ئۇلاردىن ‹سىلەر نېمىشقا ئۇلارنى ئەنقەرەگە كىرگۈزمەيسىلەر، › دەپ سورىدىم. ئۇلار: ‹بۇلارنىڭ ئەنقەرەگە كىرىشى مەنئى قىلىندى، › دېدى. مەن: ‹ئۇنداق بولسا، بۇ ھەقتىكى قارارنى ماڭا كۆرسەت، › دېدىم. ماڭا قارارنى بەردى. قاراردا ‹كورونا ۋىرۇسى ئۈچۈن ئېلىنغان تەدبىرلەر سەۋەبىدىن ئەنقەرەنىڭ سىرتىدىن كەلگەن ئادەملەرنىڭ ئەنقەرەگە كېلىپ پائالىيەتكە قاتنىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ› دەپ يېزىلغان ئىكەن.»

بىز مەزكۇر گۇرۇپپا ئىچىدىكى ئۇيغۇر ياشلار بىلەنمۇ تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. دادىسى تۈرمىگە تاشلانغان مەلىكەزات ھەبىبۇل تۈرك ساقچىلار ئۆزلىرىنى توسۇۋالغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ دەۋادىن ھەرگىز يانمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى

مەۋلۇدەنىڭ ئاچىسى مەدىنە نازىمى سىڭلىسىنىڭ دەۋاسىنى قىلىش ئۈچۈن ئەنقەرەگە ماڭغاندا قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكىنى، لېكىن بۇ دەۋادىن قايتمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

جەۋلان ئەپەندى تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنى ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ قانۇن بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى، شۇڭا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىگە قانۇنىي يول بىلەن دەۋاسىنى ئاڭلىتىش ئىشىكىنى ئېچىپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئېلى ئەكبەر ئەپەندى باشچىلىقىدىكى 70 نەپەر كىشى 2019-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىگە قارىتا تۈركىيە خەلقىنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى تارتىش شۇنداقلا تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا يېزىلغان خەتنى ئۆز قوللىرى بىلەن تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە قاراپ پىيادە يولغا چىققان ئىدى. 2019-يىلى 3-يانۋار كۈنى ئەنقەرەگە 80 كىلومېتىر قالغان قىزىلجاھامام ناھىيەسىدە 20 دەك ساقچى ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ، ماڭغىلى قويمىغان ئىدى. پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا بەرمەكچى بولغان خەتنى ئەنقەرە ساقچى خادىملىرى «بىز يەتكۈزۈپ بېرىمىز» دەپ ئېلىپ قالغان. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ تەلەپ خېتىنى ئەردوغانغا يەتكۈزگەن ياكى يەتكۈزمىگەنلىكى تېخىچە مەلۇم ئەمەس ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.