سائادەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى تەمەل قاراموللائوغلۇ مۇسۇلمانلارنى خىتاي ماللىرىنى ئالماسلىققا چاقىردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019-12-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركىيەدىكى سائادەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى تەمەل قاراموللائوغلۇ ئەپەندىم.
تۈركىيەدىكى سائادەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى تەمەل قاراموللائوغلۇ ئەپەندىم.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان سائادەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى تەمەل قاراموللائوغلۇ پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا، خىتاي ماللىرىنى ئىستېمال قىلماسلىققا چاقىردى.

تەمەل قاراموللائوغلۇ 11-دېكابىر كۈنى سائادەت پارتىيەسىنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇملىرىغا قارشى پۈتۈن دۇنيادىكى ئىسلام دۆلەتلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىمىز. بارلىق مۇسۇلمانلارنى خىتاي ماللىرىنى سېتىۋالماسلىققا چاقىرىمىز.» 

قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولانغانلىقى مەلۇم بولغاندىن بۇيان تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن شۇنداقلا ئىسلام دۆلەتلىرىدىن بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس چىقمىدى. مەزكۇر دۆلەتلەردىكى پارتىيەلەرمۇ بۇ ھەقتە كونكىرېت پائالىيەتلەر ئېلىپ بارمىدى. بۇنىڭ سەۋەبلىرى زادى نېمە؟

تۈركىيە سائادەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى تەمەل قاراموللائوغلۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز بۇ مەسىلىدە بۇندىن كېيىن سۈكۈت قىلىپ تۇرمايمىز. ھازىرغىچە بۇ مەسىلىنى جىددىي رەۋىشتە كۆتۈرۈپ چىقماسلىقىمىزدىكى سەۋەب ‹خىتاي بۇ سىياسىتىدىن ۋاز كېچىدۇ› دەپ ئويلىغانلىقىمىزدىن بولغان ئىدى. لېكىن شۇنى چۈشىنىپ يەتتۇقكى، خىتاي بۇ سىياسىتىدىن ۋاز كېچىدىغاندەك ئەمەس. شۇڭا بارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرى، يەنى ئىسلام دۇنياسى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك دەپ ئويلايمەن.» 

سائادەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى تەمەل قاراموللائوغلۇ بۇ باياناتنى بەرگەندىن كېيىن مەزكۇر خەۋەر تۈركىيەدە ئالقىشقا ئېرىشتى. ئۇنداقتا، بۇندىن كېيىن سائادەت پارتىيەسى بۇ ھەقتە نېمىلەرنى قىلماقچى؟ ئىسلام دۇنياسىدا خىتاي مېلىنى ئالماسلىق چاقىرىقىغا ئاۋام ئاۋاز قوشارمۇ؟ تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى بۇ ھەقتە نېمىلەرنى قىلماقچى؟ 

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مەن بۇنىڭ خىتايغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. چۈنكى بۈگۈن تىجارەت خىتاينى خىتاي قىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ. خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيانغا ئۇچراشنى خالىمايدۇ، ئەگەر خىتاي ماللىرىغا قارشى كەڭ-كۆلەمدە تەسىرلىك پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلسا، ئۇزۇن مۇددەتتە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ دەپ ئويلايمەن.» 

سائادەت پارتىيەسى مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىرلىكى قۇرۇشنى تەشەببۇز قىلىدىغان، دىندار كىشىلەر قوللايدىغان پارتىيەلەردىن بىرسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ پارتىيەنىڭ رەئىسى ئوتتۇرىغا قويغان چاقىرىق خىتاينى قورقىتالامدۇ؟ ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئىقتىسادشۇناس ئابدۇررەشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى ئەگەر ئىسلام ۋە تۈرك دۇنياسى بۇ پائالىيەتكە ئاۋاز قوشسا، خىتاينى سەراسىمغا سالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. 

دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى خىتاينىڭ لاگېرلار توغرىسىدىكى مەخپىي ھۆججەتلىرى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىدە بولغاندەك تۈركىيەدىمۇ خىتايغا بولغان نارازىلىقنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى، بۇندىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ سۈكۈتنى بۇزۇشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ لاگېرلار توغرىسىدىكى مەخپىي ھۆججەتلىرى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن پۈتۈن دۇنيادا غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. تۈركىيەدىمۇ بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە خىتايغا بولغان نارازىلىق كۈچەيدى. مەسىلەن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنىڭ ھەمبەھىرلىنىشى 300 ھەسسە كۆپىيىپتۇ. تۈركىيەدە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان جامائەت پىكرى تۈرك ھۆكۈمىتىنى سۈكۈناتىنى بۇزۇشقا مەجبۇر قىلىشى مۇمكىن.» 

ئۇنداقتا، سائادەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى تەمەل قاراموللائوغلۇنىڭ بۇ چاقىرىقىغا ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە ئىسلام دۆلەتلەردىكى خەلقلەر ئاۋاز قوشۇشى مۇمكىنمۇ؟ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇلئەھەت ئۇچقۇن ئەپەندى بۇ چاقىرىققا تۈرك خەلقىنىڭ ئاۋاز قوشۇدىغانلىقىنى، لېكىن ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمىسىمۇ، سائادەت پارتىيەسىنىڭ تەسىرى بولغان دۆلەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

سائادەت پارتىيەسى بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان پارتىيەلەردىن بىرى. مەزكۇر پارتىيەنىڭ قۇرغۇچىسى تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى مەرھۇم نەجمەتتىن ئەرباقان 1984-يىلىدىن تارتىپ تۈركىيە پارلامېنتىدا ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن ئىدى. مەزكۇر پارتىيە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» يۈز بەرگەندە خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ 2009-يىلى 7-ئايدا ئىستانبۇلدا 20 مىڭ كىشى قاتناشقان زور نارازىلىق نامايىشى ئۇيۇشتۇرغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت