تۈركىيە ئىنسانپەرۋەرلىك فوندى ب د ت دىن خىتايدا ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئۈچۈن ياردەم سورىغان
2020.12.20
«ئانادولو ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش فوندى (IHH) جۈمە كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلاردىن خىتايدا ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ ئۆلۈمى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ دېرىكىنى قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەرگە قارىغاندا، ئى خ خ ب د ت گە يوللىغان مەكتۇپىدا، تۇرسۇن كالىئوللا ئىسىملىك بۇ كىشىنىڭ «شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان قانۇنسىز قولغا ئېلىش ھەرىكىتى توغرىسىدا مۇراجىئەتنامە يازغاندىن كېيىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ لاگېرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى» نى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇلار خېتىدە، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن ئۇنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى تەكشۈرۈشنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، كالىئوللانىڭ ئوغلى ئاكىكات قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇ، ئۇيغۇر دىيارىدا ياشايدىغان دادىسى، ئانىسى ۋېرېنا مۇكاتاي ۋە ئىنى-سىڭىللىرىنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي سەۋەبسىزلا قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتقان.
ئى خ خ مەكتۇپىدا يەنە، «خەلقئارالىق جەمئىيەتلەرنى، بارلىق دۆلەتلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىشقا ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قوللاش» قا چاقىرغان.