«ئۈمىد يۇلتۇزلىرى» خەلقئارا ئۇيغۇر بالىلار مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجىلىرى يەكۈنلەندى

0:00 / 0:00

5-ئىيۇن كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە «ئۈمىد يۇلتۇزلىرى» مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجىلىرى يەكۈنلەندى. مەزكۇر مۇسابىقە 2020-يىلى باھار ئايلىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكى تەرىپىدىن تور ئارقىلىق ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىكەن. مۇسابىقىنىڭ مەقسىتى ياش ئەۋلادنىڭ ئانا-تىل سۆيگۈسىنى ئاشۇرۇش ۋە كەلگۈسىدە ۋەتەن رەھبەرلىرىنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ئىكەن. مەزكۇر مۇسابىقىگە تۈركىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر بالىلار بولۇپ تەخمىنەن 300 بالا قاتناشقانىدى. «ئۈمىد يۇلتۇزلىرى» مۇسابىقىسىگە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تۆت تۈرى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇلار: ئۇيغۇر شېئىرىيىتى، مىللىي ئۇسسۇل، رەسىم ۋە ئىسپورت.

«ئۈمىد يۇلتۇزلىرى» خەلقئارا ئۇيغۇر بالىلار مۇسابىقىسى 2020-يىلى ئۇيۇشتۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن دۇنياغا تارقالغان «كوۋىد-19» ئاغرىقى تۈپەيلىدىن، مۇكاپات تاپشۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەي قالغانىدى. بۇ يىل ئەھۋال سەل ئوڭشىلىپ، ئاز ساندا مۇراسىم ئۆتكۈزۈشكە ئىجازەت ئېلىنىپ، بالىلارنى تەبرىكلەپ، ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن سوۋغات تاپشۇرۇش مۇراسىمى ئۇيۇشتۇرۇلدى.

«ئۈمىد يۇلتۇزلىرى» مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بالىلارنى تەبرىكلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مۇراسىمى دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى شۆبىسى تەرىپىدىن بىشكەك شەھىرىنىڭ «DI-2» ئاشخانىسىدا ئۇيۇشتۇرۇلدى. مۇراسىمغا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىموف، «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ مۇھەررىرلىرى، «بىرلىك» توپىنىڭ ئەزالىرى، «ئۈمىد يۇلتۇزلىرى» مۇسابىقىسىنىڭ قاتناشقۇچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بولۇپ ئوتتۇزغا يېقىن ئادەم قاتناشتى. قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكى تەرىپىدىن مۇسابىقە قاتناشقۇچىلىرىغا مېدال ۋە سوۋغاتلار تاپشۇرۇلدى. قىرغىزىستاندىكى «بىرلىك» توپىنىڭ شۆبە رەئىسى چەشمە مۇختاروۋا خانىم، مۇراسىم داۋامىدا، بالىلارنى تەبرىكلەپ، قاتناشقۇچىلارغا ئۆز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

قىرغىزىستانلىق بالىلار «ئۈمىد يۇلتۇزلىرى» مۇسابىقىسىنىڭ ھەر بىر تۈرىگە تىرىشچانلىق بىلەن ئىشتىراك قىلىپ مەزكۇر خەلقئارا مۇسابىقىدە قىرغىزىستان ئۇيغۇر جامائىتىگە ۋەكىل بولۇشتى. فەزىيە قاسىموۋا رەسىم تۈرىدە، لېيلا قاسىموۋا ۋە گۈزەل مەنھىكوۋا-مىللىي ئۇسسۇل تۈرىدە ئىشتىراك قىلىشتى. قارا بالتا شەھىرىدىن ياش قىز سەبىنا مۇسابىقىنىڭ ئىككى تۈرىگە ئىشتىراك قىلدى. ئالىمجان يۈنۈس روزىماتوف ئىسپورت تۈرىگە قاتنىشىپ «خەلق تاللاش مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.

قىرغىزىستاندىكى «بىرلىك» توپىنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى نىلۈفەر خاشىموۋا خانىم مۇكاپات تاپشۇرۇش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ياش ئەۋلادلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىدا تەربىيەلەپ كېلىۋاتقان ئاتا-ئانىلارغا ئۆز رەھمىتىنى بىلدۈردى.

مۇراسىم داۋامىدا «ئۈمىد يۇلتۇزلىرى» مۇسابىقىسىنىڭ ياش سەنئەتكارلىرى يەنە بىر قېتىم ئۆزلىرىنىڭ ماھارەتلىرىنى ئورۇنداپ، تەشكىللىگۈچىلەرنى خۇشال قىلىپ، ئۇلارنىڭ قىزغىن ئالقىشلىرىغا ئېرىشىشتى.

«خەلق تاللاش مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ئالىمجان يۇنۇسنىڭ مومىسى گۈلنارا غەزىيېۋا خانىم، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ نەۋرىسىنىڭ بۇ تىپتىكى مۇسابىقىلەرگە كېلەچەكتە خۇشاللىق بىلەن قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋەتىنى بىلەن قوشنا بولغاچقا، بۇ دۆلەت قازاقىستاندىن قالسا، ئەڭ كۆپ ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايدىغان مەملىكەت. لېكىن قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر بالىلار ئانا تىل تەرەپتىن قاتتىق قىينىلىدۇ. ئۇلار ئاساسەن رۇس تىللىق مەكتەپلەردە، بىرقىسمى قىرغىز تىلىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇيدۇ. مەزكۇر پائالىيەت داۋامىدا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىموف نۇتۇق سۆزلەپ، بالىلارنى تەربىيەلەشتە ئاياللارنىڭ رولىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى.