خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى ئوت پاجىئەسىنىڭ ھالقىلىق ئۇچۇرلىرىنى تېخىچە سىر تۇتماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2023.11.22
ئۈرۈمچىنىڭ ئوتى پۈتۈن خىتايغا تۇتاشتى
Yettesu

ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 24-نويابىر ئوت پاجىئەسىگە بىر يىل بولغان بولسىمۇ، پاجىئەگە ئالاقىدار ھالقىلىق ئۇچۇرلار يەنىلا سىر تۇتۇلماقتا. بىز بۇ خاتىرە كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلارغا تېلېفون قىلىپ، پاجىئەدە ئۆلگەن 44 كىشىنىڭ كىملىكلىرى، مېيىتلىرىنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلەردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ مېيىت ئۇزىتىش ئىشلىرىغا قاتناشتۇرۇلغان ياكى قاتناشتۇرۇلمىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى ساقچى خادىملىرى، يۇقىرى ئورگانلارنىڭ بۇ ھەقتە ئەينى چاغدا ئاخبارات باياناتىدا بىلدۈرگەندىن باشقا تەپسىلىي بىر دوكلات ئېلان قىلمىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان «جىشىياڭيۈەن» ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى بىر بىناغا ئوت كېتىپ، ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرى ئوت كەتكەن بىناغا يېقىنلىشالمىغان ۋە سۇ شىلانكىلىرىمۇ ئوت كۆيۈۋاتقان قەۋەتلەرگە ئۇلىشالمىغان كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 24-نويابىر، ئۈرۈمچى.
ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان «جىشىياڭيۈەن» ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى بىر بىناغا ئوت كېتىپ، ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرى ئوت كەتكەن بىناغا يېقىنلىشالمىغان ۋە سۇ شىلانكىلىرىمۇ ئوت كۆيۈۋاتقان قەۋەتلەرگە ئۇلىشالمىغان كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 24-نويابىر، ئۈرۈمچى.
AP

مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر مەزكۇر پاجىئەگە ئائىت تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى جەمئىيەتكىلا ئەمەس، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغىمۇ بىلدۈرمىگەن. پاجىئەدە ئۆلگەن قەمبەرنىسا خانىمنىڭ تۈركىيەدىكى ئوغلى مۇھەممەد مەمەتئەل بىلەن بېلگىيەدىكى جىيەنى ئابلىپىزنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار پاجىئەدە ئۆلگەن ئاپىسى ۋە ئۈچ قېرىندىشىنىڭ مېيىتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش جەريانى، ھايات ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۈرمە ۋە جەمئىيەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە خىتاي دائىرىلىرىدىن تا ھازىرغىچە بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك بولسۇن ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان. ئۇلار پاجىئە يۈز بەرگەندىن كېيىن تۈركىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاخبارات باياناتى ئېلان قىلغان، دۇنيادىكى داڭلىق ئاخبارات ئورگانلىرىدىن CNN ۋە BBC لارنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلغان. بۇ ھەرىكەتلەر، خەلقئارا جامائەتنىڭ پاجىئەنى كەڭ-كۆلەمدە بىلىشىگە ۋەسىلە بولغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تەرەپتىن ئۇچۇر ئېلىشتا كارغا كەلمىگەن.

ئەينى چاغدا خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەدە پەقەت 10 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان، ئەمما رادىيومىزنىڭ ئېنىقلاشلىرىدا ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئاز دېگەندە 44 نەپەر ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن. دائىرىلەر ۋەقە يۈز بەرگەندە بىنا ئىشىكلىرىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكى، ئۆلۈم ھادىسىسىگە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئوت ئاپىتىدىن ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ساۋادىنىڭ يېتەرسىزلىكىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئەينى چاغدا يولغا قويۇلۇۋاتقان كوۋىد قامالى سەۋەبلىك بىنا ۋە ئۆي ئىشىكلىرىنىڭ، ھەتتا ئوت بىخەتەرلىك ئىشىكلىرىنىڭمۇ تاقاق ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى.

ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان «جىشىياڭيۈەن» ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى بىنانىڭ ئوت كەتكەن قەۋەتلىرى. 2022-يىلى 24-نويابىر، ئۈرۈمچى.
ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان «جىشىياڭيۈەن» ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى بىنانىڭ ئوت كەتكەن قەۋەتلىرى. 2022-يىلى 24-نويابىر، ئۈرۈمچى.
Credit: RFA screenshot from social media video

شۇ كۈنى بىنانىڭ ئوت كەتكەن ئەڭ ئۈستىدىكى 6 قەۋەتتە كۆيۈۋاتقانلارنىڭ چىرقىرىغان ئاۋازلىرى ئەتراپتىكى بىنا ۋە ئۇيغۇر مەھەللىلىرىگە يېتىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما، ئۇ بىنادىكىلەرمۇ قامالدا بولغاچقا، ئۇلارنى قۇتقۇزۇشقا ئامالسىز قالغان. بىنالارنىڭ ئەتراپى قامال سەۋەبلىك سېمونت بېتون ۋە ياغاچ توسۇقلار بىلەن توسۇۋېتىلگەن بولغاچقا، ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرى ئوت كەتكەن بىناغا يېقىنلىشالمىغان ۋە سۇ شىلانكىلىرىمۇ ئوت كۆيۈۋاتقان قەۋەتلەرگە ئۇلىشالمىغان ئىدى. نەتىجىدە بىنانىڭ ئوت تۇتاشقان 3 قەۋىتىدىكىلەر ئوتتا كۆيۈپ، ئۈستىدىكى قالغان 3 قەۋىتىدىكىلەر ئىستا بوغۇلۇپ ئۆلگەن.

تۈپ سەۋەبى، خىتاينىڭ چەكتىن ئاشقان قامال تەدبىرلىرىگە چېتىلىدىغان بۇ ئوت پاجىئەسى ئەڭ ئاۋۋال ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە، ئاندىن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ چاقىرىقلىرى ۋە مۇستەقىل ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەرلىرى بىلەن پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان. پاجىئە يۈز بېرىپ ئەتىسى تۈركىيە تاشقى ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ پاجىئەدە ئۆلگەنلەرگە تەزىيە بىلدۈرگەن. ياۋروپا پارلامېنتى 19-دېكابىر كۈنى مەخسۇس قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى چەكتىن ئاشقان كونترول تەدبىرلىرىنى تەنقىد قىلغان ۋە خىتاي تەرەپنى ئۈرۈمچى ئوت پاجىئەسى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشكە ۋە پاجىئەدە مەسئۇلىيىتى بارلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرغان.

خىتاي تەرەپ بۇ چاقىرىقلارغا تا ھازىرغىچە قۇلاق يوپۇرۇپلا قالماستىن، مەزكۇر پاجىئە سەۋەبلىك خىتاي ئۆلكىلىرىدە كېلىپ چىققان «ئاق قەغەز ھەرىكىتى» پائالىيەتچىلىرىنى تۇتقۇن قىلغان ۋە بۇ ھەرىكەت ھەققىدە ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشقان 19 ياشلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى كامىلە ۋاھىتنى تۈرمىگە تاشلىغانىدى. بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەزكۇر پاجىئەنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى بۇ پاجىئەدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ۋە كىملىكى ھەققىدە تولۇق مەلۇمات بېرىشكە ۋە ئوقۇغۇچى كامىلە ۋاھىتنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.