«ئۇستا ئاشپەز» مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى تىلغا ئېلىندى
2021.07.13
ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا ئەگىشىپ، داڭلىق سىياسىيونلار، يازغۇچىلار، شائىرلار، سەنئەتچىلەر، رەسساملار ئارقا-ئارقىدىن ھەر خىل يوللار بىلەن باياناتلار ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىماقتا. يېقىندا تۈركىيەدە ئەڭ كۆپ كۆرۈرمىنى بار تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدىن «ئۇستا ئاشپەز» ناملىق تاماق ئېتىش مۇسابىقىسىنىڭ رىياسەتچىسى داڭلىق ئۇستا ئاشپەز، كۆپ ساندىكى داڭلىق ئاشخانىنىڭ خوجايىنى سومەر سىۋرىئوغلۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق دەۋاسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
12-ئىيۇل كۈنى ئاخشام نەق مەيداندىن تارقىتىلغان پروگراممىدا بۇرجۇ ئۆنال ئىسىملىك ئاشپەز ئايال مۇسابىقىگە ئۇيغۇرلارنىڭ كاۋا مانتىسى بىلەن قاتناشقان بولۇپ، ئۇ، تاماق باھالىغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ، ئاچقۇچلۇق مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققىگە ئېرىشتى.
بۇرجۇ ئۆنال خانىم بىر قانچە مىللەتنىڭ تامىقىنى بىرلەشتۈرۈپ ئەتكەن تاماققا ئۇيغۇرلارنىڭ كاۋا مانتىسىنى قويغانلىقىنى، كاۋا مانتىسىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ تاماققا مانتىنىمۇ قويدۇم. بۇ، ئۇيغۇر مانتىسى، ئىچىدە ھەسەل كاۋىسى بار، ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايىسىنى ئوتتۇرىغا قوياي دېدىم».
ئارقىدىن مەزكۇر پروگرامما رىياسەتچىسى، تاماقنىڭ تەمىنى تېتىپ باھالاش ھەيئىتى ئەزاسى سومەر سىۋرىئوغلۇ ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «ھەئە، شۇنداق ئۇيغۇر تۈركلىرى راستىنىلا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان جاپالىق كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر تۈركلىرىگە سالام ۋە ئېھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن، ئۇيغۇر رايونىنىڭ تىنچلىق ۋە راھەتلىككە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
«ئۇستا ئاشپەز «پروگراممىسىنىڭ باھالاش ھەيئەت ئەزاسى مەھمەت يالچىنقايا ئەپەندىمۇ سومەر سىۋرىئوغلۇنىڭ دېگەنلىرىنى تەستىقلاپ مۇنداق دېدى: «راستىنىلا ئۇيغۇرلار ئۇزۇن زاماندىن بۇيان كۈرەش قىلىۋاتىدۇ «.
«ماستېر چېف تۈركېي» يەنى «تۈركىيە ئۇستا ئاشپىزى «ناملىق ئاشپەزلىك مۇسابىقىسى تۇنجى قېتىم ئەنگلىيەدە باشلانغان بولۇپ، ھازىر دۇنيادىكى 18 دۆلەتتە بار ئىكەن. تۈركىيەگە 2011-يىلىدا كىرگەن بولۇپ 2018-يىلىدىن تارتىپ «قانال-8» تېلېۋىزىيەسىدە نەق مەيداندىن تارقىتىلماقتا. بۇ، تۈركىيەدە ئەڭ كۆپ كۆرۈرمىنى بار مۇسابىقە بولۇپ، مەزكۇر پروگراممىغا دۇنيادا تونۇلغان ئىتالىيەلىك ئاشپەز دانىلو زاننا، تۈركىيەلىك داڭلىق ئاشپەز سومەر سىۋرىئوغلۇ بىلەن مەمەت يالچىنقايا ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلماقتا.
تۈركىيەدە ئەڭ كۆپ كىشى، بولۇپمۇ ياشلار قىزىقىپ كۆرىدىغان بۇنداق بىر تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنىشىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تۈركىيەدە زورايغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
قاھرامان ماراشتىكى سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر فاكۇلتېتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى ئىپارخان ئۇيغۇر خانىم بۇ خىل ت ۋ پروگراممىلىرىنى ئون مىليونلىغان ئادەمنىڭ كۆرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدا ئۇيغۇر مانتىسىنىڭ كۆرسىتىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تىلغا ئېلىنىشىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنىڭ تونۇلۇشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
«ئۇستا ئاشپەز «تاماق ئېتىش مۇسابىقىسىنىڭ مەستانىلىرىدىن تۈركىيە دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى مۇخبىرى مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى، بۇ مۇسابىقىدە سومەر سىۋرىئوغلۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنى تىلغا ئېلىشىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە زور ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇيغۇرلار باي تاماق مەدەنىيىتىگە ئىگە بىر مىللەت بولسىمۇ تاماقلىرى دۇنيادا دېگەندەك بىلىنمەيدۇ. بۇلارنى دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟ كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ماگىستىر ئاسپىرانتى سۇبىنۇر نۇرى خانىم بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
بۇ مۇسابىقىدە كاۋا مانتىسى تەييارلاپ ئاچقۇچلۇق مۇسابىقىگە تاللانغان بۇرجۇ ئۆنال خانىم بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن بولۇپ، 13 يېشىدىن تارتىپ تاماق ئېتىشكە قىزىقىدىكەن. ئۇ ئەسلىدە تۈركىيەنىڭ دىيارباقىر شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئىستانبۇلدا چوڭ بولغان. بۇرجۇ ئۆنال خانىم ياپون تامىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، ئاسىيا دۆلەتلىرى تاماقلىرى بىلەن تۈرك تاماقلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى تاماق تۈرلىرى ئىجات قىلىدىكەن.