جانان گۈللۈ خانىم: «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىمىز»

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2023.11.17
ayallar-turkiye-05 تۈركىيە ئاياللار تەشكىلاتلىرى بىرلىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى كۆرۈنۈشى، 2023-يىلى 15-نويابىر، ئەنقەرە
RFA/ErkinTarim

تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى ھېسابلىنىدىغان تۈركىيە ئاياللار تەشكىلاتلىرى بىرلىكى رەئىسى جانان گۈللۈ خانىم ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

1976-يىلى قۇرۇلغان تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاياللار تەشكىلاتى بولغان تۈركىيە ئاياللار تەشكىلاتلىرى بىرلىكى رەئىسى جانان گۈللۈ خانىم ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ مۇدىرى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىنىغا ئەنقەرەدىكى چانقايا رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گۈلسۈن بور خانىم ۋە كۆپ ساندا ئايال تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئىشتىراك قىلدى.

سولدىن ئوڭغا تۈركىيە ئاياللار تەشكىلاتلىرى بىرلىكى رەئىسى جانان گۈللۈ خانىم بىلەن ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ مۇدىرى روشەن ئابباس. 2023-يىلى 15-نويابىر، ئەنقەرە
سولدىن ئوڭغا تۈركىيە ئاياللار تەشكىلاتلىرى بىرلىكى رەئىسى جانان گۈللۈ خانىم بىلەن ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ مۇدىرى روشەن ئابباس. 2023-يىلى 15-نويابىر، ئەنقەرە
RFA/ErkinTarim

دوكلات بېرىش يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن «ھەدەم نەدە؟ » ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. ئارقىدىن روشەن ئابباس خانىم دوكلات بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ھازىر ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ. بۇنىڭدا ئەڭ كۆپ زىيان كۆرۈۋاتقانلار خانىم-قىزلاردۇر. ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ بەدىنى ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇلار مەجبۇرىي ھالدا تۇغماس قىلىنىۋاتىدۇ. جازا لاگېرلىرىدا، تۈرمىلەردە تاجاۋۇزغا ئۇچراۋاتىدۇ. ئەرلىرى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ئاياللارنىڭ يېنىغا خىتاي ئەرلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتىدۇ. شۇڭا بۇلارنىڭ بالدۇرراق قۇتۇلۇشى ئۈچۈن سىلەردەك ئايال تەشكىلاتلىرىنىڭ ياردەم قىلىشىغا ئېھتىياجىمىز بار. »

ئارقىدىن ئابدۇلھاكىم ئىدرىس سۆز قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «روشەن ئوتتۇرىغا قويغاندەك خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە قۇرۇلمىسىغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ. ئۆي دېگەن گەپ دادا ۋە ئانا دېگەن گەپ. بىز شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن 75 يىلدىن بۇيان خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا ياشاۋاتىمىز. خىتاي ئۇيغۇر ئانىلاردىن بالىلىرىنى مەجبۇر تارتىۋېلىۋاتىدۇ، مومىلىرىمىزنىڭ نەۋرىلىرىنى تارتىۋېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە خىتاي ئەرلەرنى جايلاشتۇرۇۋاتىدۇ، ئۇيغۇر قىزلارنى خىتاي ئەرلەر بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ئادەم قېلىپىدىن چىققان سىياسەت ئېلىپ بېرىشى، ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈندۇر. شۇڭا سىز باشتا تۈركىيەدىكى بارلىق ئاياللار تەشكىلاتلىرى ۋە ئايال سىياسەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بولۇپمۇ ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيەتتىن قۇتۇلۇپ چىقىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى ئىلتىماس قىلىمەن. »

ئارقىدىن تۈركىيە ئاياللار تەشكىلاتلىرى بىرلىكى رەئىسى جانان گۈللۈ سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ مەسىلىلىرىنى تېخىمۇ كەڭ ئاممىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن قوللىرىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن تار دائىرىدىكى دوستلار بىلەن بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزدۇق. بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كەڭ خەلق ئاممىسىغا بۇنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن سىلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. تۈركىيە ئاياللار تەشكىلاتلىرى بىرلىكى بارلىق خانىم-قىزلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئاممىۋى تەشكىلات. بىز بۇ مەسىلىدە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ كۈچىگە ئىشىنىمىز. مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تەشكىلاتلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ناھايىتى مۇھىم. بىز بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ پەريادىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز. »

تۈركىيە ئاياللار تەشكىلاتلىرى بىرلىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى كۆرۈنۈشى، 2023-يىلى 15-نويابىر، ئەنقەرە
تۈركىيە ئاياللار تەشكىلاتلىرى بىرلىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى كۆرۈنۈشى، 2023-يىلى 15-نويابىر، ئەنقەرە
RFA/ErkinTarim

 يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن جانان گۈللۈ خانىم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى. ئۇ: «تۈركىيە پارلامېنتىدىكى بەزى سىياسىي پارتىيەلەر 4 قېتىم شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇش توغرىسىدا قارار لايىھەسى سۇنغان بولسىمۇ رەت قىلىندى. سىز تۈركىيەدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئاياللار تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بۇ ھەقتە پارلامېنتقا بېسىم ئىشلىتەمسىز؟ » دېگەن سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «بەك ياخشى بىر سوئال. تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ھازىرقى قۇرۇلمىسىدىن بۇ ھەقتە نەتىجە چىقىشىنى كۈتۈش بىر خىيالدۇر. ھازىر تۈركىيە پارلامېنتىدا بىر كىشىنىڭ سۆزى ئۆتىدۇ. ئۇ كىشى دېگەن قانۇنلار ماقۇللۇقتىن ئۆتىدۇ. مەنچە ھازىر تۈركىيەدە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ناھايىتى مۇھىم. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئېغىر ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كەڭ ئاممىغا ئاڭلاتماقچىمىز. »

 جانان گۈللۈ بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر خانىم-قىزلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغداش پائالىيىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئاياللار تەشكىلاتلىرى بىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىمىز دېمىدۇق. قەلبىمىزدىكى ئىنسانىي سۆيگۈ ۋە كىشىلىك ھەق-ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش تۇيغۇسى ئۇرغۇپ تۇرماقتا. شۇڭا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئۇلارنىڭ پەريادىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىمىز. بۇلارنى قىلغان ۋاقتىمىزدا بەزى كىشىلەر ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشىمىز مۇمكىن. بۇ يەردە قىلىشقا تېگىشلىك ئىش دۇرۇس يول تۇتۇپ، ئېزىلگەن مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېنىدا بولۇشىمىزدۇر. بىز ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىمىز. »

يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان تۆرە ئاياللار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئايفەر خانىمغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ، مۇنداق دېدى: «مەنچە ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان بۇ ئادەم قېلىپىدىن چىققان زۇلۇمنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ياخشى ئاڭلىتىشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ بىز تۈركىيەدىكى ئاياللار تەشكىلاتى ھەمكارلىشىپ چوڭ پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشىمىز كېرەك. بىز بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا بەزى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغانىدۇق. بۇندىن كېيىنمۇ بۇ خىل پائالىيەتلىرىمىزنى تېخىمۇ كەڭ-كۆلەمدە ئۆتكۈزىمىز. »

 تۈركىيە ئاياللار تەشكىلاتلىرى بىرلىكى 1976-يىلى قۇرۇلغان. مەزكۇر بىرلىكنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى ئاياللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، جەمئىيەتنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە بۇ ھەقتە ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ئىكەن. 47يىلدىن بۇيان پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تۈركىيەدە 180 شۆبىسى، ئامېرىكا، ياپونىيە، كانادا، گىرېتسىيە ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق 13 دۆلەتتە ۋەكىلى بار ئىكەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى جانان گۈللۈ خانىم 2020-يىلى كانادانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن «كىشىلىك ھوقۇق» مۇكاپاتىغا، 2021-يىلى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «خەلقئارا جەسۇر ئايال» مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.