كامبرىج ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى «ئۇيغۇر دىئالوگى» مۇنازىرىسى ئېلىپ بارغان

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021-06-01
Share
uyghur-xitay-tor-yighin-nusret-gheni تور ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ خەلقئارا مۇنازىرە يىغىنى» دا ئەنگلىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى نۇسرەت غېنى خانىم سۆزلىمەكتە. 2021-يىلى 22-ئاپرېل.
Photo: RFA

30-ماي كۈنى كامبرىج ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى نۇسرەت غەنى خانىم بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىمنى تەكلىپ قىلىپ «ئۇيغۇر دىئالوگى» دېگەن تېمىدا مۇنازىرە ئۇيۇشتۇرغان.

كامبرىج ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئەنگلىيەنىڭ كامبرىج شەھىرىدە 1815-يىلى قۇرۇلغان مۇنازىرە ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۇيۇشمىسى بولۇپ، ئۇ دۇنيادىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن مۇنازىرە مۇنبىرى ھېسابلىنىدىكەن. مەزكۇر مۇنبەر بۇ ھەپتىلىك مۇنازىرىسىنى ئاۋازى بوغۇلغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھازىرلىغان.

مەزكۇر مۇنازىرىگە كامبرىج ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزالىرى نەق مەيداندىن قاتناشقان بولۇپ، نۇسرەت غەنى خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغان. ياشلارنىڭ ئاۋازى بوغۇلغان مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازى بولۇشى كېرەكلىكى تەكىتلىگەن.

26-مارت كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەنگلىيەنىڭ بەش نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز شەخس ۋە تۆت ئورۇنغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلغانىدى. نۇسرەت غەنى خانىم جازا تەدبىرى ئېلان قىلىنغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىرى.

نۇسرەت غېنى خانىم ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە جازا تەدبىرى ئېلان قىلغانلىقنى ئېيتقان ۋە يەنە مۇنداق دېگەن: «پارلامېنت ئەزالىرىغا يۈرگۈزۈلگەن جازا تەدبىرى ئەنگلىيە پارلامېنتى ئۈچۈن بىر ‹ئويغىتىش› بولدى. ئەمەلىيەتتە بۇ ھەممىمىزگە بېرىلگەن بىر سىگنال. بەش نەپەر پارلامېنت ئەزاسى پەقەت ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان دەھشەتلىك باستۇرۇشلار ھەققىدە سۆزلىگەنلىكىمىز ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بىزگە جازا تەدبىرى ئېلان قىلدى. ئۇلار دېموكراتىك دۆلەتتە سىلەر تەيىنلىگەن پارلامېنت ئەزالىرىنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇندى. بۇ ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسى ‹سىلەر ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلالمايسىلەر› دەپلا قالماستىن بەلكى ‹سىلەر ئەنگلىيەنىڭ ئاساسى قانۇنىغا ۋە ئەنگلىيە دۆلىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايسىلەر› دەۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا خىتاي كومپارتىيەسى ‹سۆزلىيەلمەيسەن› دېگەن تېمېدا بۇ مۇنبەردە سۆزلەش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم».

نۇسرەت غېنى خانىم مۇنازىرە جەريانىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىستېمىلىق ھالدا يولغا قويۇۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئاتا-ئانىلىرىدىن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن ئايرىپ خىتاي ئىدېئولوگىيەسى بىلەن يېتىشتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىرمۇ-بىر چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.

رەھىمە مەھمۇت خانىم BBC, ITV قاتارلىق داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خىتاينىڭ لاگېرلىرىدىن قۇتۇلۇپ چىققان لاگېر شاھىتلىرىغا تەرجىمانلىق قىلغان بولۇپ، ئۇ سۆھبەت جەريانىدا ئاشۇ لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلىغان لاگېردا يۈز بەرگەن قىيىن-قىستاق، قىز-ئاياللارغا كوللېكتىپ باسقۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان دەھشەتلىك زۇلۇمنى ئاڭلاتقان. ئۇ ۋەقەلەرنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن مۇنداق دېگەن: «ناھايىتى قورقۇنچلۇق! مېنىڭ خەلقىم سىز تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايدىغان زۇلۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ».

ئەنگلىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇغان بولۇپ، نۇسرەت غەنى خانىم ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىن ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان.

مۇنازىرىگە قاتناشقا ئوقۇغۇچىلار بۇ خىل ئەھۋالدا ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئىش قىلالايدىغانلىقىنى سورىغاندا نۇسرەت غەنى خانىم ياشلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئالماسلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق شىركەتلەرنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمنى توختىتىشقا ياردەمدە بولالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ۋە يەنە مۇنداق دېگەن: «بەزى چوڭ شىركەتلەر ‹بىز شىنجاڭدا ئۇنداق ئىشلارنىڭ بارلىقنى بىلمەيدىكەنمىز› دەپ تۇرۇۋالىدۇ، سىلەر ئۇنداق شىركەتلەرنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلىساڭلار بولىدۇ. ئۇلار ئەلۋەتتە بىلىدۇ، ھەم مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن جاۋابى بەكلا تۇتۇرۇقسىز. ئەنگلىيەدىكى نۇرغۇن چوك كارخانىلار ۋە خەلقئارالىق كارخانىلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىنىڭ ناھايىتى ساغلام ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىدۇ. ئەمما شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك ماللارنى تەكشۈرگەندە مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلىتىلمىگەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق ئىسپات يوق. ئەنگلىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىز نەگە كەتتى؟ ئادالەتكە تۇتقان ئۆلچىمىمىزگە قايتا قاراپ چىقايلى. ئەمدى سىلەرمۇ خەۋەردار بولدۇڭلار. بارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىڭلاردا تارقىتىڭلار، سىلەر بىلىدىغان مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ماركىلارنى ئاشكارىلاڭلار».

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بىز نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقنى بىلىپ تۇرۇپ، ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئىشىمىزنى داۋام قىلساق بولمايدۇ. بىز چوقۇم بۇ ۋەھشىيلىكنى توختىتىش ئۈچۈن بىر ئىش قىلىشىمىز كېرەك. رەھىمەگە ئوخشاش كىشىلەر ئۆزىنىڭ ھاياتى بەدىلىگە بىزگە ھەقىقەتنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتىدۇ. بىز ئەھۋالدىن خەۋەردار بولدۇق، ئەمدى نېمە قىلىمىز؟ بۇ ھەرگىزمۇ تاللاش ئەمەس بەلكى بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز».

رەھىمە مەھمۇت خانىم ئاخىرىدا رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر مۇنازىرىنىڭ قاتناشقۇچىلار ئارىسىدىكى ئىنكاسى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «سۆھبەت تۈگىگەندىن كېيىن سوئاللار ناھايىتى كۆپ بولدى. ئاساسلىقى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، خەلق ئارىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئاڭلىتىش ھەققىدە پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى».

كامبرىج ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى جوئىل روسېن مۇنازىرىنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇردى: «ئەمدى يۇقىرىدا دېيىلگەن سۆزلەرنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش ھەممىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى ۋە ئەخلاقى بۇرچىمىزغا ئايلاندى. كامبرىج ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىغا ۋە 70 مىڭ ئەزاسىغا ۋاكالىتەن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن. مۇشۇنداق مۇنازىرىلەر بىزنىڭ مەۋجۇت بولۇشىمىزنىڭ سەۋەبى. پىكىر ئەركىنلىكىنى قوغداش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. مېنىڭچە بۈگۈن بىز شۇ ۋەزىپىمىزنى ئورۇنلىدۇق. رەھمەت».

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت