«ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» لاگېر، زاۋۇت ۋە مەھبۇسلار ئىپادىلەنگەن سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى ئاشكارىلىدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2020.11.09
aqsu-shehiri-lager-suniy-hemra-5.jpg

نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» بايقىغان ئاقسۇ شەھىرىدىكى لاگېرنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى. بەزى سۈرەتلەردە لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ لاگېر دائىرىسىدىن زاۋۇت دائىرىسىگە ئېلىپ كېتىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىمۇ بار. 2020-يىلى نويابىر. Bextiyar Ömer teminligen

aqsu-shehiri-lager-suniy-hemra-1.jpg

نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» بايقىغان ئاقسۇ شەھىرىدىكى لاگېرنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى. بەزى سۈرەتلەردە لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ لاگېر دائىرىسىدىن زاۋۇت دائىرىسىگە ئېلىپ كېتىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىمۇ بار. 2020-يىلى نويابىر. Bextiyar Ömer teminligen

aqsu-shehiri-lager-suniy-hemra-2.jpg

نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» بايقىغان ئاقسۇ شەھىرىدىكى لاگېرنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى. بەزى سۈرەتلەردە لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ لاگېر دائىرىسىدىن زاۋۇت دائىرىسىگە ئېلىپ كېتىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىمۇ بار. 2020-يىلى نويابىر. Bextiyar Ömer teminligen

aqsu-shehiri-lager-suniy-hemra-4.jpg

نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» بايقىغان ئاقسۇ شەھىرىدىكى لاگېرنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى. بەزى سۈرەتلەردە لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ لاگېر دائىرىسىدىن زاۋۇت دائىرىسىگە ئېلىپ كېتىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىمۇ بار. 2020-يىلى نويابىر. Bextiyar Ömer teminligen

aqsu-shehiri-lager-suniy-hemra-6.jpg

نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» بايقىغان ئاقسۇ شەھىرىدىكى لاگېرنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى. بەزى سۈرەتلەردە لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ لاگېر دائىرىسىدىن زاۋۇت دائىرىسىگە ئېلىپ كېتىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىمۇ بار. 2020-يىلى نويابىر. Bextiyar Ömer teminligen

نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» ئاقسۇ شەھىرىدە ئىككى ۋە كورلىدا يەنە بىر جەمئىي 3 لاگېرنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى تاپقان. سۈرەتلەرنىڭ بەزىلىرىدىن ئاپېلسىن ۋە كۈك رەڭلىك كىيىم كىيگەن مەھبۇسلارنىڭ جازا لاگېرىدىن سەپ-سەپ بولۇپ، لاگېرغا يانداش سېلىنغان زاۋۇت سېخلىرىغا ئېلىپ مېڭىلغانلىقى ئاشكارىلانغان. بۇ سۈرەتلەردىن يەنە لاگېرلارغا يىراق بولمىغان جايدا جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنىڭ بارلىقى مەلۇم بولغان. ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە دىرېكتورى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى، رادىئومىز بىلەن لاگېر، مەھبۇس ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك باغلانغان بۇ ئىسپاتلىق ماتېرىياللارنى ئورتاقلاشتى. گۈلچېھرە مەلۇمات بېرىدۇ.

ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى رادىيومىز بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئاقسۇ شەھىرى ۋە كورلا شەھىرى ئەتراپىدا قۇرۇلغان لاگېرلار ھەققىدىكى يىغقان سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى ئورتاقلاشتى. بۇ سۈرەتلەرنىڭ بىرىنچى قىسمى، ئاقسۇ شەھىرى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ شەرقىگە 900 مېتىر كېلىدىغان يول بويىغا قۇرۇلغان لاگېرغا تەۋە بولۇپ، بۇ لاگېرىنىڭ سۈرەتلىرى 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى تارتىلغان.

بۇ لاگېر ھەققىدىكى بىر سۈرەتنىڭ بىر قىسمىدا 1200 ئەتراپىدىكى ئاپېلسىن رەڭلىك مەھبۇس كىيىمى كىيگەن كىشىلەرنىڭ لاگېر رايونىدىن چىقىپ مەجبۇرىي ئەمگەك رايونىغا ئۆتۈۋاتقان بىر كۆرۈنۈشى بايقالغان. مەجبۇرىي ئەمگەك بىرلەشتۈرۈلگەن بۇ لاگېرنىڭ سۈرىتىدە، يۇقىرى بىخەتەرلىك دەرۋازىسىدىن تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ، مەجبۇرىي ئەمگەك زاۋۇتىغا قاراپ يالاپ ئېلىپ مېڭىلغان بۇ ئادەملەرنى ۋە ئەتراپتىكى كۆزەتكۈچى ۋە ساقچىلارنىمۇ سانىۋالغۇدەك دەرىجىدە پەرقلەندۈرۈش مۇمكىن ئىكەن. 

لاگېردىن زاۋۇتقا ماڭغان مىڭدىن ئارتۇق مەھبۇس

نورۋېگىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپىنىڭ دىرېكتورى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپىنىڭ تەكشۈرگۈچى خادىملىرى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ئارقىلىق، بۇ لاگېرنىڭ ئاقسۇ شەھىرىنىڭ سىرتىدا 2017-يىلى 8-ئايدا، بۇ لاگېرغا يانداش زاۋۇت سېخلىرىنىڭ بولسا 2018-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلۇشقا باشلاپ 8-ئايدا ئىشقا كىرىشكەنلىكى ئىپادىلەنگەن.

ئاقسۇدىكى بۇ لاگېرنىڭ كۆلىمى 25 مىڭ كۋادرات مېتىر، مەجبۇرىي ئەمگەك رايونى 12مىڭ 796 كۋادرات مېتىر بولۇپ، 27 سولاقخانا بىناسى، تەخمىنەن 544 كامېر بار ئىكەن. لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بايانلىرىنى ئاساس قىلىپ، ھەر بىر كامېرغا 30 دىن 40 ئەتراپىدا مەھبۇس سولانغان دەپ ھېسابلاش ئۇسۇلى بويىچە، بۇ لاگېردا 16 مىڭ 300 مەھبۇس بارلىقىنى تەخمىن قىلىش مۇمكىن ئىكەن.

ئىككىنچى بايقاش ئاقسۇدىكى يۇقىرىقى لاگېرغا ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى خاڭجۇ يولى بىلەن ۋۇشى يولىغا يېقىن جايدا قۇرۇلغان لاگېرغا ئائىتتۇر. بۇ لاگېرمۇ چوڭ كۆلەملىك لاگېر بولۇپ، بۇنىڭغا دائىر سۈرەتلەردىمۇ 160 نەپەر كۆك رەڭلىك مەھبۇس كىيىمى كىيگەن مەھبۇسنىڭ قاتار رەتكە تىزىلدۇرۇلۇپ، يۇقىرى بىخەتەرلىك دەرۋازىسىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك زاۋۇتىغا قاراپ يالاپ ئېلىپ مېڭىلىۋاتقانلىقى ئاشكارا بولغان. بۇ لاگېرغا دائىر يەنە بىر سۈرەتتىن 200-300 ئەتراپىدا مەھبۇسنىڭ ئاشخانىغا ئوخشاش بىر رايونغا ئېلىپ مېڭىلغانلىقى ئىپادىلەنگەن. 

بۇ جاينىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 450 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، يېرىمى دېگۈدەك قۇرۇق ۋە قۇرۇلۇشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ، 2018-يىلى-8ئايدا رەسمىي ئىشقا كىرىشكەن بولۇپ، ھازىر بۇ يەردە جەمئىي 21 بىنا ۋە 1136 كامىرى بار ئىكەن. بۇ لاگېردا تۇرۇۋاتقان ئومۇمىي تۇتقۇن سانى 34 مىڭ 80 دەپ پەرەز قىلىنغان.

سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن ئاقسۇدىكى بۇ ئىككى لاگېرغا يېقىن جايدا بىر جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنىنىڭ جايلاشقانلىقى مەلۇم بولغان بولۇپ، سۈرەتلەردىن بۇ جايدا ئەسلىدە بار بولغان قەبرىستانلىقنىڭ 2017-يىلى كېڭەيتىپ قۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولغان. بۇ يەرگە مەخسۇس بىر قۇرۇلۇش سېلىنىپ خىتايچە مۇنارلار ئورنىتىلغان، دەرۋازىسىغا ئاقسۇ شەھەرلىك جەسەت بىر تەرەپ قىلىش ئورنى دەپ يېزىلغانىكەن. 

لاگېردىن سېخلارغا ماڭغان كۆك كىيىملىكلەر

3-بايقاش، كورلا شەھىرى جىيەنگو جەنۇبىي يولىغا يېقىن، يول بويىغىلا جايلاشقان لاگېردۇر. بۇ لاگېر 2017-يىلى قۇرۇلۇشقا باشلاپ 2018-يىلى 4-ئايدا ئىشقا كىرىشكەن، زاۋۇت ئورنى بىلەن سولاق ئورنى ئايرىۋېتىلگەن. كۆلىمى 32 مىڭ 300 كۋادرات مېتىر، 6 سولاقخانا بىناسى بار. ئومۇمىي كامېر سانى 384. بۇ لاگېرغا 11مىڭ 520 ئەتراپىدا ئادەم سولانغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇنىڭغا دائىر سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىنمۇ كۆك رەڭلىك مەھبۇس كىيىمى كىيگەن 4 گۇرۇپپا مەھبۇسنىڭ قاتار رەتكە تىزىلىپ، يۇقىرى بىخەتەرلىك دەرۋازىسىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك زاۋۇتىغا قاراپ ماڭغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن. 

لاگېر، مەھبۇس، مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن باغلانغانلىقىنىڭ ئىسپاتى

زور كۆلەملىك بۇ لاگېرلارغا دائىر سۈرەتلەردىن ئاشكارىلانغان مۇھىم ئۇچۇرلار ھەققىدە بەختىيار ئەپەندىنىڭ ئانالىز قىلىشىغا قارىغاندا، بۇ 3 لاگېرنىڭ ھەممىسى شەھەر سىرتى ۋە چوڭ يولغا يېقىن جايلارغا قۇرۇلغان. 3 جايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن لاگېرلارغا سولانغان ئومۇمىي مەھبۇس سانى 60 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ لاگېرلارغا يىراق بولمىغان جايدا جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنى بار. ھەممىسى ئاساسەن 2018-يىلىنىڭ بىرىنچى پەسلىدە ئىشقا كىرىشكەن. بۇلاردىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ لاگېرلار بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەكنى بىرلەشتۈرگەن ۋاقتىنى تەخمىنلەش مۇمكىن ئىكەن شۇنداقلا بولار لاگېرلارنىڭ ھېچقاچان توختاپ قالمىغانلىقى بەلكى داۋاملىق كېڭەيتىپ قۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.