خىتاي ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىدە فرانسىيەدىكى مۇسۇلمانلارنى ئالداپ كەلگەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2022.04.13
خىتاي ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىدە فرانسىيەدىكى مۇسۇلمانلارنى ئالداپ كەلگەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس خانىم بىلەن ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى ئامېرىكانىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دېنىس كامپبېل باۋئېر (ئىككىنچى سولدا) بىلەن كۆرۈشتى. 2022-يىلى 12-ئاپرېل.
Roshen abbas teminligen

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى رۇشەن ئابباس خانىملار 12-ئاپرىل جەنۋەدىكى پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، فرانسىيە پايتەختى پارىژدىكى پائالىيەتلىرىنى باشلىغان.

پارىژدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ فرانسىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى فرانسىيەدىكى مۇسۇلمانلارنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىدە ئىزچىل ئالداپ كەلگەن. ئۇ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارغا 12-ئاپرىل كۈنى پارىژدىكى چوڭ مەسچىتلەرنىڭ مۇدىرى، فرانسىيە مەملىكەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شەمسىددىن ھاپىز ئەپەندى بىلەن ئۇچراشقاندا ئېرىشكەن.

ئوڭدىن سولغا: تاجىكىستاننىڭ باش ئەلچىسى، مىسىرنىڭ باش ئەلچىسى، ئابدۇلھاكىم ئىدرىس، بېنگالنىڭ باش ئەلچىسى، روشەن ئابباس، ئۆزبېكىستاننىڭ باش ئەلچىسى، ئىئوردانىيە باش ئەلچىسى ۋە قاتارنىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى. 2022-يىلى 12-ئاپرېل.
ئوڭدىن سولغا: تاجىكىستاننىڭ باش ئەلچىسى، مىسىرنىڭ باش ئەلچىسى، ئابدۇلھاكىم ئىدرىس، بېنگالنىڭ باش ئەلچىسى، روشەن ئابباس، ئۆزبېكىستاننىڭ باش ئەلچىسى، ئىئوردانىيە باش ئەلچىسى ۋە قاتارنىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى. 2022-يىلى 12-ئاپرېل.
Roshen abbas teminligen

ئابدۇلھاكىم ئىدرىسنىڭ بىلدۈرىشىچە، شەمسىددىن ھاپىز ئەپەندى مەتبۇئاتلاردا تارقىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارنى كۆرگەندىن كېيىن، خىتاي ئەلچىخانىسىغا بېرىپ، بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي ئەلچىخانىسى بولسا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ناھايىتى بەختىيار، خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىنى، «جازا لاگېرى»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەيدىغان نەرسىلەرنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەرغىپ قىلىدىغان ساختا مەلۇماتلارنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ئالدىغان. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، خىتاي ئەلچىخانىسى يەنە شەمسىددىن ھاپىز باشلىق مۇسۇلمانلار رەھبەرلىرى بىلەن ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ رەھبەرلىرى ئارىسىدا سىن كۆرۈنۈشلۈك بىر سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇپ، ئالدامچىلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرغان.

ئابدۇلھاكىم ئىدرىس شەمسىددىن ھاپىز ئەپەندىگە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەقىقىي ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىپ خىتاينىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ بەرگەن. ئۇ بۇ رامازان مەزگىلىدە روزا تۇتۇشتىن ۋە ئىبادەت قىلىشتىن مەھرۇم قېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن فرانسىيە مەسچىتلىرىدىكى خۇتبىلاردا دۇئالار قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

ئابدۇلھاكىم ئىدرىس، رۇشەن ئابباسلارنىڭ 12-ئاپرىلدىكى مۇھىم ئۇچرىشىشلىرىدىن يەنە بىرسى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش پىكرىدە چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ب د ت دىكى خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالغان ئېمما خانىم بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىش بولغان. ئېمما خانىم ئۇلارغا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا ب د ت نىڭ خىتايغا تەمىنلىگەن مەلۇماتلىرىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن ھەمدە خىتاينىڭ ب د ت نى قانداق قولغا كىرگۈزىۋالغانلىقى توغرىسىدا توختالغان.

ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى سۆزىدە، 13-ئاپرىل كەچتە ئامېرىكا باش ئەلچىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتارلىق پائالىيەتنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر سورۇن بولغانلىقىنى، كۆپلىگەن مۇسۇلمان رەھبەرلىرى قاتنىشىدىغان بۇ سورۇنغا ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئۆزلىرىنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. رۇشەن ئابباس خانىم بولسا بۇ ئىپتار سورۇنىغا داخىل بولغان بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچرىشىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.