يازغۇچى سىلۋىيا: «بىزنىڭ مەسىلىلىرىمىز ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشىمىزغا سەۋەب بولالمايدۇ»

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2023.10.02
roshen-abbas-pshop پولشا ئېپىسكوپلار كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى پوپ دوكتور ياروسلاۋ مىروۋزېنسكى بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى روشەن ئابباسنىڭ خاتىرە سۈرىتى، 2023-يىلى 28-سېنتەبىر، ۋارشاۋا
X@CUyghurs

28-29-سېنتەبىر كۈنلىرى پولشا پايتەختى ۋارشاۋادا زىيارەتتە بولغان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى روشەن ئابباس خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ پولشادىكى 2 كۈنلۈك زىيارىتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىگە ئىچكىرىلەپ تونۇتۇشنىڭ دەسلەپكى قەدىمى بولغان. ئۇ «خەلقئارا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىنستىتۇتى» نىڭ ۋارشاۋادىكى مەسئۇلى جاسون ۋورلېدگې، ۋارشاۋا ئاقىللار ئامبىرىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى كاتېرىنا پروچازكوۋا بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشتىن ئىلگىرى، پولشا ئېپىسكوپلار كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ياروسلاۋ مىروۋزېنسكى بىلەن تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان. سۆھبەتتە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى دىنغا قارشى ئۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئاساسىي تېما بولغان.

29-سېنتەبىر چېخىيەدىكى «سىنىپسىز ئاقىللار ئامبىرى» بىلەن ۋارشاۋادىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ بىرلىشىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «نىكاھ» ناملىق فىلىم كۆرسىتىلگەن. فىلىمدىن كېيىن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان. بۇ سۆھبەتكە ۋارشاۋا ئۇنىۋېرسىتېتى خىتايشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى ۋىلودىك سىئاسىيۇرا ئەپەندىمۇ قاتناشقان. ئۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى پولشادا تېخىمۇ كەڭ تونۇتۇش زۆرۈرىيىتى بارلىقىنى تىلغا ئالدى.

سولدا پولشالىق ئايال يازغۇچى سىلۋىيا سوبكوۋىسكا، ئوڭدا ۋارشاۋا ئۇنىۋېرسىتېتى خىتايشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى ۋىلودەك سىئاسىيۇرا، ئوتتۇرىدا روشەن ئابباس.2023-يىلى 29-سېنتەبىر، ۋارشاۋا

ۋىلودەك سىئاسىيۇرا مۇنداق دېدى: «نۇرغۇنلىغان ياشلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى بىلىش ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بۇ فىلىمنى كۆرۈشكە ھەمدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ سۆھبەتنى ئاڭلاشقا كەلگەنلىكىدىن كۆپ مەمنۇن بولدۇم. سۆھبىتىمىزنىڭ ئۇلارنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلارغا ئېرىشتۈرۈشىگە ۋەسىلە بولۇشىغا تىلەكداشمەن. دەرۋەقە، پولشادا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يېتەرلىك دەرىجىدە تەشۋىق قىلىنمىدى. مەتبۇئاتلاردا ئاندا-ساندا كۆرۈنۈپ قالىدىغان خەۋەرلەردىن باشقا نەرسە يوق. مەن بۇ ساھەدە قىلىدىغان ئىشلارنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىنى ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمەن. سەنئەتلىك ۋاسىتىلەر بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تونۇتۇش، تەشۋىقاتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىدىن بىرى، دەپ قارايمەن. پولشادا ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى تەشۋىقاتقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈركەن. »

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى سۆھبەت پىروگراممىسىنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنۈشى.2023-يىلى 29-سېنتەبىر، ۋارشاۋا

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ سۆھبەتكە «خىتاي رېجىمى بىزنى قاماللاپ تۇرماقتا» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، پولشالىق داڭلىق ئايال يازغۇچى سىلۋىيا سوبكوۋىسكامۇ قاتناشقان. ئۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلىك ۋەزىيەت توغرىسىدا ئۇنچە كۆپ مەلۇماتىمىز يوق. پولشادىلا ئەمەس، ياۋروپادىمۇ، ھەتتا پۈتۈن دۇنيادا ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى تونۇش ئۇنچە كەڭرى ئەمەس. ئەلۋەتتە، مەن پۈتۈن دۇنياغا ۋاكالىتەن سۆز قىلالمايمەن. مەن پولشانى ۋە پولشا جەمئىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ سۆزلىسەم، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەتبۇئاتلىرىمىزدا، رادىيو-تېلېۋىزىيەلىرىمىزدە ئايدا ياكى بىرقانچە ئايدا بىرەر قېتىم قىسقا خەۋەر ياكى ماقالە ئېلان قىلىنسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنى مۇھىم بىر تېما سۈپىتىدە تونۇتىدىغان ۋە كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرىدىغان ئىش يوق. بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى پولشادا كىشىلەرنىڭ دىققەت نەزەرىدە مەۋجۇت ئەمەس. بۇنىڭ سەۋەبىنى بەلكىم چۈشىنىمەن دەپ ئويلايمەن. بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە ئىچكىي مەسىلىمىز بار. بولۇپمۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى، ئۇكرائىنادىكى پاجىئەلەر كىشىلەرنىڭ دىققەت نەزەرىنى چۇلغىۋالغان ئاساسلىق مەسىلىدۇر. ئەمما ئىچكىي مەسىلىمىز ۋە ئۇكرائىنا مەسىلىسى بىزنىڭ يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا سەل قارىشىمىزغا سەۋەب بولالمايدۇ. بىزنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىدىن يىراقتا قېلىشىمىزغا ئاساسىمىز يوق. چۈنكى بۇ مەسىلە يىراقتا ئەمەس. دۇنيا يىراق ئەمەس. »

روشەن ئابباس خانىم سۆزىدە يەنە، بۇ قېتىمقى پولشا زىيارىتىدىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنىڭ تەشۋىقاتىنى شەرقىي ياۋروپادا ھەسسىلەپ كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.