«بىر خەلق يوقىلىۋاتىدۇ» ناملىق كىتاب خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەتراپلىق پاش قىلغان
2022.04.08
گېرمانىيەلىك مۇخبىر فىلىپ ماتايىس ئۇيغۇرلارنىڭ پاجىئەلىرىنى ئاساس قىلىپ يېزىپ چىققان «بىر خەلق يوقىلىۋاتىدۇ» ناملىق كىتاب يېقىندا نەشىردىن چىقىپ، زور غۇلغۇلا قوزغىغان.
«فرانكفۇرت مەجمۇئەسى» گېزىتىنىڭ 5-ئاپرىلدىكى «ئىچكىي مەسىلە يوق» ناملىق ماقالىسىغا ئاساسلانغاندا، بىر مەزگىل خىتاينى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان ۋە خىتايدا مۇخبىرلىق قىلغان گېرمانىيەلىك قەلەمكەش فىلىپ ماتايىس ئۆزىنىڭ «بىر خەلق يوقىلىۋاتىدۇ» ناملىق كىتابىنى 2022-يىلى پۈتتۈرۈپ، يېقىندا نەشىردىن چىقىرىشقا مۇۋەپپەق بولغان.
ماقالىدە بايان قىلىشىچە، ئاپتور 2014-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ باقمىغان. «بىر خەلق يوقىلىۋاتىدۇ» ناملىق كىتابنى ئۇ لاگېر شاھىدلىرىدىن زۇمرەت داۋۇت، ئابدۇسالام مۇھەممەد، مىھرىگۈل تۇرسۇن، قەلبىنۇر سىدىق، گۇلباھار جېلىلوۋا ۋە گۇلباھار خاتىۋاجى قاتارلىقلارنىڭ كەچمىشلىرىگە ئاساسلىنىپ ھەمدە ئادرىيان زېنىز، مارايكې ئوھىلبېرگ قاتارلىق گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ ھۆججەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، شۇنداقلا ھارالد ماس، كىرىستوف گىسېن قاتارلىق مۇخبىرلارنىڭ مەلۇماتلىرىدىن ئۈلگىلەر ئېلىپ يېزىپ چىققان. ئاپتور كىتابنىڭ باش مۇقاۋىسىدىكى «بىر خەلق يوقىلىۋاتىدۇ» ناملىق ماۋزۇنىڭ ئاستىغا «بىز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قانداق قاراۋاتىمىز» دېگەن قوشۇمچە ماۋزۇنى قويغان. باش مۇقاۋىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دەۋرىگە ئائىت سۈرەت دىققەتنى تارتىدۇ.
پىشقەدەم ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرىدىن ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان «بىر خەلق يوقىلىۋاتىدۇ» ناملىق كىتابقا دائىر ماقالىلاردە شى جىنپىڭنىڭ «نوپۇسنى ئەلالاشتۇرۇش» شۇئارى ئاستىدا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندىمۇ بۇ كىتابنىڭ تەسىرى ھەققىدە قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.
«ئىچكىي مەسىلە يوق» ناملىق ماقالىدە بايان قىلىشىچە، مەزكۇر كىتابتا جازا لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى، بىر قانچە يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قامىلىشى، ئاتا-ئانىلىرى لاگېرلارغا سولانغان مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر نارىسىدەلەرنىڭ يىغىۋېلىنىپ خىتاي قىلىپ تەربىيەلىنىۋاتقانلىقى، شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى يىپەك يولى» قۇرۇلۇشىدا ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز پاجىئەلەرگە سەھنە بولغانلىقى، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، كۆپلىگەن غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ، پۈتۈن دۇنيانىڭ بۇ پاجىئەلەرگە ھېلىھەم سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقى ھەم بۇنىڭدىكى سەۋەبلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ماقالىلاردە تەكىتلىنىشىچە، بۇ كىتاب «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» تەمىنلىگەن ھۆججەتلەرنى، جازا لاگېلىرى ۋە تۇتقۇنلارنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئائىت نۇرغۇنلىغان مەلۇماتلارنى كۈنتەرتىپ ھالىتىدە تىزىپ چىققان بولۇپ، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى چۈشىنىشتە مۇھىم مەلۇمات ئامبىرى بولۇش رولىنى ئۆتەيدىكەن.