خىتاينىڭ ئۇيغۇر نوپۇس كونتروللۇقىدىكى 3 چوڭ ۋاسىتە - پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت ۋە لاگېر

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2020-08-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
زۇمرەت داۋۇتنىڭ 3-بالىسىغا تۆلىگەن پىلانلىق تۇغۇت جەرىمانىسىنىڭ تالونى.
زۇمرەت داۋۇتنىڭ 3-بالىسىغا تۆلىگەن پىلانلىق تۇغۇت جەرىمانىسىنىڭ تالونى.
Zumret Dawut teminligen

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتاينىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى سەۋەبلىك ئىنسانىي قەدىر قىممىتى ۋە قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى گەرچە يېڭى مەسىلە بولمىسىمۇ، ئەمما 29-ئىيۇن گېرمانىيەلىك خىتاي تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنىز دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلىغان «ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش: خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى كونترول قىلىش ھەرىكىتى» ناملىق ھۆججەتلىك دوكلاتى ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى. دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا نوپۇس كونتروللۇقىنىڭ لاگېر قۇرۇلغان مەزگىللەردە تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.

دوكتور زېنزنىڭ ھۆكۈمەت ھۆججىتىدىكى ستاتىستىكىلارغا ئاساسەن ئانالىز قىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ ھەممىسىدە تەبىئىي نوپۇسنىڭ ئېشىشى 2014-يىلدىكى 15% تىن 2018-يىلى ئاران 4% كىمۇ يەتمەيدىغان سەۋىيىگە چۈشكەن. ھۆججەتكە ئاساسلانغاندا، 2019-يىلى ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى تۆت ۋىلايەتتە تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ كەم دېگەندە 80% ئىگە ئۈزۈك سېلىپ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى ئېلىنغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2017-يىلدىن بۇرۇن خىتايدىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى رايون بولسىمۇ، لېكىن 2017-يىلدىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە مەزكۇر رايون خىتايدىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن رايونغا ئايلانغان.

دوكلاتتا، بۇ ئۆزگىرىشنىڭ رايوندا لاگېرلارنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ باشلانغانلىقى مەلۇم بولغان بولۇپ، 2017-يىلى رايوندا 330 مىڭدىن 345 مىڭغىچە بالا تۇغۇلغان، بىراق 2019-يىلى بۇ سان 205 مىڭغا چۈشكەن. ، رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلار ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ شىددەتلىك ئازىيىشىدا لاگېر ۋە پىلانلىق تۇغۇت كونتروللۇقىنىڭ نېگىزلىك رول ئوينىغانلىقىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

ئايالىغا ئۇيغۇر دىيارىدا مەجبۇرىي ت شەكىللىك مىس پۇرژىنىلىق ئۈزۈك سېلىنغاندىن كېيىن سالامەتلىكىنىڭ ئىزچىل ناچارلاشقانلىقى ھەققىدە رادىيومىزدا پىكىر بايان قىلغان ئەكبەر ئەپەندىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، لاگېر باشلانغان بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ نوپۇسىنى كونترول قىلىشنىڭ، يەنى ئەر-ئايالنىڭ پۈتۈن شەخسى ۋە ئائىلە ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاپتوماتىك ھالدا خىتاينىڭ نازارەت قىلىش سىستېمىسىغا كىرىپ كېتىدىغانلىقىنى، بۇ ئۇچۇرلاردىن پۈتكۈل جامائەت خەۋپسىزلىك ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىمۇ ئۇيغۇرلارنى تەقىب قىلىشتا پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ جازالىنىشتىن قۇتۇلالماس ھالغا كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2018-يىلى چەتئەلگە كۆچۈپ چىقىشتىن ئىلگىرى غۇلجانىڭ مەلۇم مەھەللە ئىش باشقۇرۇش ئورنىدا كادىر بولۇپ ئىشلىگەن، ئىسمى ۋە ئورنىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر لاگېر باشلانغان مەزگىللەردە شەخسلەرنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئۇچۇرلىرىنىڭ تولۇق خاتىرىلىنىپ ئارخىپلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

2016-يىلى 5-بالىسىغا ئېغىر ئاياق بولغاندا، مەھەللە كومىتېتىدىكى پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرىنىڭ مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈۋېتىشىدىن قورقۇپ 6 ئايلىق ھامىلىدار ۋاقتىدا تۈركىيەگە كەلگەن مېھرىگۈل خانىم، ئۆز ۋاقتىدا تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ يىللاردىكىگە قارىغاندا يەنىمۇ كۈچەيتىلگەنلىكى، نۇرغۇنلىغان ئاياللارنىڭ 6 ئايلىق ھەتتا 9 ئايلىق ھامىلىلىرىنىڭمۇ مەجبۇرىي ئۆلتۈرۈلۈپ چۈشۈرۈلگەنلىكىدەك قورقۇنچلۇق خەۋەرلەرنى كۆپ ئاڭلاپ، ئاخىرى بالىسىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۈچۈن ئۆي-ماكانلىرىدىنمۇ ۋاز كەچكەنلىكىنى بايان قىلدى:
لاگېرلار دەسلەپكى قۇرۇلغان مەزگىللەردە يەنى، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولغان مەزگىللەرگىچە غۇلجا ۋە باشقا جايلاردىكى ئاساسىي قاتلام مەھەللە كومىتېتلىرىدا كادىر بولۇپ خىزمەت قىلغان، 2018-يىلى چەتئەلگە چىققان بىر ئۇيغۇرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇغۇتىنى چەكلەشتە ئەڭ دەسلەپ مەھەللە كومىتېتلىرى مەسئۇل بولۇپ ئىش باشلىغان، ھەر بىر مەھەللە كومىتېتىدا مەخسۇس پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسى ۋە خادىملىرى ئاجرىتىلىپ، كىشىلەرنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئەھۋالى ئارخىپلاشتۇرۇلۇپ سىستېمىلىق ھالدا جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ۋە ھۆكۈمەتكە يوللانغان. لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەنلەرنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئارخىپلىرى بولسا بۇ 3 ئورۇندىن باشقا لاگېرغىمۇ ئەۋەتىلگەن. شۇ مەزگىللەردىن باشلاپلا، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارمۇ ئېغىرلىتىپ جەرىمانە تۆلىگەن ھالەتتىمۇ يەنىلا لاگېرغا ئەۋەتىلگەنىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى» نىڭ تۆتىنچى قېتىم تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان.

ئۇنىڭ3-ماددىسىدا «پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا تايىنىپ، مۇناسىپ تۇغۇت سەۋىيىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ ۋە مۇقىملاشتۇرىدۇ. . .» دېگەنلەر ئاشكارا يېزىلغان.

پىلاندىن ئارتۇق بالىلارغا قويۇلىدىغان جەرىمانە ۋە قانۇن بويىچە جازالاش ھەمدە پىلانلىق تۇغۇت ئوپېراتسىيەسىنى بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 40 ماددىلىق بۇ پىلانلىق تۇغۇت يەرلىك مىزانى خىتاينىڭ پەرزەنتلىك بولۇش يېشىدىكى ئۇيغۇر ئەر-ئاياللىرىغا قاراتقان ۋە تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرىدىكى غول سىياسەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەنە ئۇچۇرلارنى تېخنىكىلىق نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ ھازىرقى زامان تېخنىكىلىق تەقىبلەش ۋاستىلىرىغا تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

خىتاي پوچتا تېلېگراف ئىدارىسىنىڭ ئۈرۈمچى تارمىقىدا «بىر گەۋدىلەشكەن، بىرلەشمە جەڭ قىلىش سۇپىسى» غا بىر مەزگىل تېخنىك بولۇپ ئىشلىگەن ئامېرىكادىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر، بۇ سىستېمىغا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ پىلانلىق تۇغۇتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەخسى ئۇچۇرلىرى، بارلىق ئائىلە ئەزالىرى، ئىجتىمائىي ئالاقىلىرىدىن تارتىپ بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنىڭ ھېچ بىرى ساقىت قىلىنماي كىرگۈزۈلۈپ ساقلىنىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ بىلەن ئىنسانلارنى نازارەت قىلىشتا ھېچ ساھە قالمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى «بىر گەۋدىلەشكەن، بىرلەشمە جەڭ قىلىش سۇپىسى» تەسىس قىلغان، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىدارە قىلىشتا، تېخنىكا ئارقىلىق ئۇنىۋېرسال قوماندانلىق قىلىدىغان بۇ سىستېمىسى 2017-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنى پۈتۈنلەي قاپلىغان.

پىلانلىق تۇغۇت نىزامىغا خىلاپلىق قىلىشنىڭمۇ 2017-يىلىدىن باشلاپ لاگېرلارغا قامىلىۋاتقانلارنىڭ جازاغا ئۇچرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبنىڭ بىرى بولۇۋاتقانلىقى كۆپ قېتىم ئىسپاتلانغانىدى. دوكتور زېنز ۋە باشقا مۇتەخەسسىسلەرمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا نوپۇس كۆپىيىشىنى زور دەرىجىدە چەكلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، قاتتىق قول سىياسەتتىن باشقا لاگېر، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا ۋاسىتىلەرنىڭ رول ئوينىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت