ئۇيغۇر كۆرگەزمىسىنى كۆرگەن پارتىيەلەر رەھبەرلىرى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2023.01.10
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Suret1.jpg سابىق باش مىنىستىر كېلەچەك پارتىيەسى رەئىسى ئەخمەت داۋۇتوغلۇ ئۇيغۇر بۆلمىسىدە. 2023-يىلى يانۋار، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

ئىستانبۇلنىڭ مالتەپە رايونىدىكى كۈلتۈر باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «تۈركمەن يۆرۈك مەدەنىيەت فېستىۋالى» دا ئۇيغۇرلار مەخسۇس بۆلۈم ئېچىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇتقاندىن سىرت، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلاتقان.

مەزكۇر پائالىيەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تۈركىي خەلقلەر بۆلۈملەر ئېچىپ ئۆز مەدەنىيەتنى تونۇتقان. ئۇيغۇرلار ئاچقان بۆلۈمنى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەسى بولغان «جۇمھۇرىيەتچى خەلق پارتىيەسى» رەئىسى كەمال قىلىچدارئۇغلۇ، سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ، «ئۆزگىرىش» پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا سارىگۈل ئەپەندىلەر زىيارەت قىلغان.

ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە جۇمھۇرىيەتچى خەلق پارتىيە رەئىسى كەمال قىلىچداروغلۇ ئۇيغۇر بۆلمىسىدە. 2023-يىلى يانۋار، تۈركىيە.
ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە جۇمھۇرىيەتچى خەلق پارتىيە رەئىسى كەمال قىلىچداروغلۇ ئۇيغۇر بۆلمىسىدە. 2023-يىلى يانۋار، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

مەزكۇر پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان «ئۇيغۇر ھەق-ھوقۇق ۋە ئادالەت» جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى مىرزەخمەت ئىلياسئۇغلۇ ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي كونسۇلخانىسى ۋە باشقا يەرلەردە ئېلىپ بارغاندەك پەقەتلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئاساسىي سەۋەبىنىڭ مەدەنىيىتىمىز، دىنىي ئېتىقادىمىز سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بۇ ئۈچ كۈن جەريانىدا نۇرغۇن كىشىلەر بىزنىڭ بۆلۈمىمىزنى ئايلانغان بولدى».

ئىيى پارتىيە مۇئاۋىن رەئىسى ئۇيغۇر بۆلمىسىدە. 2023-يىلى يانۋار، تۈركىيە.
ئىيى پارتىيە مۇئاۋىن رەئىسى ئۇيغۇر بۆلمىسىدە. 2023-يىلى يانۋار، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

مىرزەخمەت ئىلياسئۇغلۇ ئەپەندى بۇ پائالىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى پائالىيىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئەھمىيەتلىرىدىن بىرى، تۈركىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدىن قالسا تۈركىيە پارلامېنتىدا ئەڭ كۆپ پارلامېنت ئەزاسى بار بولغان ‹جۇمھۇرىيەتچى خەلق پارتىيەسى›نىڭ رەئىسى كەمال قىلىچدارئوغلۇنىڭ بۆلمىمىزگە كېلىشى ۋە ئۇ كەلگەندە بىزنى سۆزگە تەكلىپ قىلىشى بولدى. تۈركىيەنىڭ بۇرۇنقى باش مىنىستىرى، ‹كېلەچەك› پارتىيەسى رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇمۇ ئۇيغۇر بۆلۈمىنى ئايلاندى. ھەر ئىككىلا رەئىس ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى».

زافەر پارتىيەسى رەئىسى پروف. در. ئۈمىد ئۆزداغ ئۇيغۇر بۆلمىسىدە. 2023-يىلى يانۋار، تۈركىيە.
زافەر پارتىيەسى رەئىسى پروف. در. ئۈمىد ئۆزداغ ئۇيغۇر بۆلمىسىدە. 2023-يىلى يانۋار، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

2023-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت ۋە پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىدا ھازىرقى ھۆكۈمەتكە قارشى 6 پارتىيە ئىتتىپاقداشلىق قۇرۇپ سايلامغا قاتناشماقچى. مىرزەخمەت ئەپەندى ئۇيغۇر بۆلمىسىنى زىيارەت قىلغان «جۇمھۇرىيەتچى خەلق پارتىيەسى»، «ئىيى» پارتىيەسى، «كېلەچەك» پارتىيەسى ۋە مەزكۇر ئىتتىپاققا قاتناشمىغان «زەفەر» پارتىيەسى بىلەن «ئۆزگىرىش» پارتىيەسىدىن سايلامدا ئۇتۇپ قالسا تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ قارار چىقىرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ۋە ئۇلاردىن ئىجابىي جاۋاب ئالغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۆزگىرىش پارتىيەسى مۇستافا سارىگۈل ئەپەندى ئۇيغۇرلار ھەققىدە بۆلمىدە بايانات بەرمەكتە. 2023-يىلى يانۋار، تۈركىيە.
ئۆزگىرىش پارتىيەسى مۇستافا سارىگۈل ئەپەندى ئۇيغۇرلار ھەققىدە بۆلمىدە بايانات بەرمەكتە. 2023-يىلى يانۋار، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

«ئۆزگىرىش» پارتىسى رەئىسى مۇستافا سارىگۈل ئەپەندى ئۇيغۇر بۆلۈمىدىكى زىيارىتى جەريانىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇر تۈركلىرى ھەرگىز يالغۇز ئەمەس. ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشىمىز كېرەك. ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ زۇلۇمنى ھەر يەردە ھەر دائىم ئەيىبلىشىمىز كېرەك. خىتاي بۈگۈن ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ئادەم قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلە قىلماقتا، بۇنى قوبۇل قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس».

مەزكۇر پائالىيەت جەريانىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى رەئىسى دوكتور فەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار» تېمىسىدا دوكلات بەرگەن. ئۇ، بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەردى.

1-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن «يۆرۈك تۈركمەن مەدەنىيەت فېستىۋالى» غا 400 ئەتراپىدا ئاممىۋى تەشكىلات مەخسۇس بۆلۈملەر ئېچىپ مەدەنىيىتىنى تونۇتقان. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى، شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى، ئۇيغۇر ھەق-ھوقۇق ۋە ئادالەت جەمئىيىتى، ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەرىپەت ۋەخپىسى، ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرى قۇربانلىرى مۇنبىرى قاتارلىقلار ئورتاق بۆلۈم ئېچىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تونۇتقان. مەزكۇر پائالىيەت ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.