بۇرسا شەھىرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلۇپ كۆرگەزمە ئېچىلدى

ئىستانبۇلدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان تەييارلىدى
2023.07.25
turkiye-uyghur=medeniyiti-1.jpg بۇرسا شەھىرىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش كۆرگەزمىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2023-يىلى 23-ئىيۇل، تۈركىيە.
RFA/Arslan

23-ئىيۇل كۈنى تۈركىيەنىڭ بۇرسا شەھىرىدە ئېچىلغان 6-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت پائالىيىتىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلۇپ كۆرگەزمە قىلىندى.

بۇرسا شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ پائالىيەتنى بۇرسا ۋالىي مەھكىمىسى قارمىقىدىكى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى، تۈركىيە ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرى فېدېراتسىيەسى، دۇنيا ئېتنىك تەنھەرىكەت فېدېراتسىيەسى قاتارلىق جەمئىيەت ۋە ئورگانلار قوللاپ ھەمكارلاشقان.

بۇرسا شەھىرىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش كۆرگەزمىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2023-يىلى 23-ئىيۇل، تۈركىيە.

پائالىيەت مەيدانىغا تۈرك تارىخىدا قۇرۇلغان 16 تۈرك دۆلەت ۋە ئىمپېرىيە سىمۋۇل قىلىنىپ 16 دانە چېدىر تىكىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر، قازاق، تاتار قاتارلىق ھەر قايسى مىللەتكە بىردىن چېدىر بېرىلگەن. ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن چېدىردا مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۈم جەمئىيىتى كۆرگەزمە ئېچىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

تەنھەرىكەت پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان بۇرسا شەھەر باشلىقى ئالىنۇر ئاقتاش ئەپەندى بىرلىك-باراۋەرلىك ھەم مىڭلارچە يىلدىن بۇيان ھەم نورمال ھالەتتە ھەم ئۇرۇش-جەڭلەردىمۇ داۋام قىلىپ كەلگەن ئەنئەنىۋى تەنتەربىيەنىڭ تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇرسا شەھىرىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش كۆرگەزمىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2023-يىلى 23-ئىيۇل، تۈركىيە.

ئۇ مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرگە ئىگە چىقىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۈيۈك بىر مەدەنىيەتنىڭ قىممەتلىك مىراسى بولغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەتلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئارقىلىق، ئۇنى كەلگۈسىگە مىراس قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلىمىز. تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيادا ئەجدادلىرىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئەسلىتىش، تونۇشتۇرۇش ۋە ئۆگىتىش بىزنىڭ مەجبۇرىيتىمىزدۇر. تۈرك دۇنياسىنىڭ قەلبى بولغان بۇرسادا بۈگۈن نەچچە مىڭ يىللىق تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ توپلانغانلىقىغا شاھىت بولىسىلەر، بىزلەر مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەتلەر، تارىخنى قوغدايدىغان كىشىلەر. مەن ئاتا-ئانىلارغا شۇنى ئىلتىماس قىلىمەنكى، ئەنئەنىلىرىمىزنى قوغدايلى، چېلىشىش، ئوقيا ئېتىش، ئات چاپتۇرۇش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئەجدادلىرىمىزنىڭ باشقا تەنھەرىكەتلىرىگىمۇ ئىگە چىقايلى، چۈنكى بىز ئۇلارنى قوغداپ، ئۇلارنى ساقلاپ قالساقلا، بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىز داۋاملىشىدۇ. بۇنداق بولغاندا بىرلىك، باراۋەرلىك ئىچىدە ياشايمىز، كەلگۈسىگە ئىشەنچ بىلەن قاراش ئۈچۈن بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقتا چىڭ تۇرۇپ جاپالىق ئىشلىشىمىز كېرەك».

بۇرسا شەھىرىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش كۆرگەزمىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2023-يىلى 23-ئىيۇل، تۈركىيە.

بۇ بۇ پائالىيەت توغرىسىدا پىكىر قاراشلىرى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ كۆرگەزمە ئاچقان شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۈن جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بۇ، ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقان بىر ئەھۋالدا ئەركىن دۇنيادا بولسىمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش ۋە تونۇشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈىشچە، ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان تۈرك دۇنياسى ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت پائالىيىتىنىڭ 6-نۆۋەتلىكى بۇ يىل 7-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى يىللاردا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەرگىمۇ شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم جەمئىيىتى قاتنىشىپ مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئېچىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ كەلگەنىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.