تۈرمە ئەترەت باشلىقى: «مەھبۇسلار ئەمگەك مەيدانىغا ئاپتومات ۋە ئاپشاركىلار بىلەن يالاپ ئېلىپ چىقىلىدۇ»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2023.10.05
xoten-qoralliq-saqchi-mashina خىتاي قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خوتەندە تېررورلۇققا قارشى قەسەم بېرىش يىغىلىشىغا قاتناشقاندىكى كۆرۈنۈش، 2017-يىلى 27-فېۋرال، خوتەن
AFP

كېرىيە تۈرمىسىنىڭ بىر ئەترەت باشلىقى مەھبۇسلارنىڭ ئەمگەك مەيدانىغا ئاپتومات ۋە ئاپشاركا ئىتلار بىلەن يالاپ ئېلىپ چىقىلىپ، ئېغىر بىر تەھدىت ئاستىدا ئىشقا سېلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئىلگىرى كېرىيە تۈرمىسىدە جازا ئۆتىگەن، نۆۋەتتە چەتئەلدە ياشاۋاتقان بىر سابىق مەھبۇس، مەزكۇر تۈرمىدىكىلەرنىڭ قىش-ياز بىكار قويۇلمايدىغانلىقى، پاختا تېرىغان مەزگىللىرىدە قوللىرى قاپىرىپ، ھەتتا قاناپ كەتكۈچە ئىشقا سېلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

كېرىيە تۈرمىسىدە ئەترەت باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن بىر خادىم، كېرىيە تۈرمىسىدىكى ئەمگەك مەيدانلىرىنى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ھۆددىگە ئالىدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئىشقا سېلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاش بىلەن بىرلىكتە، مەھبۇسلارنىڭ تۈرمە قورۇسىدىن ئەمگەك مەيدانىغا ھەيۋە ۋە تەھدىت بىلەن ئېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

نۆۋەتتە چەت ئەلدە ياشاۋاتقان، ئىلگىرى كېرىيە تۈرمىسىدە بىر مەزگىل جازا مۇددىتى ئۆتىگەن بىر سابىق مەھبۇسمۇ مەھبۇسلارنىڭ تۈرمە قورۇسىدىن ھەيۋە بىلەن ئېلىپ چىقىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ قېچىپ كېتىش ياكى قارشىلىق كۆرسىتىشىنىڭ تولۇق ئالدى ئېلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە مەھبۇسلارنىڭ ئەمگەك مەيدانىدىكى جاپالىق ئىشلەش ۋە قاتتىق نازارەت قىلىنىش جەريانى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، مەھبۇسلار قىش-ياز بىكار قويۇلمايدىكەن، ھېچقانداق ئىش تېپىلمىغاندا مەھبۇسلارنى يەر كولاش ۋە يەر تىندۇرۇش بىلەن مەشغۇل قىلىنىدىكەن. مەھبۇسلار بۇ خىل ئېغىر ئىشقا سېلىنىش بىلەن بىرلىكتە مېڭە چارچىتىش شەكلىدىكى سىياسىي ئۆگىنىشلەرمۇ داۋاملىشىدىكەن.

مەزكۇر سابىق مەھبۇس يەنە مەھبۇسلار ئىچىدە ئاشخانىغا ياردەملەشكۈچىلەر بىلەن يېتىپ قالغان ئاغرىقلارنىڭلا ئەمگەككە سېلىنمايدىغانلىقى، ئادەتتىكى ئاغرىقلارنىڭ بولسا ھارۋىغا ئولتۇرغۇزۇپ ئەمگەك مەيدانىغا ئېلىپ چىقىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

يۇقىرىقى تۈرمە ئەترەت باشلىقىمۇ ئۆزىنىڭ تېمىتىپ سۇغۇرۇشقا مەسئۇل بولغان مەزگىلىدە، مەھبۇسلارنىڭ خىمىيەلىك ئوغۇتنى قولللىرى بىلەن چاچقانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان مەھبۇسلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ قىلچە نەزەرگە ئېلىنمايدىغانلىقىنى دەلىللىدى.

مەزكۇر سابىق مەھبۇس 2005- ۋە 2010‏-يىللار ئارىسىدا كېرىيە تۈرمىسىدە جازا مۇددىتى ئۆتىگەن بولۇپ، ئۇ تۈرمىنىڭ كېيىنكى ۋەزىيىتىنى ئۆزىدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن كامىرداشلىرى ئارقىلىق ئۇقۇپ تۇرغان ئىكەن. ئۇ نۆۋەتتىكى تۈرمە مەشغۇلاتلىرى ۋە ئەمگەكلىرىنىڭ بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.