ئېمىلىي پرېي: «بىز ھەقىقەتنى نامايەن قىلدۇق!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.05.17
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
ئېمىلىي پرېي: «بىز ھەقىقەتنى نامايەن قىلدۇق!» «يېڭى لىنىيە ئىنىستىتۇتى» ئاقىللار مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئېمىلي پرېي خانىم.
newlinesinstitute.org

غەرب دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي پاجىئەلەرنى كەسكىن تەنقىدلىشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەش چۇقانلىرىغا قارشى پائالىيەتلەرنىڭ بىرى خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزور ماقالىسىدا ئەڭ تىپىك ئەكس ئەتتى. بىر قىسىم خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قەلىمىدىن پۈتكەن بۇ ماقالىلاردا غەرب دۇنياسىدا، جۈملىدىن ئامېرىكا تۇپرىقىدا «خىتايغا دۈشمەنلىك كۆزىدە قاراۋاتقان» بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ بارلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىپ، شۇلار قاتارىدا «يېڭى لىنىيە ئىنىستىتۇتى» ئاقىللار مەركىزىمۇ ئورۇن ئالدى. بولۇپمۇ مەزكۇر ئاقىللار مەركىزىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇۋاتقان، ئامېرىكادىكى خۇسۇسىي ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان «ئامېرىكا فايرفاكس ئۇنىۋېرسىتېتى» (Fairfax University of America) نىڭ پەقەت 20 يىلچە ئىلگىرى قۇرۇلغان ئۇنىۋېرسىتېت ئىكەنلىكى ئۇلار ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» تېمىسىدىكى زور ھەجىملىك دوكلاتنىڭ «يالغان» ۋە «ئىشەنچسىز» ئىكەنلىكىگە دەستەك قىلىندى. شۇنىڭدەك «ساختا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ساختا ئاقىللار مەركىزى چىقارغان دوكلاتمۇ ساختىلىق بىلەن تولغان» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن ئاقىللار مەركىزى ۋە ئۇ قاراشلىق بولغان ئالىي مەكتەپ ھاقارەتلەندى. ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى داڭلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ، جۈملىدىن CNN ۋە «مۇھاپىزەتچى» قاتارلىقلارنىڭ مەزكۇر دوكلات ھەققىدە تەپسىلى خەۋەر بېرىشى بولسا «ئوغرى بىلەن قاراقچىنىڭ دوستلۇقى» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن تەسۋىرلەندى. بۇ جايدىكى مۇتەخەسسسلەر، جۈملىدىن مەكتەپ مۇدىرى ئەھمەد ئالۋانى، دوكتۇر ئادريان زېنز قاتارلىقلار بولسا «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جاسۇسلىرى» دەپ ئاتالدى.

«يېڭى لىنىيە ئىنىستىتۇتى» ئاقىللار مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئېمىلي پرېي خانىم ئەنە شۇ ھۇجۇملارغا نىشان بولغان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» تېمىسىدىكى دوكلاتنى تەييارلاشقا قاتناشقان ئاپتورلارنىڭ بىرى. ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزدە نۇقتىلىق قىلىپ بۇ قېتىمقى دوكلاتنىڭ تەييارلىنىشى ھەققىدە ئالاھىدە چۈشەنچە بەردى. يەنە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ئىنكارچىلىق قىلمىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئ‍ۆزىنى ئۆزى ئ‍ىنكار قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

«بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ‹يېڭى لىنىيە› ئىنستىتۇتىنىڭ دوكلاتىنى تەييارلاشقا 50 نەچچە مۇتەخەسسىس ۋە ئالىم كۈچ چىقاردى. ئۇلار قىرغىنچىلىقنىڭ تەبىرى، خەلقئارا قانۇن ماددىلىرى، شاھىدلارنىڭ بايانلىرى، يازما ھۆججەتلەر ۋە ئېلانلار، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرى، ئاق تاشلىق كىتابلار ھەمدە سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي مۇلاھىزە قىلىش ئاساسىدا خۇلاسە چىقارغان. بۇ مەزمۇنلارنىڭ كۆپ قىسمى جامائەت خالىغان ۋاقىتتا كۆرەلەيدىغان نەرسىلەردۇر. مۇنداقچە ئالغاندا، بىزنىڭ كۆپ قىسىم دەلىل-ئىسپاتلىرىمىز ئاشۇ خىلدىكى ئاشكارا ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلغان، يەنە كېلىپ بۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرى ئېلان قىلغان. ئەمدىلىكتە ئۇلار مۇشۇ ماددىي پاكىتلار ئاساسىدىكى ھۆكۈمنى يالغانغا چىقارغان بولسا بۇ ھال نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ دېمەك، خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە دېسە دەۋەرسۇن، بۇ ئۇلارنىڭ ئىشى. ئەمما بىز ھەقىقەتنىڭ قولىمىزدا ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى بەش قولدەك بىلىمىز.»

«يېڭى لىنىيە ئىنسىتۇتى» ئېلان قىلغان دوكلاتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھەممىدىنمۇ بەكرەك بىئارام قىلغان يېرى دوكلاتنىڭ ماۋزۇسىغا «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» دېگەن خاس تېمىنىڭ قويۇلۇشى بولغانلىقى مەلۇم. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇلار بۇ ماۋزۇنى قويۇشتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلاردىكى ئەۋلاتلارنى بىر-بىرىگە ئۇلاشتىكى مۇھىم ھالقىلاردىن بولغان ئاياللارغا مەجبۇرىي تاڭغان تۇغۇتنى چەكلەش تەدبىرلىرىنى نەزەردە تۇتقان. بۇ خىل يوقىتىش ھەركىتى بولسا بۇنىڭدىن 70 يىل ئىلگىرىلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى ئەھدىنامىسىدە ئالاھىدە شەرھىلەنگەن ھەمدە بۇنىڭ تىپىك قىرغىنچىلىق ھادىسىسى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن ئىكەن.

ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەرنى ھېس قىلىش ئۈچۈن مېنىڭ ياكى باشقا ئىنسانلارنىڭ مەلۇم بىر جىنىس ئايرىمىسىغا مەنسۇپ بولۇشى ھاجەت ئەمەس. چۈنكى قىرغىنچىلىق قىلمىشى ھەرقاچان ئەرلەرنى زور كۆلەمدە قىرىپ تاشلاش، قىزلارنى ۋە ئاياللارنى بىۋاستە جان ئالغۇچى قوراللار ئىشلەتمەستىن جىنسىي جەھەتتىن ۋەيران قىلىپ ئاستا سۈرئەتتە يوقىتىش شەكلىدە داۋام قىلىدۇ. بۇنىڭدا تۇغۇت چەكلەش چارىسى ئەڭ تىپىك ئۇسۇللارنىڭ بىرىدۇر. نۆۋەتتە ئ‍ۇيغۇر قىز-چوكانلىرى ئانا ياكى ئايال سۈپىتىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھۇجۇم ئوبيېكتى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. مەن بۇ يەردە بىر نۇقتىنى تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمەن: بۇ خىلدىكى تۇغۇت كونتروللۇقىنى ئەرلەر ئاساسەن چۈشەنمەيدۇ. بولۇپمۇ تاقىسىمان ئۈزۈك سېلىش ئەمەلىيەتتە جاننى ئېلىپ يەردە قويىدىغان بىر قىيىن باسقۇچ. بۇنىڭدا ئايال كىشى تۇغۇتتىنمۇ بەكرەك قىينىلىپ كېتىدۇ، ئايال كىىشنىڭ بەدىنى بۇنىڭ ئاغرىقىغا كۆنۈپ بولغىچە بۇنىڭ ئىككىلەمچى تەسىرى ئالتە-يەتتە ئايغىچە تۈگىمەيدۇ. ئەمدى شىنجاڭدىكى بۇ ئىشلار لاگېرلاردا بولۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭغا دۇچ كەلگەن ئاشۇ قىز-چوكانلار جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتلەردىن تېزلا تۈگىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا بىز ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتتىن بولغان ئاياللارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىنچىلىق خاراكتېرىدىكى تۇغۇت كونتروللۇقىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، دەپ قارىدۇق.»

ھالبۇكى، خىتاي كومپارتىيەسى مەزكۇر ئاقىللار مەركىزىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى دوكلاتىغا تۇشمۇ-تۇشتىن ھۇجۇم قىلىۋاتقاندا، غەرب دۇنياسىدىمۇ بىر قىسىم ئاتالمىش «مۇتەخەسسىس» سىياقىدىكى كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ھادىسىلەرنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ ئاتاش سەل ئاشۇرىۋەتكەنلىك بولۇۋاتامدۇ قانداق؟» دېگەندەك سوئاللارنى سوراۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئېمىلىي پرېي بۇنىڭغا ئالاھىدە ئويلىنىش ياكى ئىزدىنىشنىڭ ھاجەت ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئۆتكەن ئۈچ يىلدا بىردىنلا 50 پىرسەنتكە يېقىن ئازىيىشقا يۈزلىنىشىلا مۇشۇ ھادىسىلەرنى پەيدا قىلىۋاتقان قىز-چوكانلارنى تۇغماس قىلىۋېتىش قىلمىشىنىڭ ئەڭ زور قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىگە دەلىل بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

«ئەگەر بەزى ئىنسانلار بۇ قىلمىشنى قىرغىنچىلىق ئەمەس، دەپ قارىسا، ئۇ ھالدا بۇ كىشىلەر سىز باياتىن تىلغا ئالغان ‹ب د ت قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسى› نىڭ ماددىلىرىنى، شۇنداقلا ‹يېڭى لىنىيە ئىنستىتۇتى› تەييارلاپ چىققان ‹ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى› تېمىسىدىكى دوكلاتنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقسا بولىدۇ. ئۇلاردا بۇ ھەقتىكى كۆپلىگەن دەلىل-ئىسپاتلار قاتىرىسىغا تىزىلغان. مەن ئاشۇ دوكلاتنى تەييارلاشقا قاتناشقانلىقىم ئۈچۈن بۇ جەرياندا كۆپلىگەن قانۇنىي تەھلىللەر، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان تۇغۇت كونتروللۇقى تەدبىرلىرىنىڭ ئ‍ۇيغۇر ئاياللىرىنى قانداق ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنىڭ دەلىللىرىنى توپلاش دېگەنلەرگە بىۋاستە شاھىد بولدۇم. شىجائەتلىك ئۇيغۇر ئاياللىرى بۇ ھەقتە كۆپلەپ گۇۋاھلىق بەردى. ئەمما ھازىر ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى ئەڭ كۈچەپ ئىنكار قىلىۋاتقىنى دەل خىتاي ھۆكۈمىتى. بىز دوكلاتتا ئۆتكەن 40-50 يىلدا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ قانچىلىك ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى ئەمەس، يېقىنقى ئۈچ-تۆت يىل ئىچىدە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 50 پىرسەنتكە يېقىن ئازىيىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى تەكىتلىدۇق. بىز بۇ ھەقتە توپلىغان ماتېرىياللارنىڭ ئىچىدىكى تۇغۇت نىسبىتىنى چەكلەشتەك بىرلا نۇقتىنى ئالساق مۇشۇنىڭ ئۆزى ب د ت نىڭ قىرغىنچىلىق تەبىرىگە تولۇق چۈشىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەردىكى ھەققانىيەتنى سۆزلىگۈچى شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلارنى قارىلاش ئۇرۇنۇشلىرى ماھىيەتتە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەقىقى ئەپتى-بەشىرىسىنى تونۇپ يېتىشىگە تۈرتكە بولماقتا ئىكەن. «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» تېمىسىدا ئىككىلىنىپ قالغان كىشىلەرنىڭ بىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى باش ئەلچىسى لىندا توماس گرېنفىيلد خانىممۇ يېقىندا ب د ت بىناسىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېچىلغان يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلەپ سۆز قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.