ئۈمىد ئالپەرەن: «بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئىسلامى، مىللىي ۋە سىياسىي كىملىكى كۈچلۈك بولغان ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيىگە مەجبۇرلىماقتا»

0:00 / 0:00

كورونا ۋىرۇسى كرىزىسىدىن كىيىن دۇنيانىڭ ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى بولغان خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئورنى داۋالغۇشقا باشلىغان بولۇپ، خىتايغا ئېقىۋاتقان چەتئەل مەبلىغىنىڭ ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە قېيىش ئېھتىماللىقى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە ئىكەن.

كۆزەتكۈچلەرنىڭ قارىشىچە ئامىرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى ۋە كورونا ۋاباسى كرىزىسى تۈپەيلى دۇنيانىڭ ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى بولغان خىتاينىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مەركەزلىك ئورنى ئېغىر داۋالغۇش ئاستىدا بولۇپ، غەرب دۇنياسى ئىقتىسادىي ۋە ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىن خىتايغا باغلىنىپ قىلىشنى تەھدىت ھېسابلىماقتا ئىكەن. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامرىكادىكى ئىقتىسادشۇناس قەيسەر مىجىت ئەپەندىم خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ئىشلەپچىقىرىش مەركەزلىك ئورنىنىڭ ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ تەسىرىدە بەزى يېنىك سانائەت ساھەلىرىنىڭ نېپال، فىلىپپىن، تۈركىيە دېگەندەك ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يۆتكىلىش قەدىمىنىڭ تىزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە مەتبۇئاتلىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئانالىزلىرىغا قارىغاندا، تۈركىيە خىتايغا نىسبەتەن يېڭى بىر تاللاش سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، چەتئەل مەبلىغى ۋە چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن تۈركىيەگە قاراپ يۆتكىلىش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى ئىكەن.

تۈركىيەدىكى يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە تاشقى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت جەمئىيىتى (DEİK)نىڭ تۈركىيە-ئىسرائىلىيە تىجارەت تارمىقىنىڭ مۇدىرى ئىبراھىم سىنان ئاق: «خىتاي بىلەن بولغان كورونا ۋىرۇسى كرىزىسىدىن كىيىن ئىسرائىلىيەلىك ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ئىمپورت قىلغۇچىلار باشقا تاللاش ئىلىپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى. ئىسرائىلىيەلىك تىجارەتچىلەر جۇغراپىيەلىك يېقىنلىق ۋە ئىشلەپچىقىرىش سۈپىتى جەھەتتىن، ئۇيغۇن باھا بىلەن تىجارەت قىلالايدىغان تۈركىيەگە ئېقىشقا باشلىدى،» دېگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيە تاشقى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت جەمئىيىتى (DEİK)نىڭ تۈركىيە-گوللاندىيە تىجارەت تارمىقىنىڭ مۇدىرى مۇرات ئۆز يەئىن يېڭى كورونا ۋىرۇسى ۋاباسىنىڭ، تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ يەرشارىۋىي ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىگە ئايلانغان خىتايغا ھەددىدىن زىيادە باغلىنىپ قىلىشنىڭ ئېغىر خەتىرىنى تەكىتلىگەن ۋە: «تۈرك مەھسۇلاتلىرىغا بولغان تەلەپ بارغانسېرى ئاشىدۇ دەپ قارايمەن،» دېگەن.

سۇلايمان دەمىرەل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تونۇلغان خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى دوكتور ئۈمىد ئالپئەرەننىڭ «ۋابانىڭ خىتاي ۋە غەرب مۇناسىۋەتلىرىگە بولغان تەسىرى ۋە تۈركىيە» ناملىق ماقالىسى ئانادولو ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە كۈنسېرى يىرىكلىشىۋاتقان خىتاي ۋە غەرب ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كورونا ۋىرۇسى ۋاباسىدىن كىيىن تېخىمۇ يامانلىشىشى مۇمكىنلىكىنى، خەلقئارادىكى ئوبرازى ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن بەرپا قىلىش تىرىشچانلىقىنىڭ شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئارزۇسى بويىچە بولمايۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ دۇنيا ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىلىك ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ تېزلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

بىز كورونا ۋىرۇسىدىن كېيىنكى خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئىقتىسادىي ئورنى ۋە تۈركىيەنىڭ خىتاي سىياسىتى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن دوكتور ئۈمىد ئالپئەرەننى زىيارەت قىلدۇق. ئۈمىد ئالپئەرەن سوئاللىرىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب مۇنداق دېدى: «تۈركىيە كېلەچەكتە ياۋروپانىڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇشى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا بازارلىرىغا قاراتقان ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئوينىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، تۈركىيەنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ئەنقەرە تۈزۈپ چىقالايدىغان ئىستراتېگىيەگە باغلىق. قانۇن، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىن مۇقىم بولغان تۈركىيە، غەرب ۋە شەرقنىڭ جەلپ قىلىش مەركىزىگە ئايلىنالايدۇ. مېنىڭچە، تۈركىيەنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە ياۋروپاغا قارىغاندا مۇستەقىللىقى كۈچلۈك بولغان دىپلوماتىيە سىياسىتىدە غەرب-شەرق ئوتتۇرىسىدا تۈزۈپ چىقىدىغان تەڭپۇڭ مۇناسىۋەت، تۈركىيەنى غايەت زور ئەۋزەللىك بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۆتكەن 20 يىللىق تەجرىبىمىز تۈركىيەنىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قانۇن، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق جەھەتلەردە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشنى ئۆلچەم قىلغاندا، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.»

زىيارىتىمىز داۋامىدا دوكتور ئۈمىد ئالپئەرەن خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا شەكىللىنىدىغان ئىقتىسادىي رىقابەتنىڭ تۈركىيەنىڭ خىتاي سىياسىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا قانداق پوزىتسىيەدە بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا تەپسىلىي جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان تارىخى، مىللىي، دىنىي ۋە مەدەنىيەت رىشتىسى ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى جىددىي تەقەززا قىلىدۇ. ئەمما تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت، خەلقئارالىق ھۆججەتلەر ۋە دوكلاتلاردا تىلغا ئىلىنغان خىتايدىكى ئاز سانلىق تۈركىي قوۋملار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە كۆلەڭگە چۈشۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ. خوڭكوڭ، تىبەت ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى دۇنياۋى كۈرەشنىڭ ۋاسىتىسىگە ئايلىنىپ قىلىۋاتىدۇ.»

دوكتور ئۈمىد ئالپئەرەن زىيارىتىمىز داۋامىدا تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ھەم ئىسلامى ھەم مىللىي شۇنداقلا سىياسىي كىملىكى كۈچلۈك ئۇيغۇرلارنى ماسلاشتۇرۇشنىڭ ئورنىغا، ئۆزگىرىشكە ۋە ئاسسىمىلياتسىيىگە مەجبۇرلىماقتا. بۇ ئۆز-ئارا ئىشەنمەسلىكنى ۋە تەھدىت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ھەل قىلىش چارىسىدىن كۆپرەك زىددىيەتنى كۈچەيتىدۇ. بۇ مەسىلىدە تۈركىيەنىڭ ئورۇندايدىغان ۋەزىپىسى چوڭ.»