ئالمۇتادىكى «تۇران دۇنياسى» فوندى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتتە تۈركىي خەلقلەر ۋەكىللىرى ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىقىنى بىلدۈردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2021-12-20
Share

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلارنىڭ قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى، تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى تەرغىپ قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى «تۇران دۇنياسى» تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتى جەمئىيەتلىك فوندى يېقىندا ئۆزىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلەپ ئۆتتى.

18-دېكابىردا ئالمۇتا شەھىرىدە ئۆتكەن مەزكۇر مۇراسىم قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 30 يىللىقى ۋە «تۇران دۇنياسى» تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتى جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ 10 يىللىقىنى نىشانلاشقا بېغىشلاندى. مۇراسىم ئىككى يۆنىلىشتىن، يەنى «تۇران دۇنياسى: 10 يىل» ناملىق كىتابنى تونۇشتۇرۇش بىلەن تەنتەنىلىك يىغىن ئۆتكۈزۈشتىن تەشكىل تاپتى.

«تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكەن «تۇران دۇنياسى: 10 يىل» ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسى بۆلۈمى، يەنى بۆلۈم باشلىقى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور ئابلەت كامالوف تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئۇنىڭغا قازاق ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، شۇ جۈملىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، «پولىگون» خەلقئارا فوندىنىڭ رەئىسى نۇرلان بوزتايېف، «مېدىيا تۈرك ت ۋ» تېلېۋىزىيەسىنىڭ ۋەكىلى نۇرغالى جۈسىپباي، قىرغىزىستان ئالىي كېڭىشى 5-چاقىرىلىمىنىڭ ئەزاسى تۇرسۇنتاي سالىموف، قىرغىزىستاننىڭ جەمئىيەت ئەربابى ئۆمەرجان ھەمرايېف، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى. مەزكۇر مۇراسىمدا سۆزگە چىققانلار «تۇران دۇنياسى» فوندىنىڭ ئېلىپ بارغان ئىشلىرىنى يۇقىرى باھالاپ، تۈركىي خەلقلەر دوستلۇقى، بىرلىكى، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«تۇران دۇنياسى» فوندى تەۋەللۇتىنىڭ ئىككىنچى قىسمى قۇددۇس غوجامىياروف نامىدىكى دۆلەت ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان چوڭ بايراملىق كونسېرت بىلەن داۋام قىلدى. بۇ مۇراسىم جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى، ئۇيغۇر تىياتىرى ۋە «تۇران دۇنياسى» فوندى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى. كونسېرت باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ مۇدىرى كارلىن مەخپىروف فوند پائالىيىتى ھەققىدە قىسقىچە دوكلات قىلدى. ئاندىن «ناۋا» ئانسامبىلىنىڭ ناخشىچىلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن «يۇنېسكو» تەرىپىدىن دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى تىزىمىغا كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇزىكىلىق مىراسى- «ئون ئىككى مۇقام» دىن راك مۇقامى تاماشىبىنلار دىققىتىگە سازاۋەر قىلىندى. كونسېرتقا ئەزەربەيجان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركىيە، تۈركمەنىستان ئەلچىخانىلىرى، شۇنداقلا ئەزەربەيجان، باشقۇرت، قىرغىز، قىرىم تاتار، ئۆزبېك، تۈركمەن، تاتار ۋە باشقىمۇ ئېتنو-مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. كونسېرت ئاخىرىدا سۆزگە چىققان مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، زىيالىيلار، جەمئىيەت ئەربابلىرى ۋە باشقىلار فوند ئىشىنىڭ پائالىيىتى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى بىلدۈردى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالمۇتا شەھەرلىك قىرىم تاتار مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى، قازاق يېزا-ئىگىلىكى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى سېيىت بابالىيېف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «فوند، ئەلۋەتتە، ئىنتايىن چوڭ تەربىيەۋىي ئىش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئىككىنچىدىن، خەيرىخاھلىق پائالىيەت يۆنىلىشىدىمۇ كۆپ ئىشلار قىلىنىۋاتىدۇ. ئەڭ ئاساسلىقى، بۈگۈن بولغان كونسېرتتىن مەن ناھايىتى قاتتىق تەسىرلەندىم. ئۆز ۋاقتىدا مەن مۇنداق پائالىيەتلەرنى كۆپ كۆردۈم. ئەمما بۈگۈن ئۇيغۇر تىياتىرىدا كۆرگىنىم ھەممىگە چوڭ ئۈلگە-ئىبرەت بولۇشى كېرەك، دەپ ھېسابلايمەن. تىياتىر ئارتىسلىرىنىڭ ھەر بىرى مەيلى ئۇسسۇل، مەيلى ناخشا بولسۇن، ئۆز رولىنى شۇنداق ئوينىدىكى، مەن ھەتتا بىرمۇ كەمچىلىك تاپالمىدىم. مەن چىن يۈرىكىمدىن تىياتىر ئارتىسلىرىغا ئۆزۈمنىڭ چەكسىز مىننەتدارلىقىنى تىلەيمەن. ئومۇمەن، بۈگۈنكى پائالىيەت يۇقىرى دەرىجىدە ئۆتتى، دەپ ھېسابلايمەن. مەن ئۇيغۇرلارغا پەقەت گۈللىنىش، تەرەققىيات تىلەيمەن. مەن بارلىق تۈركىي خەلقلەرگە ياخشىلىقلار تىلەيمەن. مەن، ئومۇمەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە كۆپ ئازاب تارتىۋاتقانلىقىنى ياخشى بىلىمەن. بۇ ئازابنىڭ قايسى مەملىكەتتە يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتمىساقمۇ، بۇ دۇنياغا مەلۇم. مەن كارلىن مەخپىروفقا ئوخشاش ئۇيغۇرلار ئارقىلىق پۈتكۈل تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرلىشىشىنى خالايمەن!»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، «پولىگون» خەلقئارا فوندىنىڭ رەئىسى نۇرلان بوزتايېف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۈگۈن چوڭ بىر پائالىيەت بولدى. شۇنداق ياخشى ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئۇيغۇر فوندى تەرىپىدىن مۇشۇنداق مەزمۇنلۇق پائالىيەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئۆتكىنىگە بەك خۇرسەنمەن. بىز ھەقىقەتەنمۇ چوڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ شاھىتى بولدۇق. شۇنداق بىر ئاجايىپ كونسېرت بولدى. مەن ئويلايمەنكى، بۈگۈنكى كۈندە بىز تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى توختىماي كۆتۈرۈشىمىز لازىم. شۇنداقلا مەن نەچچە يىلدىن بۇيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەركىبىدە قازاقىستاندىكى شەمەي ئاتوم سىناق مەيدانى مەسىلىلىرى بويىچە ئىش ئېلىپ بېرىۋاتىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كارلىن مەخپىروفنىڭ فوندى بىلەنمۇ ھەمكارلىقتا ئىشلەۋاتىمىز. كېلەچەكتە بۇ ھەمكارلىقىمىز يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

ئالمۇتا شەھەرلىك تاتار-باشقۇرت جەمئىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئىلمىرات ۋافىن ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈن مانا ئۇيغۇر تىياتىرىدا تاماشا قىلدۇق. زال تولۇق بولدى. بۇ يەرگە ئۇيغۇر سەنئىتىنى ھۆرمەتلەيدىغان ئادەملەر كەلدى. ‹تۇران دۇنياسى› فوندىنىڭ باشلىقى كارلىن مەخپىروف بىلەن بىز يىگىرمە يىل مابەينىدە بىللە ئىشلەپ كېلىۋاتىمىز. مەن ئۆزۈم شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىكتىن بىزنىڭ تومۇرلىرىمىز ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە بولدى. بۇ ياققا چىققاندىن كېيىنمۇ بۇ تومۇرىمىز يەنىمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ. بىز شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن بىرگە ئىشلەۋاتىمىز. كۈچىمىز يەتكىنىچە شۇ ھەرىكەتنى قىلىۋاتىمىز. بىزنىڭ رۇسىيەدىكى تۈركىي خەلقلىرىمىزمۇ ئۆز مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مۇستەقىل بولۇشىنى خالايمىز.»

ئەزەربەيجانلارنىڭ «تۇران» قۇرۇلتىيىنىڭ پرېزىدېنتى ھۆسەيىن ئەلى ئوغلى مۇنداق دېدى: «قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەن پۈتكۈل قازاقىستان خەلقلىرىنى، پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنىڭ تەبرىكلەيمەن. كارلىن مەخپىروف باشقۇرۇۋاتقان ‹تۇران دۇنياسى› فوندىنىڭ تەۋەللۇتى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كلاسسىك مەنىۋىي بايلىقى-مۇقاملىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدىن قاتتىق تەسىرلەندىم. مەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىنىڭ دۇنيانىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن قوللاپ-قۇۋەتلىنىپ، ئۆز ھەقلىق ئازادلىقىغا يېتىشىنى تىلەيمەن. مەن ئىستامبۇلدا ئۆتكەن تۈركىي دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى تۈركىي خەلقلەرنىڭ، بىرىنچى نۆۋەتتە چىن زۇلۇمى، ئاسارىتى ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي-ئازادلىق ھەرىكىتىنى قوللاشقا چاقىرغان بولاتتىم. ياشىسۇن تۈرك دۇنياسى! بار بولسۇن، تۇران!»

زىيارىتىمىزنىڭ قوبۇل قىلغان جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزات دوكتورى شەمشىدىن ئايۇپوف ئەپەندى مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئىنتايىن مەزمۇنلۇق ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «چۈنكى ئۇنىڭغا قازاق، ئەزەربەيجان، قىرغىز، ئۆزبېك، تۈركمەن، تاتار ئوخشاش قېرىنداش تۈركىي خەلقلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھىسداشلىقىنى بىلدۈردى. بۇ بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىدۇر. بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىياتىرىدا خەلقىمىز مەدەنىيىتىنىڭ ئۆلمەس مىراسى ‹ئون ئىككى مۇقام› دىن راك مۇقامىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنىڭ ئەينە شۇ مېھمانلارغا قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىنى بايقىدىم. يەنە بىر تەرەپتىن، بۈگۈنكى كۈندىكى ۋابا كېسىلىگە قارىماي، پەقەت ئالمۇتا شەھىرىلا ئەمەس، بەلكى يىراق ۋە يېقىن ناھىيەلەردىن تاماشىبىنلارنىڭ كېلىپ، تىياتىر زالىنىڭ لىق تولغانلىقى مېنىمۇ ئالاھىدە بىر ھاياجانغا سالدى. تىياتىر ئارتىسلىرىنىڭ ماھىرانە ئورۇنلىغان ناخشىلىرى، سازلىرى، ئۇسسۇللىرى ھەقىقەتەنمۇ خەلقىمىزنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ۋە باي مەدەنىيەتكە ئېگە خەلق ئېكەنلىكىنى نامايىش قىلدى.»

مەزكۇر مۇراسىمدە كۆرنەكلىك جەمئىيەت ئەربابلىرى، مەدەنىيەت، سەنئەت ۋە ئىلىم-پەن ۋەكىللىرى تۈرك دۇنياسى تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن «دوستلۇق» جەمىىيەتلىك مېدالى بىلەن تەقدىرلەندى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت