تۈركىيەدىن نورۋېگىيەگە كېلىۋالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلار خاتىرجەملىككە ئېرىشكەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021.09.27
ئەنگلىيەدىكى يەھۇدىيلار ئورگىنى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى «دۇنيا يەھۇدىيلارغا ياردەم بېرىش ئورگىنى» تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ئۈچۈن ئېلان قىلغان مۇراجىئەتنامەسىگە ئىشلىتىلگەن سۈرەت. 2021-يىلى ئاپرېل.
Social Media

قىسقىغىنە ئىككى ھەپتە ئىچىدە 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇساپىر تۈركىيەدىن ئايرىلىپ، نورۋېگىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن.

100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئىككى ھەپتە ئىچىدە تۈركىيەدىن نورۋېگىيەگە كېلىپ خاتىرجەملىككە ئېرىشكەنلىكى نورۋېگىيەدىكى يەرلىكلەر ئۈچۈن بىر يېڭىلىق بولغان بولسا، نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەم بۇ مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن زور خۇشاللىق بولغان.

نورۋېگىيەدە ياشايدىغان د ئۇ ق نىڭ تەپتىشى پەرھات ياقۇپ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىسقىغىنە ئىككى ھەپتە ئىچىدە 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تۈركىيەدىكى خىتاي تەھدىتىدىن قۇتۇلۇپ نورۋېگىيە سالامەت يېتىپ كەلگەنلىكى ۋە خاتىرجەملىككە ئېرىشكەنلىكى نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى كۆپ سۆيۈندۈرگەن. ئۇ سۆزىدە، بۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ھازىر كورونا سىنىقى مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، پات ئارىدا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنى ئوخشىمىغان رايونلارغا تەقسىم قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى نورۋېگىيەگە قەدەم باسقاندىن كېيىنلا نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۇلارنى يوقلاپ بېرىپ ھال سورىغان. نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى، «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مۇدىرى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، بۇ مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەنى تەرك ئېتىپ نورۋېگىيەگە كېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبنىڭ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان «جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نىڭ تەھدىتىدىن قۇتۇلۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

كورونا سىنىقى مەزگىلى ئاخىرلاشقۇچە ۋە سىياسىي پاناھلىق رەسمىيەتلىرى بېجىرىلىپ بولۇنغۇچە بۇ مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ سىرتقا چىقىشى، ئاخباراتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشى ۋاقتىنچە چەكلەنگەنىكەن. شۇنداقتىمۇ، بىز ۋاسىتىلىك ھالدا ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. تۈركىيەدىن كەلگەن بىر خانىم ئۆزلىرىنى ھەر تۈرلۈك ئۇسۇللاردا يوقلاپ تۇرغان نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا بولغان مىننەتدارلىقىنى ئىپادە قىلدى. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يەنە بىر ئەرمۇ نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ غەمخورلۇقىدىن كۆپ مەمنۇن بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بىردىنلا 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ نورۋېگىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنلىكى نورۋېگىيە ئاخبارات ساھەسىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان. نورۋېگىيەنىڭ «كۈندىلىك گېزىت» ئىنىڭ مۇھەررىرى كارى فۇرې خانىم بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان «ئۇيغۇرلار سەكرەپ چۈشىۋالغاندا» ناملىق ماقالىسىدە، تۈركىيەدىن كەلگەن بۇ مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا يەرگە بارىدىغان ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، ئايروپىلان نورۋېگىيەدە توختىغاندا «سەكرەپ چۈشىۋالغان» لىقىنى ئەسكەرتىدۇ. ئاندىن بۇلارنىڭ دەردى بار بىر خەلقنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ قوۋمى-قېرىنداشلىرىنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئازاب تارتىۋاتقانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭمۇ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ لاگېرلارغا كىرىپ قالماسلىقى ئۈچۈن تۈركىيەدىكى خىتاي تەھدىتىدىن قېچىپ نورۋېگىيەگە كېلىپ پاناھلىق تىلىگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەندىن كېيىن، نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىدىن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نورۋېگىيەدە ياشىشىغا يول قويۇشىنى، ئۇلارنىڭ دەردىنى چۈشىنىشىنى تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.