ۋاڭ لىشيوڭنىڭ قەلىمىدىكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ئورنى
2020.06.08
خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭ لىشيوڭ «شىنجاڭ ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق چاتما زىيارەت خاتىرىسىنىڭ 26-ماي كۈنى ئېلان قىلىنغان 8-قىسمىدا ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئەھۋاللار ۋە ئۆزى بىلەن سۆھبەتتە بولغان ئاتالمىش «شىنجاڭلىق خىتاي» تونۇشىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانلىرىغا ئورۇن بەرگەن. ئۇ بۇ بايانلار ئارقىلىق خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىنىڭ قانۇن بويىچە ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغانلىقىدەك رېيال ئەھۋالنى يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشقان.
ۋاڭ لىشيوڭ ساياھەت خاتىرىسىنىڭ بۇ قىسمىدا قەشقەرگە بېرىش سەپىرىدە پويىزدا يۈز بەرگەن خىتاي يولۇچىنىڭ ئورۇن مەسىلىسىدە ئۇيغۇر ئوفىتسېرغا قىلغان يولسىزلىقىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:
«پويىز مارالبېشىغا كەلگەندە بىر قىسىم يولۇچىلار پويىزدىن چۈشۈپ كەتتى. بۇ چاغدا ئۆزىنى ‹قەشقەرگە سەييارە مال سېتىش ئۈچۈن كەلدىم» دەپ تونۇشتۇرغان بىر خىتاي ئۈچ كىشىلىك ئورۇننى بىراقلا ئىگىىلىۋالدى. ئۇ يالغاندىن ئۇخلىغان بولۇۋېلىپ، يېتىۋالغان ئىدى. مارالبېشىدىن چىققانلار كۆپ ئىدى، بەزىلەرگە ئولتۇرغۇدەك ئورۇن چىقمىدى. ئەمما يالغاندىن ئۇخلىۋالغان خىتاي يولۇچى ئورنىدىن قوپمىدى. بىر ئۇيغۇر ھەربىي ئوفىتسېر ئايالى ۋە ئوغلىنى ئېلىپ پويىزغا چىقتى. ئۇ ئولتۇرىدىغان ئورۇن تاپالمىغاندىن كېيىن ئۇخلىغان بولۇپ يېتىۋالغان ھېلىقى خىتاي يولۇچىنى ئويغاتماقچى بولدى. ئەمما يالغاندىن ئۇخلىغان بولۇپ يېتىۋالغان خىتاي يولۇچى ئورۇن بوشاتقىلى ئۇنىمىدى. ئۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئوفىتسېر ئارىسىدا جېدەل باشلاندى. خىتاي يولۇچىنىڭ ئەلپازى بەكلا يامان ئىدى. باشقا ئۇيغۇر يولۇچىلار ھەربىي ئوفىتسېرنىڭ تەرىپىنى ئېلىپ، ئۇنى ئورۇن بوشىتىشقا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىتاي يولسىزلىق بىلەن ئورۇن بوشاتقىلى زادىلا ئۇنىمىدى. ئۇنىڭ قىلىقى كىشىنى بىزار قىلاتتى. شۇنىڭغا ئىشىنەتتىمكى، ئەگەر 10 يىل ئاۋۋالقى چاغلار بولغان بولسا ئۇ چوقۇم تاياق يەيتتى. ئەلۋەتتە، مەنمۇ ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلمايتتىم. ھازىر ئەھۋال ئۆزگەرگەن ئىدى، ئۇيغۇرلار ئېھتىيات قىلىدىغان بولۇپ كېتىپتۇ. خىتايلار بولسا بارغانچە ھەددىدىن ئېشىپتۇ. كېيىن نەسىھەت قىلىش ئارقىلىق ھەربىي ئوفىتسېر ئايالى بىلەن بالىسى ئۈچۈن ئولتۇرۇشقا ئورۇن ئالدى. ئەمما ئۇيغۇر ھەربىي ئوفىتسېرنىڭ كەيپىياتى خېلىغىچە ئوڭشالمىدى. ئۇنى بۇ ۋەقەنى پۈتۈن خىتايلارغا باغلىمايدۇ دەپ قاراشقا بولمايتتى. ئۆكتەملىك قىلىۋاتقانلار دەل ئۇلارنىڭ يۇرتىغا سىرتتىن كەلگۈچىلەر ئىدى. ھالبۇكى، ئۇنىڭ چىرايلىق ئوغلىنىڭ خاتىرىسىدىمۇ بۇ خىتاينىڭ قەبىھ ئوبرازى ساقلىنىپ قالاتتى. بۇ ۋەقە ئۆچمەنلىك ئۇرۇقىنى تېرىغان ئىدى.»
ۋاڭ لىشيوڭنىڭ ساياھەت خاتىرىسىدە يەنە ئاتالمىش «شىنجاڭلىق خىتاي» تونۇشى ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنى يامانلاپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە بۇنىڭ سەۋەبى ئۆزىنى ئۇيغۇرلارنىڭ رېستۇرانىدا مېھمان قىلغان بۇ خىتاي تونۇشىنىڭ ھاراق ئىچىش تەلىپى مەزكۇر رېستۇراننىڭ ئۇيغۇر خوجايىنى تەرىپىدىن رەت قىلىنغانلىقىدىن ئىكەن.
ۋاڭ لىشيوڭ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «پويىز قەشقەر ۋوگزالىغا كەلگەندە كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن شاۋ دۇ مېنى ئۇيغۇر رېستۇرانىدا مېھمان قىلدى. ئۇ پىۋا ئىچىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى، رېستوراندا پىۋا سېتىلمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى ۋە ئۇنىڭ «رېستوراندا ھاراق سېتىلامدۇ» دەپ سورىغان سوئالىغا رېستۇراندىكىلەر بىزارلىق كەيپىياتىنى ئىپادىلىدى. بۇ شاۋ دۇنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. شاۋ دۇ قەشقەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان خىتاي قىزى ئىدى. ئۇ ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىپ يامانلاپ بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئۇيغۇرلار بىلەن باردى-كەلدى قىلمايدىكەن. ئۇنىڭچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ساپاسى بەكلا تۆۋەن ئىكەن. مەن ئۇنىڭدىن مىسال كۆرسىتىپ بېرىشنى ئېيتىم. ئۇ ‹ئۇيغۇرلار ئىدارىگە ئىش بېجىرگىلى كەلسە ھاجەتخانا بار تۇرۇقلۇق ھاجەتخانىنى ئىشلەتمەيدۇ، بەلكى بىنا ئەتراپىغا ياكى زال ئىچىگىلا كىچىك تەرەت قىلىدۇ. تاماكا چېكىشكە رۇخسەت قىلىنمايدىغان جايلاردا تاماكا چېكىدۇ، چەكلىسىمۇ قۇلاق سالمايدۇ. ئىش بېجىرىشنى ساقلىغۇچىلارنىڭ ئولتۇرۇشى ئۈچۈن قويۇپ قويۇلغان كىرىسلو ياكى سافادا يېتىۋالىدۇ، › دېدى. ئۇنىڭ بۇ بايانلىرى ماڭا سەل ئىلگىرى پويىزدا يۈز بەرگەن جىدەلنى ئەسلەتتى. چۈنكى ئورۇندۇقتا يېتىۋېلىپ ئورۇن بوشاتقىلى ئۇنىمىغان كىشىمۇ دەل خىتاي مىللىتىدىن ئىدى. شاۋ دۇ يەنە مەن پويىزدا ئۇچراتقان خىتاي ساقچىغا ئوخشاشلا قەشقەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى خىتايلاردىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈنلۈكىنى ئېيتتى.»
خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى كانادا شۆبىسىنىڭ باشلىقى شېڭ شۆ خانىمنىڭ قارىشىچە، ۋاڭ لىشيوڭ بۇ ۋەقەلەرنى بايان قىلىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئارقا تىرەك قىلغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەت جەھەتلەردە ئۆزىگە ئوخشىمىغان ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇرلاردا بولمىغان يامان سۈپەتلەر بىلەن تەرىپلەشكە ئادەتلەنگەنلىكىنى، ئەمما خىتاي مىللىتىدىكى ناچار رەزىل قىلمىشلارغا كۆز يۇمىدىغان خاراكتېرىنى يورۇتۇپ بەرگەن ئىكەن.
ۋاڭ لىشيوڭ ساياھەت خاتىرىسىنىڭ ئاخىرىنى مۇنداق جۈملىلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ: «چۈنكى ھۆكۈمەت سىياسىي ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتقانلىقى ئۈچۈن بۇنداق چاغلاردا دۆلەتنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش نىزامىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويىدۇ، ئەلۋەتتە. مانا بۇ خىل ئەھۋاللار خىتايلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەت ئارىسىدىكى تەڭسىزلىكنى ھېس قىلىش ۋە زىددىيەتنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولماقتا.» دېگەن بايانلار ئارقىلىق زىيارەت خاتېرىسىنى ئاياغلاشتۇرغان.
شېڭ شۆ خانىم ۋاڭ لىشيوڭنىڭ ساياھەت خاتېرىسىدە بۇ خىل قىسقا ھېكايىلەرنى بايان قىلىش ئارقىلىق خىتايدىكى دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئەمەس، بەلكى سىياسەت بويىچە باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئېچىپ كۆرسەتكەن. شۇنداقلا بۇنىڭ خىتايدىكى مىللەتلەر ئارىسىدىكى تەڭسىزلىك ۋە زىددىيەتنىڭ كۈچىيىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەنلىكىنى جانلىق مىساللار بىلەن كۆرسىتىپ بەرگەن.