ئەنگىلىيەدە «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» قۇرۇلغان

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020.09.07
Geoffrey-Nice-jefferi-nayis.jpg كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جېففېرى نايىس(Geoffrey Nice) ئەپەندى ئۆيىدىكى خىزمەت ئۈستىلىدە. 2020-يىلى 2-سېنتەبىر، ئەنگلىيە.
AP

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 3-سېنتەبىر بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جېففېرى نايىس باشچىلىقىدا بىر مۇستەقىل سوت كوللېگىيەسى قۇرۇلغان. «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دەپ ئاتالغان بۇ كوللېگىيە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەكشۈرىدىكەن ۋە توپلانغان دەلىل-ئىسپاتلار ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتى ئۈستىدىن قارار چىقىرىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى غەربتە كىشىلىك ھوقۇق بويىچە تونۇلغان ئادۋوكات ۋە سوتچى جېففېرى نايىسنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرى ئۈستىدىن خەلقئارا قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىكەن. جېففېرى نايىس ئىلگىرى سابىق يۇگۇسلاۋىيە فېدېراتسىيەسى بىلەن كېيىنچە سابىق سېربىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى بولغان سلوبودان مىلوشېۋىچنى بالقان ئۇرۇشى سەۋەبىدىن سوتقا تارتىشقا يېتەكچىلىك قىلغان ۋە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى بىلەن ھەمكارلاشقان سابىق سوتچى ئىكەن.

بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ‹ئىرقى قىرغىنچىلىق› ئىلىپ بېرىۋاتقانلىقى رېئاللىق بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ خەلقئارا سوت تەرىپىدىن ‹ئىرقى قىرغىنچىلىق› دەپ ئېتىراپ قىلىنىشى خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشتا ناھايىتى مۇھىمدۇر.»

«ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسى» ھېچقانداق بىر ھۆكۈمەت ياكى ئورگانلارغا تەۋە بولمىغان مۇستەقىل بىر سوت كوللېگىيەسى بولۇپ، خەلقئارا قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن 2017-يىلدىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈلگەن زۇلۇملار ھەققىدىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى يىغىدىكەن.

بۇ كوللېگىيەنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نىكولاس ۋىچ ئەپەندى كوللېگىيە ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن نىكولاس ۋىچ، ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى. بۇ سوت كوللېگىيەسى بىر ئاممىۋى كوللېگىيە، ئۇنىڭ ھېچقانداق سودا ۋە ياكى سىياسىي پائالىيەتچىلىك خاراكتېرى يوق. ئۇ قانۇنىي تەرتىپ بويىچە ئىش ئىلىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ ئەزالىرى ئادۋوكاتلار ۋە جەمئىيەتنىڭ باشقا ساھەلىرىدىكى نوپۇزلۇق كىشىلەردىن تەركىب تاپقان. بىز پەقەت پاكىتقا ئاساسلىنىمىز. بىز جىنايەت ئۆتكۈزۈلگەن ياكى ئۆتكۈزۈلمىگەنلىكىگە قارار قىلىشتا، قىياس-پەرەزلەرگە ئەمەس، پەقەت دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسلىنىمىز.»

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ئەزالىرى بۇ ھەقتىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلاشنى باشلىغان. ئۇلار كەلگۈسى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىدا ئىشلىگەن خادىملارنىڭ يېقىندا مەتبۇئاتلارغا بەرگەن يېڭى گۇۋاھلىقلىرى بۇ قېتىملىق ئىسپاتلار قاتارىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىكەن.

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ رەئىسى جېففېرى نايىس ITV تېلىۋېزىيەسىگە بەرگەن زىيارىتىدە ئەسلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايەتلىرىگە قارشى تەدبىر قوللىنىشى كېرەك بولغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «قولى» نى خىتاينىڭ «باغلاپ» قويغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل ئورگان سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «مۇھىمى خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك مەجلىسىدە رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغىنى باشقا كومىتېتلارنىڭ جىم تۇرۇشى، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ۋەزىپىسى قائىدىگە ئاساسەن خىتاينىڭ جىنايىتىنى تەكشۈرۈش بولسىمۇ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغاچقا، بىز ھەرىكەتكە ئۆتتۇق.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قۇرۇلغان بۇ سوت كوللېگىيەسى ھەققىدىكى باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاينىڭ سادىر قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەردە، خىتاينىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، قۇل قىلىش، قانۇنىي رەسمىيەتسىز تۈرمىگە سېلىش، قىيىن-قىستاق، باسقۇنچىلىق ۋە باشقا جىنسى زوراۋانلىق، مەجبۇرى تۇغماس قىلىش، مەجبۇرى غايىب قىلىۋېتىش، بالىلارنى ئاتا-ئانىلىرىدىن مەجبۇرى ئايرىۋېتىش، خىتايلار بىلەن مەجبۇرى توي قىلدۇرۇش ۋە ئادەم ئورگانلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتەك باشقا جىنايەتلەرنى سادىر قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.»

«خىتاي خەۋەر تورى» 3-سېنتەبىر كۈنى ئايرىم-ئايرىم خەۋەر بېرىپ، «‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› نىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق»، «شىنجاڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى قانۇن بويىچە يولغا قويماقتا، ‹مەجبۇرىي تۇغماس قېلىش› دەيدىغان مەسىلە يوق» دېگەن تېمىلاردا ئاتالمىش «تەتقىقات دوكلاتى» ئېلان قىلغان. دوكلاتتا «شىنجاڭدىكى ئاياللارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدىغانلىقى» بايان قىلىنغان.

ئىرقىي قىرغىنچىلىققا تاقابىل تۇرۇش بىرلەشمىسىنىڭ قۇرغۇچلىرىدىن بىرى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەسلىھەتچىسى لۇك دى پۇلفورد، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق دائىرىسىگە كىرىدىغان جىنايەتلەرنى سادىر قېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ITV تېلېۋېزىيەسىنىڭ خەۋەر تورىغا يازغان ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «‹ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى› گە ئىمزا قويغان ئەنگلىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ تارىختىكى بۇ ئەڭ ئېغىر جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش مەجبۇرىيىتى بار.»

ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى توم تۇگىنخات ITV تېلېۋېزىيەسىگە بەرگەن زىيارىتىدە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ «شىنجاڭ» دا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش جىنايەتلىرىگە قارشى چوقۇم كۆپرەك قارشىلىق بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم مەزكۇر سوت كوللېگىيەسىنڭ ئەنگلىيە ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتا كۈچلۈك قورال بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار دۇنيادا تۇنجى قېتىم ئۆزلىرى ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىپ قۇرۇلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دىن چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتىكەن.

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ قانداق بىر ئىستراتېگىيە قوللىنىدىغانلىقى ۋە ITV تېلېۋېزىيەسى قانىلى ئاشكارىلىغان «كۈچلۈك ئىسپات» لارنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە پروگراممىزنىڭ كېيىنكى قىسمىدا توختىلىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.