ئەنگلىيە پايتەختى لوندون شەھىرىدە «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» 4-ئىيۇن كۈنىدىن باشلاپ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى. بۈگۈن، يەنى 7-ئىيۇن مەزكۇر يىغىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

تۆت كۈن داۋاملاشقان بۇ يىغىندا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كېلىپ «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ يىغىنىغا نەق مەيداندىن قاتناشقان ۋە تور ئارقىلىق قاتناشقان گۇۋاھچىلار، مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرى ھەققىدە ناھايىتى مۇھىم دەلىل-ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.
4-ئىيۇن كۈنىدىكى پروگراممىمىزدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ مەزكۇر يىغىن ھەققىدىكى باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ مەقسىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە دائىر توپلانغان دەلىل-ئىسپاتلار ۋە بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىندىكى گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقىغا ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتى ئۈستىدىن قارار چىقىرىش ئىكەن.
مەزكۇر يىغىنغا نەق مەيداندىن ۋە توردىن جەمئىي 40 ئەتراپىدا گۇۋاھچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر قاتناشتى. لاگېر شاھىتلىرى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئادۋوكاتلىرى، پىروفېسسورلىرى ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ ئالدىدا لاگېردا ئۆزلىرى بىۋاستە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قورقۇنچلۇق قىيىن-قىستاق ۋە ئىنسان قىلىپىدىن چىققان خورلۇقلارنى ئاڭلاتتى.
4-ئىيۇن كۈنىدىكى يىغىن ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق. 5-، 6-، ۋە 7-ئىيۇن كۈنىدىكى گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىمۇ 4-ئىيۇن كۈنىدىكى يىغىن تەرتىپىگە ئوخشاش ھەر كۈنى لوندون ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن توققۇزدا باشلاندى. گۇۋاھچىلارنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن يىل، ئاي، كۈن، تىلغا ئالغان كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ناھايىتى تەپسىلىي بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىشەنچلىك مەنبەلەر ئارقىلىق خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ھەققىدىكى تەكشۈرۈشلىرى، بەرگەن ئىسپاتلار ھەققىدە ئادۋوكاتلارنىڭ ئىنچىكە، جىددىي سوئاللىرى ۋە بېرىلگەن جاۋابلار پۈتۈن دۇنياغا رادىيومىز تەرىپىدىن ئۈزۈلدۈرمەي ئۇلاپ تارقىتىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» خادىملىرىمۇ بىرلىشىپ «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ئېچىلىۋاتقان نەق مەيداندىن بۇ تارىخىي مىنۇتلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ بەتلىرى ئارقىلىق تارقاتتى.
تۆت كۈن جەريانىدا «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسپاتلار ھەرخىل تىلدىكى خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە باش بەتتىن ئورۇن ئالدى. خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئاخبارات قاناللىرى بولسا «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» گە، بۇ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشقان گۇۋاھچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى توختاتمىدى.
خىتاينىڭ بېسىملىرىغا قارىماستىن گۇۋاھچىلار دەل ۋاقتىدا يىغىنغا قاتنىشىپ گۇۋاھلىق بەرگەن بولۇپ، 5-ئىيۇن كۈنى چۈشتىن بۇرۇن رەيچىل خاررىس، رايىن تۇم قاتارلىق تۆت مۇتەخەسسىستىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپا «شىنجاڭدىكى دۆلەت زوراۋانلىقى» دېگەن تېمىدا ناھايىتى ئەتراپلىق دوكلات بەردى. بۇ دوكلات ھەققىدە كېيىنكى پروگراممىمىزدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىمىز.
چۈشتىن كېيىن لاگېر شاھىتلىرىدىن زۇمرەت داۋۇت، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم، ئائىلىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. بۇمەريەم روزى، شەمشىنۇر ئابدۇغوپۇر ۋە مۇتەخەسسىس دەۋىد تىران گۇۋاھلىق بەردى ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەردى.
6-ئىيۇن يىغىن يەنە دەل ۋاقتىدا باشلاندى. لاگېر شاھىتلىرىدىن مېھرىگۈل تۇرسۇن، گۈلباھار جېلىلوۋا، گۈلباھار ھايتىۋاجى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس قاتارلىقلار گۇۋاھلىق بەردى. ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلسىنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەر ھەققىدە ھەبىبۇللاھ ئەخەت، ئۆمەر روزى ھەمدە بىرقانچە لاگېرنىڭ ئورنىنى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق بايقىغان ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى نەيسېن رۇسىر قاتارلىقلار گۇۋاھلىق بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار يەنە ئادۋوكاتلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
7-ئىيۇن، يەنى بۈگۈنكى ئاخىرقى كۈندە يەنە ناھايىتى مۇھىم گۇۋاھچىلار نەق مەيداندىن ۋە تور ئارقىلىق كوللېگىيەنىڭ يىغىنغا قاتنىشىپ، گۇۋاھلىق بەردى. بۈگۈنكى گۇۋاھلىققا قاتناشقانلاردىن نەۋرە ھەدىسى ماھىرە ياقۇپ ھەققىدە نىرولا ئەلىما، ئائىلىسىدىن تۆت كىشى تۈرمىگە تاشلانغان نۇرسىمانگۈل ئابدۇرىشىت، پۈتۈن ئائىلىسى بويىچە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھەر تۈرلۈك سىياسەتلىرىنىڭ قۇربانلىرى بولغان مەلىكىزات ھەبىبۇل ۋە مەھمەت تەۋەككۈل، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى رۇقىيە تۇردۇش ۋە تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز قاتارلىقلار بار.

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تۇنجى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشقان بولۇپ، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ رەئىسى، يىغىن رىياسەتچىسى جېففىرىي نايىس ئىككىنچى قېتىملىق تۆت كۈنلۈك ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنىڭ 10-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقنى ئۇقتۇردى.
«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» خادىملىرى سېنتەبىرگىچە گۇۋاھچىلار تەمىنلىگەن ماتېرىياللارنى قايتا تەكشۈرۈپ چىقىدىكەن. يىغىنغا قاتناشقان گۇۋاھچىلاردىن كەم قالغان ماتېرىياللار بولسا قايتا ئەۋەتىشىنى، باشقا گۇۋاھلىق بېرىشنى خالايدىغانلار بولسا «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
يۇقىرىدا تىلغا ئالغان بارلىق گۇۋاھچىلارنىڭ يازما گۇۋاھلىقى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تور بېتىگە قويۇلغان بولۇپ، تۆت كۈنلۈك نەق مەيداندىن تارقىتىلغان سىن كۆرۈنۈشى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ يۇتۇب قانىلىدا ساقلانغان.
يىغىننىڭ رادىيومىز تەرىپىدىن ئۇلاپ تارقىتىلغان سىن كۆرۈنۈشىمۇ رادىيومىزنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدا تارقىتىلدى ۋە ساقلاندى. بۇ سۇپىدىن يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بارلىق ئىسپاتلار ھەققىدە ھەر ۋاقىت مەلۇماتقا ئېرىشەلەيسىز. يىغىن جەريانىدىكى مۇھىم ئىسپاتلار ھەققىدە كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.