ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ب د ت دىكى يىغىندا شىركەتلەرنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن پايدا ئالماسلىققا چاقىردى
2024.11.26
25-نويابىردىن 27-نويابىرغىچە شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىگە جايلاشقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش ئىشتابىدا، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى» نامىدا يىغىنلار ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، بۇ مۇنبەرگە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ قاتنىشىپ، نۆۋەتتىكى خىتاينىڭ داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا خاتىرىلەتكەن.
بۇ قېتىمقى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى» گە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى فوندى رەئىسى غەيۇر قۇربان، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىدىن پېتېر ئىرۋېن، كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى تەتقىقاتچىسى ئادرېيان زېنز قاتارلىقلار قاتناشقان. بۇ مۇنبەرنىڭ 25-نويابىر كۈنىدىكى يىغىنىدا ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم سوئال سوراش شەكلى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ سۆزىدە: «مەن قاتناشقۇچىلارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلىدىم، مەن بۇ يەردە بىر مەسىلىنى، يەنى، ئادىللىق بىلەن يېشىل ئېنېرگىيەگە يۆتكىلىش ئۈچۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كۈنتاختا ۋە يېشىل ئېنېرگىيە ساھەسىدە يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى توختىتىشى ئۈچۈن قانداق خىزمەتلەرنى قىلىۋاتىدۇ دېگەنلەرنى سورىماقچىمەن» دەيدۇ.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىمنى زىيارەت قىلدۇق، ئۇ ئۆزلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ب د ت سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرىگە دۇنيادىكى ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەر، سودا ساھەسى، پۇقرالار جەمئىيەتلىرى، ئادۋوكاتلىق ئورۇنلىرى، مەبلەغ سالغۇچىلار، ب د ت نىڭ ھەر قايسى كومىتېتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى، تەتقىقاتچىلار، سىياسەتچىلەر ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىرى قاتناشقان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى بۇ يىغىنغا بېرلىندىن كېلىپ قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى فوندى رەئىسى، قۇرۇلتاي بېرلىن ئىشخانىسى دىرېكتورى غەيۇر قۇرباننى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ بۇ يىغىندا ئېلىپ بېرىلغان بەزى خىزمەتلەر ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئورتاقلاشتى:
بۇ مۇنبەردە يەنە، دۆلەتلەر، شەخسلەر، تەشكىلاتلار ئۆز-ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تەكلىپ تەۋسىيەلەر سۇنۇلىدۇ.
مەركىزى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىدىن پېتېر ئىرۋېنمۇ بۇ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىگە يازمىچە جاۋاب بېرىپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆز ھەمكارلاشقۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە «ب د ت سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى» نى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى توختىتىشقا چاقىرغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ۋە ھەر قايسى تەشكىلاتلاردىن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تېخىمۇ كۆپ دىققەت قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، بولۇپمۇ خەلقئارالىق شىركەتلەرنى ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن پايدا ئالماسلىقىغا دەۋەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.