گۈلرۇي ئەسقەر: «ئائىلىمىزدىكىلەر 5 يىلدىن بۇيان ‹ئەمدى نۆۋەت كىمگە كېلەر؟› دېگەن تەشۋىشتە ياشىدۇق»

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇننى باشلىغان 2016-يىلىدىن بۇيان، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۆزگە كۆرۈنگەن زىيالىيلار ئائىلىسىدىن بىر ئەمەس، بىر-قانچە، ھەتتا پۈتۈن ئائىلە بويىچە خىتاينىڭ تۇيۇقسىز ھەم سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرىغانلار ئاز ئەمەس. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى گۈلرۇي ئەسقەر خانىم بەش يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە قايتا-قايتا شۇم خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلالمىغان. ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن توختىماي مەتبۇئاتلارغا گۇۋاھلىق بېرىپ كېلىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىدۇر.

گۈلرۇي 2019-يىلى فېۋرالدا رادىيومىزغا ئۆز ئاكىسى، كۆزگە كۈرۈنگەن ئۇيغۇر تەرجىمان ھۆسەنجان ئەسقەرنىڭ 2018-يىلى 4-ئايلار مەزگىلىدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدى. ھۈسەنجان ئەسقەر بۇ يىل 50 ياشتا بولۇپ، ئۇ بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئىكەن. ئۇ تۇتۇلغاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق كومىتېتى ئاتالغۇلار ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئىكەن.

گۈلرۇي يەنە ئۆز ھەدىسى ئادىلە ئەسقەر بىلەن ئەل سۆيگەن مۇتەپەككۇر يازغۇچى يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇقنىڭ ئەمدىلا 30 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئىككى ئوغلى بەھرام يارمۇھەممەت بىلەن ئېھرام يارمۇھەممەت ئىككىيلەننىڭ ئارقا-ئارقىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىمۇ گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى.

گۈلرۇي خانىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قارىغاندا، مەرھۇم يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ئەپەندىنىڭ كىچىك ئوغلى ئېھرام يارمۇھەممەت 2016-يىلنىڭ ئاخىرىدا قولغا ئېلىنغان ۋە 10 يىل كېسىۋېتىلگەن. 2017-بېشىدا چوڭ ئوغلى بەھرام يارمۇھەممەت «قايتا تەربىيىلەش مەكتىپى» گە ئېلىپ كېتىلگەن.

گۈلرۇي يېقىندا تۈركىيەدىكى تۇغقانلىرىدىن بەھرام يارمۇھەممەتنىڭ 2019-يىلىدا قويۇپ بېرىلگەنلىكى، ئېھرامنىڭمۇ 2021-يىلى مارتتا قويۇپ بېرىلمەكچى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى ئاڭلىغان. ئۆزىنىڭ ئالدىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ياش جىيەنلىرىنىڭ پاجىئەلىرىدىن ئازابلىنىۋاتقان ۋە ئەنسىرەپ كېلىۋاتقان گۈلرۇي، يۇقىرىقى ئەھۋاللاردىن خەۋەر تاپقان بولسىمۇ، ئەمما تۇغقانلىرىنىڭ خاتىرجەملىكى ئۈچۈن بىر مەزگىل گۇۋاھلىق بېرىشتىن توختاپ، جىيەنلىرىنىڭ ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇش خەۋىرىنى كۈتكەن. ھالبۇكى، ئۇ ئەمدى داۋاسىنى قىلىدىغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سانىنىڭ ئازلىمىغانلىقىنى بىلگەن.

ئۇ يېقىندا يەنە ئىككىنچى ھەدىسىنىڭ يولدىشى، يەنى يېزنىسى ئەزىمەت بەختىنىڭ 2019-يىلى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىپ، بىر قانچە ئايدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، ئەمما 2021-يىلى ماي ئېيىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىش ئورنىدىن قايتا تۇتۇلۇپ كېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىغان.

گۇلرۇينىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئەزىمەت بەختى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى دارىلمۇئەللىمىندە خىزمەت قىلىۋاتقان ئىكەن.

بىز گۇلرۇي خانىم يەتكۈزگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن، ئەزىمەت بەختىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، بىر قانچە كۈندىن بۇيان بىڭتۇەن دارىلمۇئەللىمىنگە قايتا-قايتا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئۇلار جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ كەلدى.

بىز يەنە بىڭتۇەن مائارىپ ئىدارىسى كادىرلار بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ سورىدۇق. ئەمما تېلېفوننى ئالغان خادىم، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارغا مەسئۇل بۆلۈمدىن سورىشىمىزنى ئېيتىپ، تېلېفوننى مەزكۇر ئورگاننىڭ ئالي مائارىپ كادىرلار بۆلۈمىگە ئۇلار بەردى.

گەرچە بىر ئۇيغۇر كادىر تېلېفوننى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئەزىمەت بەختىنىڭ ئەھۋالىدىن ئۆزىنىڭ خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىز ئۇنىڭدىن بۇرۇن بىر قېتىم لاگېردا «تەربىيەلەش» كە قاتنىشىپ قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ قايتا تۇتۇلۇپ كېتىش سەۋەبىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ سوئالىمىزغا بىۋاستە جاۋاب بېرىپتىن ئۆزىنى قاچۇردى، ئەمما بۇنى ئىنكار قىلمىدى. بۇ كادىر «ئۇيغۇرلارنىڭ قايتا تۇتۇلۇشىنى توغرا چۈشىنىشكە تېگىشلىك بىر ئىش» دېگەندەك ئېرەنسىزلىك بىلەن: «ئۇلار تۇتۇلغان تەقدىردىمۇ تەكشۈرۈشتىن كېيىن ئەگەر مەسىلە بولمىسا، قويۇپ بېرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشى نورمال كېتىپ بارىدۇ،» دېدى.

گۇلرۇيغا ئوخشاش ئائىلە ئەزالىرى تۇيۇقسىز تۇتۇپ كېتىلگەن ياكى تۇتۇلغاندىن كېيىن قانۇنسىز ھالدا كېسىلىپ خەۋەرسىز غايىپ بولۇشلارنىڭ، مۇھاجىرەتتە ئائىلىسى بىلەن ئالاقىلىشالمايۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئېغىر ئازاب ۋە ئەنسىزلىك ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

گۈلرۇي خانىمنىڭ پەرىزىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت بارلىق كىتاب-ماتېرىياللارنى قايتىدىن تەكشۈرۈش، تىل ۋە تارىخ ئوقۇتقۇچىلارنى يوقىتىش دولقۇنىنى قايتا تەكرارلاۋاتقان ئىكەن. ئۇ خىتاينىڭ بىر قېتىم تۇتقۇنىغا ئۇچراپ «قارا تىزىملىك» كە چۈشكەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ، بولۇپمۇ غۇرۇرلۇق يېزنىسىنىڭ باش ئەگمەس خاراكتېرى سەۋەبلىكمۇ قايتا تۇتقۇن جەريانىدا ئېغىر جازا ۋە شىددەتلىك قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن.

10 يىلدىن بۇيان ئامېرىكادا ياشاۋاتقان گۈلرۇي ئەسقەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئالاھىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر تۆھپىكار مائارىپچى، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، سابىق قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مەرھۇم ئەسقەر ھۈسەيىننىڭ قىزىدۇر.

بۇ ئائىلىدىن 3 ئەۋلاد كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش ۋە پاراكەندىچىلىكىدىن قۇتۇلالماي كەلمەكتىكەن. گۇلرۇي خانىم چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىدا، ئۆز ئائىلىسىگە ئوخشاش ئۇيغۇر زىيالىي ئائىلىسىدىن بىر قانچە ئەۋلادنىڭ خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇندا جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى، بۇنىڭ بىر مىللەتكە نىسبەتەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تىپىك بىر مىسالى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ كەلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى گۇلرۇينىڭ ئائىلىسىگە ئوخشاشلا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ئائىلىسى ھەققىدە بەرگەن سۈرەتلىك، ئاۋازلىق ۋە ئىسپاتلىق گۇۋاھلىقلىرىنى ئىنكار قىلغاندىن باشقا يەنە غەرب مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى سوئاللىرىغىمۇ ئىزچىل تۈردە «يالغانچىلىق» قالپىقىنى كىيگۈزۈپ كەلمەكتە. خىتاي دائىرىلىرى ھەتتا ھايات ياكى ھايات ئەمەسلىكىنى سۈرۈشتە قىلغانلارغا «بۇنداق كىشى مەۋجۇت ئەمەس» دىگەندەك جاۋابلارنى بەرمەكتە، ئۇلارغا ئاشكارا ھالدا قارا چاپلاپ ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئۈچۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.