مەھبۇس ئانىسى: «ئوغلۇم ساقچىغا تەزىم قىلغاندا بېشى يەرگە تەگكىلى ئاز قالدى، يۈرىكىم ئاغرىدى»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2022.07.22
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
گېرمانچە مەتبۇئاتلار خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لىرى بىلەن تولۇپ تاشتى لوپ ناھىيەسىدىكى 4-يىغىۋېلىش لاگېرىدىكى تۇتقۇنلار سىياسىي ئۆگىنىشتە. 2017-يىلى مارت، خوتەن.
BITTER WINTER

رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى 3-تۈرمىدىكى ئوغلى بىلەن ئېكراندا كۆرۈشكەن بىر ئانا، چەتئەلدىكى بىر تۇغقىنىغا ئوغلى بىلەن ئېكراندا كۆرۈشكەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى يوللاپ بەرگەن. بۇ ئاۋاز خاتىرىسىدە ئوغلىنىڭ ساقچىلارغا تازىم قىلغاندا بېشى يەرگە تېگەيلا دەپ قالغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن ۋە ئۆزىنىڭ بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ يۈرىكى ئاغرىغانلىقى يىغا ئاۋازىدىن ئەكس ئەتكەن. بۇ ئاۋاز خاتىرىسىنى رادىيومىزغا يوللىغان مۇھاجىرنىڭ بايان قىلىشىچە، مەھبۇسلارنى ئائىلىسى بىلەن خىتايچە سۆزلىتىش ۋە خىتاي ساقچىلىرىغا تازىم قىلدۇرۇش تۈزۈمى ئۇيغۇر رايونىدىكى تۈرمىلەردە ئومۇميۈزلۈك ھالدا يولغا قويۇلغان. ئامېرىكادا ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ يۇرتداشلىرىدىن بىرىدىن مەھبۇس تۇغقىنىنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئېكراندا خىتايچە سۆزلەشكەن بىر سىن خاتىرىسىنى تاپشۇرۇۋالغان؛ مەزكۇر سىن خاتىرىسىدە خىتايچە سەۋىيەسى يوق دېيەرلىك بىر مەھبۇسنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن قىينىلىپ تۇرۇپ خىتايچە گەپ قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى خاتىرىلەنگەن.

رادىيومىزغا كەلگەن ئىلگىرىكى ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەھبۇسلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئېكراندا كۆرۈشۈشى تۈرمە ئىچى ۋە سىرتى بولۇپ ھەر ئىككى تەرەپتە ساقچىنىڭ نازارىتىدە ئېلىپ بېرىلماقتا. ساقچىخانا خادىملىرى مەھبۇس ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ھەر ئاينىڭ بەلگىلىك كۈن ۋە سائەتلىرىدە تەۋەلىكتىكى ئەدلىيە پونكىتلىرى ياكى ئاھالىلەر كومىتېتىغا ئېلىپ بېرىپ، مەھبۇس تۇغقىنى بىلەن ئېكراندا كۆرۈشتۈرگەن. بىز بۈگۈن قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى ئەنە شۇنداق ئېكراندا كۆرۈشتۈرۈشكە مەسئۇل بىر ساقچى خادىمىدىن مەلۇمات سورىدۇق. ئۇ ھەر ئاينىڭ مۇقىم ئىككى كۈنىدە تەۋەلىكىدىكى مەھبۇس ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ئاھالىلەر كومىتېتىغا ئاپىرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئېكراندا كۆرۈشۈش گەرچە 1-2 مىنۇتتىن كۆپ بولمىسىمۇ، ئېكراندا كۆرۈشۈشنى كۈتۈپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ كۆپلۈكى سەۋەبىدىن ھەر قېتىم ئاھالىلەر كومىتېتىغا بۇ ئىش بىلەن بارغىنىدا 1-2 سائەتچە ئۆچىرەت ساقلاشقا مەجبۇر بولغان.

ئۇ يەنە ئۆزى كۆرۈشتۈرگىنى ئاپارغان كىشىلەرگە سالامەتلىكىنى بىلدۈرۈش ۋە پارتىيەگە رەھمەت ئېيتىشتىن باشقا سۆز قىلىشقا رۇخسەت بەرمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

بۇ خادىم ئۆزى نازارەت قىلغان ئېكران سۆھبىتىنىڭ دۆلەت تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مەھبۇسلارنىڭ ساقچىلارغا خىتايچە تازىم قىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ ئېكرانغا مەھبۇستىن كېيىن چىقىدىغانلىقى ۋە بالدۇر ئۇزايدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، خىتايچە تازىم تۈزۈمىنىڭ مەۋجۇتلۇق ئېھتىماللىقىنى ئىنكار قىلمىدى.

كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، بېشىغا ئەڭ ئېغىر كۈن كەلگەن مىنۇتلاردا ئانا تىلدا سۆزلەشنىڭ بىر تەبىئىي ئېھتىياج ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مانا مۇشۇ ئېھتىياجنىمۇ چەكلەش ئارقىلىق، ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا جىسمانىي قىيىن-قىستاقلارنىڭ ئۈستىگە روھىي قىيىن-قىستاق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ ۋە بۇنى داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ يەنە بىر ئېچىنىشلىق سەھنىسى دەپ تەسۋىرلەيدۇ.

يۇقىرىدا دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مەھبۇسلارنى ئائىلىسى ۋە ساقچىلارغا خىتايچە تازىم قىلدۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.