پېنسىيەگە چىققان مۇدىر ئوبۇل سىدىق قول تېلېفونىدىن چىققان سىرلىق بىر «خاتالىق» سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان
2021.09.17
چاپچاللىق مۇھاجىرلاردىن بىرى ئۆتكەن ھەپتە رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، ئۆزىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى، پېنسىيەگە چىققان مۇدىر ئوبۇل سىدىقنىڭ تېلېفونىدىن «چاتاق» چىقىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، پېنسىيونېر ئوبۇل سىدىقنىڭ نۆۋەتتە غۇلجا جىرغىلاڭدىكى لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقى دەلىللەندى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ تۇتۇلۇشقا تېلېفونىدىن چىققان، نىمىلىكىنى ھەتتا ئەدلىيە خادىملىرىمۇ بىلمەيدىغان «كۇەييا» ئىسىملىك بىر «خاتالىق» سەۋەب بولغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى بىلمەسلىك، 2017 -يىلدىن بۇيانقى زور تۇتقۇندا ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ كۆپىنچىسى دۇچ كەلگەن بىر ئەھۋالدۇر. چاپچاللىق مۇھاجىرلاردىن بىرىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، چاپچال ناھىيە مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ سابىق مۇدىرى، پېنسىيونېر ئوبۇل سىدىق تېلېفونىدىن چىققان، ئەمما ئۆزى چۈشەنمەيدىغان بىر «خاتالىق» سەۋەبلىك2018 -يىلى تۇتقۇن قىلىنغان. مەزكۇر مۇدىر ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئېكراندا بىرقانچە قېتىم كۆرۈشتۈرلگەندە، ئۆزىگە مەلۇم بىر «خاتالىق» نىڭ ئارتىلغانلىقى، ئەمما ئۆزىنىڭ بۇ «خاتالىق» نى تېخىچە چۈشۈنۈپ بولالمايۋاتقانلىقىنى يوشۇرمىغان.
بىز ئوبۇل سىدىقنىڭ ئۆتكۈزگەن ئاتالمىش «خاتالىقى» ۋە نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، چاپچالدىكى ئالاقىدار خادىملارغا تېلېفون قىلدۇق.
ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 66 ياشقا كىرگەن ئوبۇل سىدىق، چاپچال مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىپىدىن پېنسىيەگە چىقاندىن كېيىن، غۇلجا شەھىرىدىكى قارىۋاي مەھەللىسىگە يۆتكىلىپ كەتكەن ۋە غۇلجا شەھىرىدىكى دۆلەت ئامانلىق خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان.
چاپچاللىق مۇھاجىرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، پېنسىيونېر ئوبۇل سىدىقنىڭ ئوقۇغۇچلىرىدىن بىرى ئۇنى ئائىلىسىگە يوقلاپ بارغاندا، ئۇنىڭ تېلېفونىغا ئۈندىدارنى چۈشۈرۈپ بەرگەن. بۇ جەرياندا مەزكۇر ئوقۇغۇچى بىلىپ ياكى بىلمەي چەكلەنگەن بىر يۇمشاق دېتالدىن پايدىلانغان ۋە ياكى چەكلەنگەن مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارنى كۆرگەن. ئاز كەم ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن بۇ ئىش2018 -يىلىغا كەلگەندە، ئوبۇل سىدىققا تۈگىمەس بىر پۇتلىكاشاڭ ئېلىپ كەلگەن.
غۇلجادا ئەدلىيە ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان بىر خادىم تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۇتقۇن ئوبۇل سىدىقنىڭ دەسلەپتە پارتىيە مەكتەپتە قۇرۇلغان لاگېرغا ئاپىرىلغانلىقى، ئۇ يەردىن سۇ ئېلىكتىر ئىستانسىدىكى لاگېرغا يۆتكەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
بۇ خادىممۇ ئوبۇل سىدىقنىڭ تېلېفونىدىن «چاتاق» چىققانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى، ئەمما «چاتاق» تېخنىكىلىق مەسىلە بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇنىڭ نېمىلىكىنى ئوبۇل سىدىقنىڭمۇ، ھەتتا ئۆزىنىڭمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى. خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ بىلەن بىرقانچە قېتىم ئېكراندا كۆرۈشكەنلىكىنى تىلغا ئالغان بۇ خادىم، ئوبۇل سىدىقنىڭ ئۆز خاتالىقىنى «‹كويا› (كۇەييا) بولۇپ قاپتىمەن» دەپ ئىپادىلىگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئوبۇل سىدىق سوراق داۋامىدا، «كۇەييا» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ نەرسىنى ياكى مەشغۇلاتنى بىلمەيدىغانلىقى ھەم چۈشەنمەيدىغانلىقىنى ئىزچىل تەكرارلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن سوراق گۇرۇپپىلىرى ئوخشاشلا ئەنە ئاشۇ «كۇەييا» مەسىلىسى ئۈستىدە سوراق قىلغان. ئۇ بۇنى چۈشەنمەيدىغانلىقىدا چىڭ تۇرغان ۋاقتىدا، سوراقچىلار تەرىپىدىن «كويا بولۇپ قالدىم» دەپ ئىقرار قىلىشقا مەجبۇرلانغان ۋە ئۇ ئاتالمىش «خاتالىقى» نى مۇشۇ يوسۇندا بوينىغا ئالغان. ئەمما ئۇ «خاتالىقى» نى بوينىغا ئېلىپمۇ جازادىن قۇتۇلالمىغان. پەقەت ئورنى لاگېردىن لاگېرغا يۆتكەلگەن. ئەمما ئۇنىڭ تا ھازىرغىچە لاگېردا ئىكەنلىكى ۋە ياكى كېسىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.