ياۋروپا پارلامېنتىدا «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەڭ!» سەپەرۋەرلىكى پائالىيىتى قوزغالغان

0:00 / 0:00

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ياۋروپا كونسېرىۋاتىپلار ۋە ئىسلاھاتچىلار پارتىيەسى «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەڭ!» سەپەرۋەرلىكى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرماقتا.

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ياۋروپا كونسېرىۋاتىپلار ۋە ئىسلاھاتچىلار پارتىيىسى (ERK) يېقىندا «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەڭ!» سەپەرۋەرلىكى پائالىيىتىنى قوزغىغان بولۇپ، بۇ پائالىيەت ياۋروپا پارلامېنتىدىكى كۆپ قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ دىققىتىگە ئۇلاشقان.

«ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەڭ!» سەپەرۋەرلىكى پائالىيىتىنىڭ تۈپ مەقسىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېتنىك باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتايغا قارشى ئەمەلىي جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلىش بولۇپ، بۇنىڭدا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى، ئۇنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا مەسئۇلىيىتى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرى نىشان قىلىنغان. ياۋروپا كونسېرىۋاتىپلار ۋە ئىسلاھاتچىلار پارتىيەسى بۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بارلىق پارلامېنت ئەزالىرىنى ئۆزلىرىنىڭ «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەڭ!» چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشنى تەلەپ قىلغان.

ياۋروپا كونسېرىۋاتىپلار ۋە ئىسلاھاتچىلار پارتىيەسى ياۋروپا پارلامېنتى، ياۋروپا كېڭىشى، ياۋروپا كومىسسىيونى، ھەرقايسى كومىتېتلار ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى قاتارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالىي ھوقۇق ئورگانلىرىدا 40 تىن ئارتۇق ئەزاسى بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 7 چوڭ پارتىيەنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

ياۋروپا كونسېرىۋاتىپلار ۋە ئىسلاھاتچىلار پارتىيەسى ئۆزىنىڭ پارتىيە تور سەھىپىسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى سىمۋول ئورنىدا قوللىنىپ تۇرۇپ، «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەڭ!» دېگەن تېما ئاستىدا مەخسۇس بىر سەھىپە قۇرغان. بۇ يەردە سىمۋول ئورنىدا قوللىنىلغان كۆك بايراقنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىغا جازا لاگېرلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى سىڭدۈرۈلگەن.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەڭ!» ناملىق بۇ پائالىيەت بۈگۈن يالغۇز ياۋروپا كونسېرىۋاتىپلار ۋە ئىسلاھاتچىلار پارتىيەسىنىڭ پائالىيىتى بولۇپلا قالماي، ياۋروپا پارلامېنتىدىكى باشقا پارتىيە-گورۇھلارنىڭمۇ پائالىيىتىگە ئايلىنىشقا باشلىغان. ئۇ سۆزىدە مەزكۇر پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇۋاتقان پارتىيە بىلەن د ئۇ ق نىڭ يېقىندىن ئالاقىدە بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر پارتىيەنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىلگىرى پولشانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان ئاننا فوتۇگا خانىمنىڭ بۇ يىل 7-ئايدا «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەڭ!» سەپەرۋەرلىكى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان «بىز نېمىشقا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەيمىز؟» ناملىق چاقىرىقتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز-ياۋرۇپا كونسېرىۋاتىپلار ۋە ئىسلاھاتچىلار پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرىغا ‹ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەڭ› دېگەن چاقىرىق بېسىلغان ماسكىلارنى تارقاتتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىز يەنە ياۋروپا كېڭىشى رەھبەرلىرىگە ئوچۇق خەت يېزىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قارشى قەتئىي مەيدانىنى ئىپادىلەپ، ئۇيغۇرلارنى قوغدىشى لازىملىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن بىرقانچە يىلدا ئىزچىل ھالدا ئېغىر باستۇرۇشلارنىڭ قۇربانىغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىدۇق.»

ئاننا فوتۇگا خانىم بۇ ئوچۇق خەتتە ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىش مەسىلىسى تىلغا ئېلىنسا، بەزى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئىلھام توختىغا بېرىلگەن «ساخاروف مۇكاپاتى» نى ئەسلىتىپ ئۆتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ ھەرگىز يېتەرلىك ئەمەس، بىز ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىپ بېرىشىمىز لازىم،» دەيدۇ. ئۇ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ھەمراھلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى «شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى تۈپەيلى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە قارىتا ئەمەلىي جازالاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش» قا چاقىرغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق بايانلارغا ئورۇن بېرىدۇ: «شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى كىشىنى چۆچۈتىدۇ. كۆز ئالدىمىزدا 2 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالدى. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى بۇنى ‹مائارىپ بىلەن تەربىيىلەش مۇئەسسەسى› دەپ ئاتىماقتا. ئەمما ئاشكارىلانغان سۈرەتلەر بۇ جاينىڭ ئېگىز تاملارغا ئورنىتىلغان سىم توسۇقلار بىلەن قورشالغان، قوراللىق ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدىكى تۈرمە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.»

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەڭ!» پائالىيىتىگە زور ھەسسە قوشۇۋاتقان ئاننا فوتۇگا خانىمنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا بەلگىلىك تەسىرى بولغان بىر سىياسىي شەخس ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ياۋروپا كونسېرىۋاتىپلار ۋە ئىسلاھاتچىلار پارتىيەسىنىڭ «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەڭ!» سەپەرۋەرلىكى پائالىيىتىنىڭ چاقىرىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادا ئەڭ ئېغىر باستۇرۇشقا دۇچ كېلىۋاتقان بىر خەلق بولۇپ قالغانلىقى ئىزاھلانغان.

چاقىرىقتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرى كۆپ خىل ئۇسۇللاردا دەپسەندە قىلىنماقتا. ئۇلارنىڭ دىنىي مۇراسىملارغا قاتنىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ، ناماز ئوقۇشلىرى چەكلىنىدۇ، ئۆزىنىڭ تىلىدا سۆزلىشىگە، ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى يېيىشىگە، بىر يەرگە جۇغلىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.»

چاقىرىقتا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق نازارەت سىستېمىسى، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىۋېتىلىش مەسىلىسى، جازا لاگېرلىرىدىكى تۈرلۈك زۇلۇملار، 5 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى، ئاياللارنىڭ تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسىگە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋى قۇل ئورنىدا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنىپ: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرنىڭ ئىرقىي، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىق بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. ھازىر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جاراڭلىق سادا بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىدىغان ۋاقتى كەلدى. ئۆتكەن يىلى ئىلھام توختىغا ‹ساخاروف مۇكاپاتى› نى بەرگەندىن بۇيان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان ھېچقانداق بىر ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىپ باقمىدى،» دېيىلگەن.

مەزكۇر پائالىيەتنىڭ چاقىرىقىدا ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نى قوبۇل قىلىپ ئۈلگە ياراتقانلىقى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكا، يېڭى زېلاندىيە، ئاۋسترالىيە، تەيۋەن ۋە ئەنگلىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ خىتاينىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشى لازىملىقىمۇ شەرھىيىلەنگەن. چاقىرىقتا «ئەگەر بىز ھېچقانداق بىر ھەرىكەت قوللانمىساق، كەلگۈسىدە ھەرگىزمۇ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قوغدىغۇچىسى دەپ قارالمايمىز. ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە چوقۇم تېخىمۇ كەسكىن بىر پوزىتسىيە قوللىنىشى لازىم،» دېيىلگەن.

د ئۇ ق نىڭ رەئىس ۋەكىلى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ توغرىسىدا پىكىر بايان قىلغاندا، «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەڭ!» سەپەرۋەرلىكى پائالىيىتىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى كۆپ خۇرسەن قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

«ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەڭ!» سەپەرۋەرلىكى پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغان ياۋروپا كونسېرىۋاتىپلار ۋە ئىسلاھاتچىلار پارتىيەسى «پاكىتلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەيدىغان ۋاقىتنىڭ ئاللىقاچان كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىۋاتقانلىقىنى» ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، ئۇلار ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنى «ئاۋازسىز قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇش» قا چاقىرغان. ئۇلار يەنە «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەڭ!» چاقىرىقى بېسىلغان ماسكىلارنى تارقىتىش، ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىغا ئوچۇق مەكتۇپلار يوللاش، ياۋروپا كېڭىشى ۋە كومىسسىيونىغا خەتلەر يېزىش ئارقىلىق خىتاينى ئۈنۈم بېرىدىغان يېڭىچە بىر جازا تەدبىرلىرى بىلەن جازالاشقا ئۈندەپ كەلمەكتە ئىكەن.