خىتاينىڭ سوت ھۆكۈمىتىدە «تېررورچى» دەپ تىلغا ئېلىنغان ئەخمەت قەشقەرلى ئاكىسى مەمەتئەلى ۋە سودىگەر ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىل بىلەن بولغان ئالاقىسى ھەققىدە توختالدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2021.03.29
خىتاينىڭ سوت ھۆكۈمىتىدە «تېررورچى» دەپ تىلغا ئېلىنغان ئەخمەت قەشقەرلى ئاكىسى مەمەتئەلى ۋە سودىگەر ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىل بىلەن بولغان ئالاقىسى ھەققىدە توختالدى 17-مارت كۈنى پەيزىۋاتتىكىسى قالغاچبىنام تۈرمىسىدە سودىگەر ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىل بىلەن بىرلىكتە مەخپىي سوتلانغان ۋە ئۇنىڭ شېرىكى دەپ قارالغان كىشى، تۈركىيە ۋەتەندىشى مەمەتئەلى قەشقەرلى ئەپەندى. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
Photo: RFA

17-مارت كۈنى پەيزىۋاتتىكىسى قالغاچبىنام تۈرمىسىدە مەخپىي سوتلانغان سودىگەر ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىل بىلەن بىرلىكتە سوتلانغان ۋە ئۇنىڭ شېرىكى دەپ قارالغان كىشى تۈركىيە ۋەتەندىشى مەمەتئەلى قەشقەرلى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى مەمەتئەلىنىڭ تۈركىيەدىكى ئىنىسى ئەخمەت قەشقەرلى بىلەن بولغان ئالاقىسى سەۋەبلىك ئەيىبلەنگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتنىڭ ھۆكۈمىدىمۇ ئەخمەت قەشقەرلى «تېررورچى» دەپ تىلغا ئېلىنغان. نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئەخمەت قەشقەرلى بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ كىملىكى ۋە مەزكۇر ئىككى مەھكۇم بىلەن بولغان ئالاقىسى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى 17-مارت كۈنى پەيزىۋاتنىڭ قالغاچبىنام تۈرمىسىدە ئېچىلغان مەخپىي سوت ھەققىدە بەرگەن ئۇچۇرىدا، سوتتا سودىگەر ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىل بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ شېرىكى دەپ قارالغان تۈركىيە ۋەتەندىشى مەمەتئەلى قەشقەرلىمۇ ئەيىبلەنگەن. ئىنكاستا دېيىلىشىچە، مەمەتئەلى قەشقەرلى سوت مەيدانىدا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئېغىر زەئىپلەشكەن ھالدا كۆرۈلگەن. ھەتتا سورالغان سوئاللارنىمۇ ئاڭقىرالمىغان. بىز قەشقەر ئوتتۇرا سوتقا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، تۇتقۇن مەمئەتئەلى قەشقەرلىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىمۇ مەلۇمات سورىدۇق. ئوتتۇرا سوت ئىجرائىيە بۆلۈمىنىڭ خادىمى، مەمەتئەلىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن مەزكۇر دېلوغا ئالاقىدار مەسئۇل خادىمنىڭ ئىشخانىدا يوقلۇقىنى بايان قىلدى، ئەمما مەمەتئەلى قەشقەرلىنىڭ سوتلانغانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى.

قولىمىزدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتنىڭ ھۆكۈمىدە بايان قىلىنىشىچە، مەمئەتەلى قەشقەرلى 2017‏-يىلى سودىگەر ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىلنىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇققا ياردەم بېرىش جىنايىتى» گە چېتىلىپ 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى تۇتۇلغانلىقى ۋە 2018‏-يىلى 7-‏ئايدا 15 يىللىق كېسىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان. ھۆكۈمنامىدە دېيىلىشىچە، مەمەتئەلى قەشقەرلىگە 15 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن ۋە 74 مىليون يۈئەنلىك مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىشقا بۇيرۇلغان. ھۆكۈمنامىدە تۈركىيەدىكى ئاتالمىش «تېررورچى» ئەخمەت قەشقەرلىنىڭ نامى تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتۈشتىن ئىلگىرىكى بويىچە «غوجائەخمەت ئىبراھىم» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىل بىلەن مەمەتئەلى قەشقەرلىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقىسى «تېررورچىلارغا ياردەم بېرىش» دەپ قارالغان.

ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئەخمەت قەشقەرلىنىڭ بۈگۈن، يەنى 29-مارت كۈنى رادىيومىزمىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئەسلىدە قەشقەر شەھىرىدىن بولۇپ، ئۇ 18 يېشىدىن باشلاپ يەنى 33 يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە ياشىماقتا. ئۇنىڭ ئاكىسى مەمەتئەلى قەشقەرلى 1989-يىلى تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن ۋە تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 2001‏-يىلدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدە دۇكان ئاچقان. نۆۋەتتە 4 پەرزەنتنىڭ ئاتسى بولغان مەمەتئەلى قەشقەرلىنىڭ ئايالى خىتاي نوپۇسى بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى تىجارىتىنى ساغلام داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، تۈركىيەدىكى ئىنىلىرى بىلەن پەقەت تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن، لېكىن تىجارەتتىمۇ ھەمكارلىشىشتىن ئۆزىنى تارتقان. ئەخمەت قەشقەرلى ئىستانبۇلدا ساياھەت بۇيۇملىرى سودىسىنى قىلغان بولسا، مەمەتئەلى قەشقەرلى ئۈرۈمچىدە كىيىم-كېچەك سودىسى قىلغان. ئۇ كۆرسەتكەن بارلىق ئېھتىيات تەدبىرلىرىمۇ، ئۇنى قاماققا ئېلىنىشتىن ساقلاپ قالالمىغان.

ئەخمەت قەشقەرلى، يېقىنقى 4 يىللىق ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە ئاساسەن ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ سوت ھۆكۈمىدە تېررورچى دەپ ئاتالغىنىغا ھەيران قالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، ئۆزىنىڭ ھازىرغا قەدەر، ھېچقانداق بىر تەشكىلاتقا ئەزا بولمىغانلىقى، تىجارەتتىن باشقا پائالىيەتلەرگە قېتىلىشقا ئىمكانىمۇ بولمىغانلىقى؛ تۈركىيە تەرەپتىنمۇ ھېچقانداق بىر جىنايەت گۇمانى بىلەن سوراققا تارتىلىپ ياكى چاقىرتىلىپ باقمىغانلىقىنى بايان قىلدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پەقەت ئاكىسى مەمەتئەلى ياكى سودىگەر ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىلنى جازالاش ئۈچۈنلا، ئۆزىگە تېررورلۇق قالپىقى كىيدۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئەخمەت قەشقەرلى، ئاكىسى ھەققىدە يېقىندا ئېچىلغان سوتتىن رادىيومىز ئارقىلىق خەۋەر تاپقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئاكىسى تۇتقۇن قىلىنغان 4 يىلدىن بۇيان، تۈركىيەنىڭ ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن ئاكىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلىپ كەلگەن، ئەمما ئاكىسىنىڭ دېلوسىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتمەسلىك نىيىتىدە ئەھۋالنى ئاخباراتقا ئاشكارىلاپ كەتمىگەن. ئاكىسىنىڭ 4 يىلدىن بۇيان ھەقسىز تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى، يۇقىرى سوتنىڭ ھۆكۈمى بىلەن قويۇپ بېرىلىشكە توغرا كەلگەندە، ئاكىسى چەتئەل ۋەتەندىشى بولغىنى ئۈچۈن، دائىرىلەرنىڭ تۆلەم تۆلەشتىن ئۆزلىرىنى تارتىپ، ئۇنىڭغا ئۈستىلەپ گۇناھ ئارتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئەخمەت قەشقەرلى، ئەمدىلىكتە ئاكىسىنىڭ تۈرمىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ئاشكارا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتنىڭ، سودىگەر ئابدۇجېلىل ۋە مەمەتئەلى قەشقەرلىلەر ھەققىدىكى ھۆكۈمىدە تېررورچى دەپ ئاتالغان ئەخمەت قەشقەرلىنىڭ كىملىكى ۋە ئۇنىڭ مەزكۇر ئىككى مەھكۇم بىلەن بولغان ئالاقىسى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.