ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن يەكەن ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ئەخەت سايىتنىڭ 20 يىللىق كېسىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى
2024.08.05
«28-ئىيۇل» ئېلىشقۇ قەتلىئامىدا خىتاي ئەسكەرلىرىدىن ئوق چىقارماسلىقنى تەلەپ قىلغان، يەكەن ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ئەخەت سايىتنىڭ 20 يىللىق كېسىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇنىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىشىگە، ۋەقە چىققان كۈنى مەيدانى ئېنىق بولماسلىق ۋە «تېررورچىلار» نى قانات ئاستىغا سېلىش ئاساسلىق سەۋەب بولغان. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بىر كىشىنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ داۋاملىق دوپپا ۋە كانۋا كۆڭلەك كىيىپ يۈرۈشىمۇ، ئەيىبلىمىدە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇترىتىش دەپ قارالغان.
خىتاي تور ئارخىپلىرىدىكى ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2005-يىلىدىن باشلاپ، بولۇپمۇ 2010-يىللىرىغا كەلگەندە، خىتاي ھاكىمىيەت قاتلىمىدا ئالاھىدە ئېتىبارغا ئېرىشكەن، دەسلەپتە قەشقەر كونا شەھەرگە، ئۇنىڭدىن كېيىن يەكەن ناھىيەسىگە ھاكىم بولغان ئەخەت سايىتنىڭ تەقدىرى، 2014-يىلىدىكى ئېلىشقۇ قەتلىئامىدىن كېيىن، يىلدىن-يىلغا يامانلاشقان. 2017-يىلى ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان ئەخەت سايىت، 2021-يىلدىن باشلاپ ھەر يىلقى «ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە قارشى ئىدىيەۋى كۈرەش» دولقۇنىدا زەربە نىشانىدىكى غوللۇق شەخسلەردىن بىرىگە ئايلانغان. 2023-يىلىغا كەلگەندە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئۇنىڭ ئىسمىنى باش رەتتە ئاتاپ تۇرۇپ، مەخسۇس تەنقىد ماقالىسى ئېلان قىلغان؛ ماقالىدا، ئۇنىڭ ئىسمى ئىلگىرى كېچىكتۈرمە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن سابىق مائارىپ نازىرى ساتتار ساۋۇت بىلەن يانمۇ يان تىلغا ئېلىنغان.
«ئىككى يۈزلىمىچى ئەخەت سايىتتىن چېگرانى ئايرىش» مەزمۇنىدىكى بۇ ماقالىدا ئەخەت سايىت، «قارا نىيەت، ھىيلىگەر، تەكەببۇر ۋە ئۆزگەرمەس ئىككى يۈزلىمىچى» دەپ سۈپەتلەنگەن.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار، ئۆز ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر كىشىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئەخەت سايىت ئەينى چاغدا، خىتاي ئەسكەرلىرىنى ئوق چىقارماسلىققا چاقىرىشىنى، گۆرۈگە ئېلىنغان ئىككى ئەمەلدارنى قوغداش ئۈچۈن دەپ چۈشەندۈرگەن ۋە بۇ چۈشەندۈرۈش توغرا كۆرۈلگەن. ئەمما 2017-يىلىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ بۇ چۈشەندۈرۈشىگە گۇمان بىلەن قارالغان ۋە ۋەقە چىقارغۇچىلارنى قانات ئاستىغا ئېلىش دەپ چۈشىنىلگەن.
ۋەقەدە گۆرۈگە ئېلىنغان ۋە خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ قارا-قويۇق ئوقىدا ئۆلگەن غۇلام توختى ۋە ئابدۇغېنى تۇرسۇننىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىمۇ، شۇ چاغدىلا، بەزى دائىرىلەرنىڭ ئەخەت سايىتنىڭ مەزكۇر چۈشەندۈرۈشىگە گۇمان بىلەن قارىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن ئىدى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ يەنە بايان قىلىشىچە، 2017-يىلدىكى «ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە زەربە بېرىش» ھەرىكىتىدە، ئەخەت سايىتنىڭ تۇتقۇننىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى توسۇشقا ئۇرۇنۇشىدىن باشقا، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا دوپپا ۋە كانۋا كۆڭلەك كىيىپ يۈرۈشىمۇ، كىشىلەرنى ئاستىرتىن «مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇترىتىش» دەپ قارالغان. يەكەن ناھىيە بازىرى ساقچىخانىسىنىڭ بىر ياردەمچى ساقچىسى، ئەخەت ھاكىمنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبلىرى ئارىسىدا چەكلەنگەن بىر كۆڭلەكنى كىيىشىنىڭمۇ سەۋەب بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى ئېيتىدۇ.
توردىكى ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەخەت سايىت قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىگە ھاكىم مەزگىلدە، «شاۋگۈەن ۋەقەسى» يۈز بەرگەن. بۇ، ئۇيغۇر تارىخىدىكى چوڭ ۋەقە «5-ئىيۇل» قىرغىنچىلىقىغا تۈرتكە بولغانىدى. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى، ئەخەت سايىتنىڭ 2009-يىللىرى، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يوللاشنىڭ توغرىلىقىنى تەكىتلەپ كۆپ قېتىملاپ ئاخبارات زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلغان، ئەمما 2017-يىلىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ شۇ يىللىرى ھۆكۈمەتنى ئاقلاپ ۋە ياقىلاپ قىلغان بۇ سۆزلىرىنىڭ ھېچبىرى ئېتىبارغا ئېلىنمىغان؛ ئەكسىچە، قەيەرگە قەدىمى تەگسە شۇ يەردە چوڭ ۋەقە چىقىدىغان «ئايىغى ياراشماس» كىشى قاتاردا سوغۇق ۋە گۇمانىي نەزەردە قارالغان.
نەتىجىدە، ئۇ ھەقتىكى «جىنايى» پاكىتلار ھەسسىلەپ كۆپىيىپ، «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىر «جىنايەتچىلەر» قاتارىدا 20 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.
قەشقەر تۈرمىسىنىڭ ساقچى ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان بىر خادىم، سابىق ھاكىم ئەخەت سايىتنىڭ 20 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى دەلىللىدى.
يۇقىرىدا، ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن سابىق ھاكىم ئەخەت سايىتنىڭ 20 يىللىق كېسىلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.