ئۇيغۇرلار بىر شوئار بىر لوزۇنكا بىلەن خىتاينىڭ دەنھاگتىكى چاغانلىق سەھنىسىدە نارازىلىق بىلدۈردى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىملىق چاغان بايرىمى مەزگىلىدە، ھەر تۈرلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىمۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى يېپىش تەشۋىقاتىنىڭ سەھنىسىگە ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم. قەشقەرنى خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيەسىنىڭ چاغان كېچىلىكىنى نەق مەيداندىن تارقىتىش سەھنىسىنىڭ بىرى قىلغان بولسا، خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىدە ھەتتا چەت ئەللەردىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئۆتكۈزگەن چاغان تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدىمۇ، خىتايلارنى ئۇيغۇرچە كىيىم كىيدۈرۈپ ياساپ سەھنىگە ئېلىپ چىقىشىنى داۋاملاشتۇرماقتا. خىتاينىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىمۇ بۇ كۈچەپ تەشۋىقات قىلىنماقتا ئىدى.

ھالبۇكى 24-فېۋرال گوللاندىيەنىڭ گائاگا يەنى دەنھاگ (Den Haag) شەھەرلىك ھۆكۈمەت زالىدا، خىتاي كونسۇلخانىسى ۋە خىتاي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆتكۈزگەن چاغانلىق بىرلەشمە پائالىيىتىدە، ئەنە شۇنداق ئۇيغۇرچە كىينگەن خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئوينىشى يۈز بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. بۇ ۋاقىتتا قولىدا «شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ بىر قىسمى ئەمەس» دېگەن لوزۇنكىنى كۆتۈرگەن بىر ئۇيغۇر تۇيۇقسىز سەھنىگە چىققان ۋە «خىتاي ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى توختات! » دەپ شوئار توۋلىغان. بۇ ھەقتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ۋىدىيولاردىن قارىغاندا، نەق مەيداندا چاغاننى تەبرىكلەۋاتقان خىتايلار نېمە قىلارىنى بىلمەي گاڭگىراپ قېلىشقان، ئاندىن تەرەپ-تەرەپتىن يوپۇرۇلۇپ كېلىپ بۇ ئۇيغۇر پائالىيەتچىنى ئىتتىرىشىپ، ئۇنى سەھنىدىن چۈشۈرۈۋېتىش ئۈچۈن بىر ھازا ھەپىلەشكەن. بۇ يىگىت تاكى سەھنىدىن ئىتتىرىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنگە قەدەر شوئار توۋلاشنى توختاتمىغان.

بىر ئۇيغۇر پائالىيەتچى خىتاينىڭ گوللاندىيەنىڭ گائاگا يەنى دەنھاگ (Den Haag) شەھەرلىك ھۆكۈمەت زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن تاۋۇز چاغىنى پائالىيىتىدە سەھنىدىن چۈشۈرۈۋېتىلگەن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 24-فېۋرال، گائاگا
بىر ئۇيغۇر پائالىيەتچى خىتاينىڭ گوللاندىيەنىڭ گائاگا يەنى دەنھاگ (Den Haag) شەھەرلىك ھۆكۈمەت زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن تاۋۇز چاغىنى پائالىيىتىدە سەھنىدىن چۈشۈرۈۋېتىلگەن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 24-فېۋرال، گائاگا (سۈرەت مەنبەسى: X)

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردىن گوللاندىيەدە خىتايلارنىڭ چاغان تەبرىكلەش پائالىيىتىگە بۆسۈپ كىرگەن پائالىيەتچى ئابدۇراخمان ئۇيغۇر ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر يىگىت بولۇپ، -24 فېۋرال ئۇ ئۆزىنىڭ فەيسىبوك بېتىگە بۇ ھەقتىكى ۋىدىيونى ھەمبەھىرلەپ، مۇنداق دەپ قىسقىچە ئىزاھات يازغان: «بۈگۈن گوللاندىيە دەنھاگ شەھىرىدە دەنھاگ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا خىتايلارنىڭ چاغان تەبرىكلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى، بۇنىڭغا قارىشى نامايىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. خىتاينىڭ چاغان تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ بىرىنچى قىسمى ئاخىرلىشىپ خىتاي رەھبەرلىرى رەسىمگە چۈشۈۋاتقاندا، سەھنىگە چىقىپ قولۇمدا ‹شەرقى تۈركىستان خىتاينىڭ بىر پارچىسى ئەمەس› دېگەن لوزۇنكىنى كۆتۈرۈپ:

‹خىتاي ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى توختات! › دەپ ۋارقىرىدىم. ئارقىدىن ساقچىلار تۇتۇپ ساقچىخانىغا ئاپاردى، جەرىمانە قويدى، ئاندىن چىقىرىۋەتتى.»

بىز گوللاندىيەدىكى بۇ ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇراخمان ئۇيغۇرنى تاپتۇق. ئۇ سەھنىدە كۆرسەتكەن بۇ تىنچ يولدىكى نارازىلىقىنى ئىنتايىن يوللۇق دەپ قارايدىكەن. ئۇ گەرچە خىتايلارنىڭ شىكايىتى بىلەن گوللاندىيە ساقچى پونكىتىغا ئېلىپ بېرىلىپ، سوراق قىلىنىپ ۋە جەرىمانە تۆلەيدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇشتىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ قىلچە پۇشايمىنى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، «خىتاينىڭ يالغانلىقىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پاش قىلىدىغان يەنە باشقا پۇرسەت بولسا، يەنە قىلىمەن» دېدى.

ئابدۇراخمان زىيارىتىمىز جەريانىدا، «بۇ قەھرىمانلىق ئەمەس، مىللىتى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقان ھەر قانداق ئۇيغۇرنىڭ بۇرچى» دېگەننى تەكرارلاش بىلەن بىرگە ئەگەر گوللاندىيەدىكى ئابدۇرېھىم غېنى، ئېرشات، ئېلىجان، زەينۇرە، قۇربانجان قاتارلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ھەمكارلىقى بولمىغان بولسا، بۇ نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز 24-فېۋرال خىتاي تەشكىلاتلىرى دەنھاگ ھۆكۈمەت بىناسىدا چاغاننى تەبرىكلەۋاتقاندا، سىرتتا خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۇيۇشتۇرغان ۋە چاغان سەھنىسىدە ئابدۇراخمان بىلەن ھەمكارلىشىپ بۇ نارازىلىق ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغان ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ : «خىتايلارنىڭ گوللاندىيەدىكى قانۇن ۋە ئەركىنلىكنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، تەتۈر تەشۋىقات قىلىش غەرىزىگە يەتكۈزمەسلىك پىلانىمىز ئىشقا ئاشتى. بۇ، قېرىنداشلارنىڭ ھەمكارلىقى ۋە پىداكارلىقىنىڭ نەتىجىسى، تىنچ يولدىكى قارشىلىق كۆرسىتىشىمىز ئەڭ ئاچقۇچلۇق رول ئوينىدى» دېدى.

ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ چاغانلىق پائالىيەتنى خىتاي كونسۇلخانىسى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنى ھىمايە قىلىدىغان خىتاي تەشكىلاتلىرى ئۇيۇشتۇرغان دەپ قارايدىكەن. ئۇلار خىتاي كونسۇلخانىسى ۋە بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەر ئۈستىدىن ئابدۇراخمانغا زوراۋانلىق ئىشلەتكەنلىكى ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇش تەييارلىقى قىلماقتا ئىكەن.

بىز گوللاندىيەدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ، دەنھاگتا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ نارازىلىق ھەرىكىتىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى سوراش ئۈچۈن، ئۇلارغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ھازىرغىچە جاۋاب ئالالمىدۇق.

گوللاندىيەمۇ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان دۆلەت ۋە پارلامېنتلارنىڭ بىرى بولۇپ، گوللاندىيە پارلامېنتى 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلغان. بۇنىڭ بىلەن گوللاندىيە پارلامېنتى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدىن تۇنجى قېتىم «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلغان دۆلەت پارلامېنتى بولۇپ قالغانىدى.

گوللاندىيە يەنە قەلبىنۇر سىدىق ۋە ئۆمەر بېكئالىدەك لاگېر شاھىتلىرىنى ھىمايىسىگە ئالغان دۆلەت شۇنداقلا بۇ يەردە ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلانغۇچىلىرى ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ سانىمۇ ئاشماقتا. گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر ياش پائالىيەتچىلەرنىڭ جاسارىتىدىن تەسىرلەنگەن لاگېر شاھىتى ئۆمەر بېكئالى بۇ ھەقتە گوللاندىيەدىن رادىيومىزغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ يەنىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارغا ئىلھام ۋە جاسارەت بېرىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

گوللاندىيەدىكى ئابدۇراخمان ئۇيغۇر ۋە ئابدۇرېھىم غېنى قاتارلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ، خىتايلارنىڭ چاغاننى باھانە قىلىپ ئېلىپ بارماقچى بولغان تەتۈر تەشۋىقاتىنى سۇغا چىلاشتۇرغانلىقى، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ۋىدىيو ۋە ئۇچۇرلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن ئىنكاسلىرىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ كۆرۈنۈش ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنى كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن كەڭ تارقىتىلماقتا.