ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا تۇنجى قېتىم خەلقئارا مۇنازىرە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

22-ئاپرېل كۈنى «ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ خەلقئارا مۇنازىرە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى.

تور ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن ۋە ئۈچ سائەت داۋاملاشقان يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى تىنچلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لياۋ تيەنچى خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۇيغۇر تىلىدا قىسقىچە ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلىگەندىن كېيىن، يىغىن رىياسەتچىسى لياۋ تيەنچى خانىم ئېچىلىش سۆزى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈن چاقىرغان ‹ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ خەلقئارا مۇنازىرە يىغىنى› مىڭجىڭ تېلېۋىزىيەسى ئارقىلىق نەق مەيداندىن تارقىتىلىۋاتىدۇ. بىزنى قوللىغان تېلېۋىزىيەگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز. بۈگۈنكى بۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەر قايسىي جايلىرىدىن كۆپ ساندىكى قىممەتلىك سىياسىيونلار، مۇتەخەسسىسلەر ئىشتىراك قىلماقتا. ئەڭ مۇھىمى بۇ قېتىمقى يىغىننى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيۇشتۇرغان بولغاچقا كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار سۆز قىلماقچى. مەسىلەن، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم قاتارلىق رەھبەرلەر سۆز قىلماقچى. خىتايلاردىنمۇ مۇھىم مۇتەخەسسىسلەر، ژۇرنالىستلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، تەيۋەنلىك پارلامېنت ئەزالىرىمۇ نۇتۇق سۆزلىمەكچى. ئەڭ مۇھىمى ئەنگىلىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى نۇسرەت غەنى خانىممۇ سۆزلىمەكچى. دېمەك، بۇ قېتىمقى يىغىن دۇنيانىڭ ھەر قايسىي دۆلەتلىرىدىكى نۇرغۇن مۇھىم شەخىسلەرنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىگە ئېرىشتى.»

تور ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ خەلقئارا مۇنازىرە يىغىنى» دا ئەنگلىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى نۇسرەت غېنى خانىم سۆزلىمەكتە. 2021-يىلى 22-ئاپرېل.

يىغىن رىياسەتچىسى لياۋ تيەنچى خانىم ئېچىلىش سۆزىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «2020-يىلى ئېلان قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. لېكىن كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ باشقا مىللەتلەرگە بۇنداق سىياسەت ئېلىپ بېرىشى يېڭى بىر ئىش ئەمەس. خىتاي كومپارتىيەسى ئۆز مىللىتىدىن بولغان خوڭكوڭلۇقلارغىمۇ مۇشۇنداق باستۇرۇش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسى تەيۋەن ئۈچۈنمۇ بۈيۈك بىر خەۋپ پەيدا قىلماقتا. 21-ئەسىردە خىتاينىڭ بۇنداق سىياسەت ئېلىپ بېرىشى دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈنمۇ خەۋپ پەيدا قىلماقتا. ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيە ۋە ئەنگىلىيە بۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتتى. مېنىڭچە، بۇ توغرا ئاتالغۇ.»

ئارقىدىن د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزاسى نۇسرەت غەنى خانىم، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرىي تۈركەل ئەپەندى، تەيۋەننىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ۋاكالەتچىسى شيې جىۋېي ئەپەندى قاتارلىقلار سۆز قىلدى. تەيۋەن پارلامېنت ئەزاسى لىن چۇيىن خانىم ھازىر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، تەيۋەنلىكلەرمۇ خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بىر خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئۈچۈن 23-ئاپرېل كۈنى تەيۋەن پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نى قۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى. تەيۋەن پارلامېنت ئەزاسى لەي شياڭلىڭ خانىم نۇتۇقىدا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ تەيۋەن ئۈچۈنمۇ ئەڭ زور خەۋپ ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ ۋە تەيۋەنلىكلەر ئەركىنلىك، دەموكراتىيە ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئارقىدىن ئاۋۇستراليە، ياپونىيە ۋە بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن بەزى سىياسىيونلار ھەمدە دېموكراتىيەنى ياقلايدىغان خىتايلار سۆز قىلىپ، خىتاي خەۋپىنى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمنى ئاڭلاتتى.

«ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ خەلقئارا مۇنازىرە يىغىنى» دا 1989-يىلى تىيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ لىدېرلىرىدىن بولغان ئۆركەش دۆلەت بىلەن ۋاڭ دەن، گېرمانىيەدىكى تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى جاسنا كائۇسەۋىك خانىم، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىملارمۇ سۆز قىلدى.

يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارالاشقان بىر پەيتتە بۇنداق بىر يىغىننى چاقىرىشتىكى مەقسەتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى چەت ئەلدىكى خىتايلار بىلەن ئۇيغۇر ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىننى قىسقىچە 3 ماددىدا خۇلاسلاپ ئۆتتى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى بىر يىغىن بىلەنلا ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، بۇنداق يىغىنلارنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ چاقىرىلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى د ئۇ ق ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ خەلقئارا مۇنازىرە يىغىنى» نىڭ ياخشى بىر باشلانغۇچ بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىغىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق يىغىن ئىكەن.