تۈركىيەدە كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلار بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقان مەزگىلدە تۈركىيەدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ياردەمگە موھتاج ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىش پائالىيىتى كۈنسايىن كۈچەيمەكتە.
ۋۇخەندىن تارقالغان كورونا ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنيادا كۆپ ساندا كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى ۋە ئۇلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كەلدى. بۇ ئاپەت مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى ۋە بەلكى قازاقىستاندىن قالسا ئۇيغۇرلار نىسبەتەن كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان تۈركىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارغا ھەر جەھەتتىن زور قىيىنچىلىقلار پەيدا قىلماقتا. بۇ سەۋەبلىك تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان فوندى، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن فوندى ۋە شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئائىلىسىگە ئۇن، ياغ، گۈرۈچ، پۇل ۋە بوۋاق كىيىم-كېچەكلىرى تارقىتىپ بەرگەن. ئۇلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلەر 200 ئائىلىگە يەتكەن. مەزكۇر 3 تەشكىلاتقا ۋاكالىتەن ياردەم بۇيۇملىرى تارقىتىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى رەئىسى ئىلھان تۇرانلى ئەپەندى تەشكىلاتلارنىڭ 4 يىلدىن بۇيان قىيىنچىلىقى بار ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ئىقتىسادىي ۋە باشقا جەھەتتىن ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، 11-مارت كۈنى تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم كورونا ۋىرۇسى بايقىلىشتىن بۇرۇن 120 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئائىلىگە ياردەم تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈشى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، 2011-يىلى سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمەت تېپىش، تىجارەت ئىشلىرى ئاسان بولغاچقا ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئىنتايىن ئاز ئىدى.
2014-2016-يىللىرى تايلاند ۋە مالايسىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كۆپ ساندا ئۇيغۇر كۆچۈپ كەلدى. بۇلارنىڭ كۆپى سەپەر جەريانىدا ئىقتىسادىدىن ئايرىلىپ قالغانىدى. بەزىلىرىنىڭ يولدىشى، ئاتا-ئانىلىرى ۋەتەندە تۈرمىدە قامالغان يېتىم-يېسىر، تۇل ئاياللار ئىدى. مەزكۇر ئۈچ تەشكىلات ھازىرغىچە تۇل خوتۇن، ياشىنىپ قالغان، كېسەلچان، يېتىم-يېسىر ۋە ئىگە-چاقىسىز كىشىلەرگە ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقانىكەن. لېكىن، تۈركىيەدە كورونا ۋىرۇسى يامراشقا باشلانغاندىن كېيىن كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئىشسىز قېلىپ ئۆيىنىڭ ئىجارە پۇلىنىمۇ تۆلىيەلمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. ئىلھان تۇرانلى كورونا ۋىرۇسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن ياردەم تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر ئائىلىلەرنىڭ سانىنىڭ ئىككى يۈزگە چىققانلىقىنى، ئۇلارغا 35 مىڭ تۈرك لىراسىلىق تاللا بازار كارتىسى، 45 مىڭ تۈرك لىراسى قىممىتىدە ئۇن، ياغ، گۈرۈچ ۋە ئاياغ تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
تۈركىيەدە كورونا ۋىرۇسى بايقىلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، يەنى 17-مارت كۈنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى مەكتەپلەرنى تەتىل قىلىپ، ئاشخانىلارنى تاقاپ، مەجبۇر بولمىغان كىشىلەرنى سىرتقا چىقماسلىققا چاقىرىق قىلغانىدى. ھازىر بازارلار، تىجارەت مەركەزلىرى تاقالدى. تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ياكى ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلار خىزمەتلىرىنى يوقىتىپ قويدى. ئۇلار ھەتتا ئۆيلىرىنىڭ ئېلېكتر، سۇ ۋە گاز پۇللىرىنى تۆلىيەلمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. ئىلھان تۇرانلى ئەپەندى بەزى تۈرك ياردەم تەشكىلاتلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ 35 ئائىلە ئۇيغۇرنىڭ پۇلىنى تۆلەپ قويغانلىقىنى، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە بۇ ساننىڭ كۆپىيىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۈچ تەشكىلات تارقاتقان ياردىمىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ساباھەت خانىم تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇرۇن كۈنلۈك ئىشلەپ تۇرمۇشىنى قامداۋاتقانلىقىنى، ئەمما كورونا ۋىرۇسى تارقالغاندىن كېيىن خىزمىتىمۇ يوق، قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، بۇنداق بىر پەيتتە ياردەم قولىنى سوزغان تەشكىلاتلارغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، مەزكۇر تەشكىلاتلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن قەلبىنۇر خانىم كورونا ۋىرۇسىدىن كېيىن تۇرمۇشىنىڭ قىيىن بولۇۋاتقانلىقىنى، ياردەم قىلغان تەشكىلاتلارغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئىلھان تۇرانلى ئەپەندى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار كورونا ۋىرۇسىدىن كېيىن ئىقتىسادىي جەھەتتىن زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى، قولىدا بار ئۇيغۇرلارنىڭ بۇلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇشى كېرەكلىكىنى، ياردەم قىلىشنى خالىغانلار ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان فوندى، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن فوندى ۋە شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىلەشسە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان فوندى رەئىسى مۇھىتتىن جانۇيغۇر ئەپەندى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىن دەۋرىدىن ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، بۇ ئۆتكۈنچى مەزگىلدە دۇنيادىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بۇلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.
تۈركىيەدە 3 مىليون 860 مىڭ سۈرىيەلىك ۋە ئىراق، ئافغانىستان، ئىران، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن بولۇپ جەمئىي 5 مىليون مۇساپىر بار ئىكەن. سۈرىيەلىكلەر ھەقسىز داۋالىنىش ۋە ئىقتىسادىي ياردەمدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان بولسىمۇ باشقا چەتئەللىكلەر پايدىلىنالمايدۇ. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇزۇندىن بۇيان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ تېخىگىچە ھەل بولمىدى.
0:00 / 0:00