تۇنجى قېتىملىق «خەلقئارا سېكۇلار (دىندىن خالىي) ئۇيغۇر ياشلار قۇرۇلتىيى» ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن 10-ئۆكتەبىردىن 15-ئۆكتەبىرگىچە پارىژدا ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر پائالىيەتكە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن، جۈملىدىن ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا، گېرمانىيە، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، شىۋېيتسارىيە، فىنلاندىيە، تۈركىيە، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن يېشى 18-ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان 70 كە يېقىن ئۇيغۇر ياش قاتناشقان.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى مەسئۇلى دىلنۇر رەيھان خانىمنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، پائالىيەتنى پارىژ شەھىرى 19-ۋە 20-رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئالاھىدە قوللىغان. پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى پارىژ شەھىرى 19-رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، قالغان كۈنلىرىدىكى بارلىق پائالىيەتلەر 20-رايونلۇق ھۆكۈمەت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن.
پائالىيەتتە ئىككى چوڭ لېكسىيە ۋە نۆۋەتتىكى قىزىق نۇقتىلىق تېمىلار ھەققىدە ئون خىلغا يېقىن كۇرس ئورۇنلاشتۇرۇلغان. فىرانسىيەدە كەڭ تونۇلغان ھەمدە ياشلار تەرىپىدىن ئالاھىدە ئالقىشلانغان ياش فىرانسۇز زىيالىيلار ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مۇستەملىكىچىلىك، ئازسانلىقلاشتۇرۇلغان خەلقلەر، ئىرقچىلىق ۋە نۆۋەتتىكى بەزى ئېقىملار ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىگەن.

پائالىيەت باشتىن-ئاخىر ناھايىتى يۇقىرى كەيپىياتتا داۋام قىلغان. لېكسىيە ۋە كۇرسلاردىن كېيىن ياشلار پارىژ شەھىرىنىڭ مۇھىم ساياھەت نۇقتىلىرىنى ئايلىنىش ۋە مۇزېيلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياشلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پائالىيەتنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن مەشرەپ ۋە پارىژ ئانا تىل ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن پائالىيەتلەر ئۇلاردا ئۇنتۇلماس تەسىرلەرنى قالدۇرغان.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى مەسئۇلى دىلنۇر رەيھان خانىم، مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان ياشلاردىن شىۋېتسىيەدىن كەۋسەر كۈرەش، ئاۋسترالىيەدىن مۇزەپپەر ئارسلان ئۇيغۇر، شىۋېيتسارىيەدىن رىزۋانا ئىلھام ۋە تۈركىيەدىن مەمەتتوختى ئاتاۋۇللانى بۈگۈنكى سۆھبەت پىروگراممىمىزغا تەكلىپ قىلدۇق.
پائالىيەت ھەققىدىكى مەزمۇنلارنىڭ تەپسىلاتىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار تۆۋەندىكى سۆھبىتىمىزدە بولسۇن.